كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ياشلىرىمىز - ياشلىرىمىز - باھانىنىڭ كېرىكى يوق سىزنىڭ ئورنىڭىز:

باھانىنىڭ كېرىكى يوق

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 12:09:04 كۆرۈلىشى: 9



  <باھانىنىڭ كېرىكى يوق> — بۇ ئامېرىكا غەربىي پوينت  ھەربىي مەكتىپى ئەمەل قىلىدىغان، ھەر بىر ئوقۇغۇچىدا ئورۇنلۇق بىلىنسىمۇ، باھانە كۆرسەتمەستىن ۋەزىپىنى ئامال قىلىپ ئورۇندايدىغان مۇشۇنداق ئىرادىنى تاۋلايدىغان مۇھىم مىزاندۇر.
  روۋان <باھانىنىڭ كېرىكى يوق> دېگەندىن ئىبارەت بۇ ئەڭ مۇھىم مىزاننى ئەڭگۈشتەر قىلغانلىقى ئۈچۈن مەكتۇپنى گارسىياغا يەتكۈزۈپ بېرەلىدى. ھەر قانداق كارخانىغا روۋاندەك مۇشۇنداق خادىملار كېرەك.
    مەن ئۈچۈن غەربىي پوينتتىكى تۇنجى دەرس - يۇقىرى يىللىقتىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كەسكىن ئاۋازدا يەتكۈزگەن بىلدۈرگۈسى بولدى. ئۇ ماڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى ياكى كوماندىرلار ئۇچراپ گەپ سوراپلا  قالىدىكەن: <خوپ، باشلىق>، <ياق، باشلىق>، <باھانىغا يول يوق، باشلىق>، <بىلمەيمەن، باشلىق> دېگەندىن ئىبارەت مۇشۇ تۆت تۈرلۈك جاۋابنىلا بېرىشكە بولىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر ئېغىزمۇ  گەپ قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
  ئۇ  <ئايىغىڭنى نېمىشقا سۈرتمىدىڭ؟> دەپ سورىغانتى، <ھە، ئايىقىم پاسكىنىمىكەن، سۈرتۈشكە ئۈلگۈرەلمەپتىمەن> دېدىممەن دۇدۇقلىغىنىمچە.  مېنىڭ بۇ جاۋابىم بىر پاتمان دەككىگە سەۋەب بولدى،  خالاس. دېمىسىمۇ كوماندىرنىڭ كۈتىدىغىنى پايتمىدەك سوزۇلغان، ئىيتى - مىيتى دەيدىغان ئۆزىنى ئاقلاش بولماستىن،  بەلكى 
    نەتىجە.  مەن  غەربىي پوينتنىڭ ئەسكەر باشلاپ جەڭگە چىقىشقا توغرا كەلگەندە، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر  باھانە كۆرسىتىشكە بولمايدىغانلىقى ھەمدە شۇ ئاخشىمىلا ئەسكەرلەرنىڭ ئانىلىرىغا خەت يېزىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق كارامەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ  يەتتىم. مەسىلەن: كۆرۈلىدىغان ئىشنى مۆلچەرلەش، شۇ ئىشقا قارىتا ھازىرلىقتا تۇرۇش تېگىشلىك بولغاچقا، شىركەتتىكى مىڭلىغان خادىملارنى بوشىتىشقا توغرا كەلسىمۇ، بۇنىڭغا باھانە كەتمەيدۇ — دە.
  <باھانىنىڭ كېرىكى يوق> —بۇ غەربىي پوينت ھەربىي مەكتىپى ئەمەل قىلىدىغان، ھەر بىر ئوقۇغۇچىدا ئورۇنلۇق بىلىنسىمۇ قىلچە باھانە كۆرسەتمەستىن،  ۋەزىپىنى ئامال قىلىپ ئورۇندايدىغان،   ئىرادىنى تاۋلايدىغان  ئەڭ مۇھىم مىزان بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىدا ھەر قانداق بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، مەقسەتكە يەتمىگىچە بولدى قىلمايدىغان مۇشۇنداق جاسارەتنى يېتىلدۈرۈش ئۇنىڭدىكى نىشان  بولسا؛ ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا: خىزمەتكە، مەغلۇبىيەتكە قىسقىسى پۈتكۈل ھاياتقا نىسبەتەن باھانە دەيدىغان نەرسىنىڭ مەۋجۇت  ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش ئۇنىڭدىكى نېگىزدۇر.
  <باھانىنىڭ كېرىكى يوق> — بۇ مىزاننىڭ بەك مۇتلەق، بەك شەپقەتسىز بىلىنىشى تەبىئىي، ئەمما ھاياتنىڭ مەڭگۈ شەپقەتلىك بولۇشى  مۇمكىن ئەمەس. قانداق مۇھىتقا دۇچ  كېلىشىڭدىن  قەتئىينەزەر،   ھەر بىر ھەرىكىتىڭ، ھەر بىر ئۇرۇنىشىڭغا مەسئۇل بولۇشۇڭ  كېرەك! سەن مەكتەپتىكى  چېغىڭدا ياش ئوقۇغۇچى بولغىنىڭ بىلەن كېيىن ئۆزەڭنىڭ، باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا  ھەتتا پۈتكۈل ئەلنىڭ ئامانلىقىغا ئارا تۇرۇشتەك مەسئۇلىيەتنى زىممەڭگە ئالىسەن. ھايات - ماماتلىق پەيتىدە سېنىڭ باھانىگە مۇراجىئەت قىلالىشىڭ مۇمكىنمۇ؟ مەغلۇبىيىتىڭگە  باھانە تاپتىڭ دېگەندىمۇ، ئۇنىڭ نېمە كېرىكى؟ مانا بۇلارنى غەربىي پوينتتىكى ھەر بىر كۇرسانت ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك. غەربىي پوينتتىن چىققان  ھەر بىر ئوقۇغۇچىدا ئىككىلەنمەس روھ، يىمىرىلمەس جاسارەت، ئىجرادىكى قالتىسلىق،  شۇنداقلا ھەر بىر مىنۇت، ھەر بىر دەقىقىنى غەنىمەت بىلىپ ھەر قانداق ۋەزىپىنى دېگەن قەرەلىدە ئورۇنداشتەك ئىشەنچ ۋە ئىخلاسنىڭ يېتىلىشى — بۇ <باھانىنىڭ كېرىكى يوق> دېگەندىن ئىبارەت مۇشۇ ئەقىدە جەھەتتىكى تاۋلىنىشنىڭ نەتىجىسىدۇر.
  پىشقەدەم مەكتەپداشلىرىمدىن نۇرغۇنى   <باھانىنىڭ كېرىكى يوق> دېگەندىن ئىبارەت بۇ ئەقىدىنىڭ قالتىس ئىجراچىلىرى ۋە شەرھىيىچىلىرىدۇر. باھادىر جەڭچى روۋان  ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇ <باھانىنىڭ كېرىكى يوق> دېگەن بۇ ئەڭ مۇھىم مىزاننى ئەڭگۈشتەر قىلغانلىقى ئۈچۈن مەكتۇپنى گارسىياغا يەتكۈزۈپ بېرەلىدى. باھادىر گېنېرال بادونمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. 1916 - يىلى ئامېرىكىنىڭ مىكسىكىغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى فەنش گېنېرالنىڭ كانىۋىيى بولغان بادون روۋاننىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەكتۇپ يەتكۈزۈشتەك ئەشۇنداق سەرگۈزەشتىنى تاماملايدۇ. بۇ جەريان ئۇنىڭ كۈندىلىك  خاتىرىسىدە تۆۋەندىكىچە قالدۇرۇلغان:
   <بىر كۈنى گېنېرال فەنش مېنى گېنېرال خوزغا مەكتۇپ يەتكۈزۈشكە تەيىنلىدى. بىزنىڭ گېنېرال خوزغا ئائىت ئىگىلىگەن بىردىنبىر  مەلۇماتىمىز ئۇنىڭ پۇروۋىي ئارقىلىق غەربىي رايون فېرمىسىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىدى. بىز گۇگۇم پەيتىدە فېرمىغا يېتىپ بېرىپ ئاتلىق  7 - پولكنىڭ ترانسىپورت ئەترىتىگە يولۇقۇپ، ئۇلاردىن ئىككى ئەسكەر، ئۈچ ئات ئالدۇقتە، بۇ ئەترەتنىڭ ھارۋىلىرى قالدۇرغان ئىزنى بويلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلىدۇق. ئانچە ماڭمايلا ئاتلىق 10 - پولىكنىڭ رازۋېدكىچىلىرىغا ئۇچرىدۇق. ئۇلار ئالدىمىزدىكى ئورمانلىقتا ۋىلىستالارنىڭ  يامراپ  كەتكەنلىكىنى، ئەمدى ماڭماسلىقىمىزنى ئېيتتى. بىز ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي جىلغىنى بويلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلىدۇق. يولدا بىز يەنە فېچىت گېنېرال قوماندانلىق قىلغان ئاتلىق 7 - پولكنىڭ بىر چارلاش ئەترىتىگە  يولۇقتۇق. ئۇلارمۇ جىلغىغا ۋىلىستالارنىڭ  تولۇپ كەتكەنلىكى، گېنېرال خوزنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىزنى ئىچكىرىلەپ مېڭىشتىن توسىدى. شۇنداقتىمۇ بىز داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ئاخىرى گېنېرال خوزنى تاپتۇق.>
  رايدون  دۇرىيسون سىرتقا تۇنجى قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا چىققاندا روتا كوماندىرى ئۇنى باتالىيون شىتابىغا بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر بىلەن كۆرۈشۈش، بەزى ئىشلار ھەققىدە يۇقىرىدىن يوليورۇق سوراش، خەرىتە، ئىشقارلىق تۇز دېگەندەك نەرسىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. گەرچە ئۇنىڭدا قانداق ئورۇنداش ھەققىدە ھېچقانچە تۇتقا بولمىسىمۇ،  بىراق يەتتە تۈرلۈك ۋەزىپىنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلاش ئىرادىسىگە كەپتۇ. دەرۋەقە ئىشلار ئاسانغا چۈشمەپتۇ. قىيىنچىلىق ئىشقارلىق تۇزنى ھەل قىلىشتا كۆرۈلۈپتۇ، دۇرىيسون تۇز تولۇقلاپ بېرىشكە مەسئۇل سېرگىئانغا سەۋەبىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي چۈشەندۈرۈپ،   ئەشۇ ئېھتىيات ئۈچۈن ساقلاپ قويغان تۇزدىن  ئازراق بۇيرۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئۇ سېرگىئانغا بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىپ قويۇپ بەرمەپتۇ. ئاخىرى  تۇزنىڭ ھەقىقەتەن مۇھىم ئورۇنغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپلا قالماستىن،  بەلكى تۇزنى بەرمىگىچە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمىگەن سېرگىئان بار تۇزدىن ئازراق بېرىپ ئارام تېپىپتۇ.
  دۇرىيسون قايتىپ كېلىپ روتا كوماندىرىغا دوكلات قىلغاندا ئۇ ھېچقانچە ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ،  بىراق يەتتە تۈرلۈك ۋەزىپىنى بىر يولى ئورۇنلاش ئادەتتىكى ئىش بولمىغاچقا، ئىچىدە ھەيران قالغان. باشقىچە ئېيتقاندا، دۇرىيسون شۇنچە كۆپ ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالماي قالسىمۇ، باھانە كۆرسەتسە ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى. بىراق ئۇ باھانە، يېڭىلىش دېگەنلەرنى خىيالىغا تۈپتىن يولاتمىغان.
  ئېچىنارلىقى، تۇرمۇشىمىز ۋە خىزمەتلىرىمىزدە يا ئۇنداق،   يا مۇنداق باھانىلەردىن قۇتۇلالمايمىز. قۇتۇلالمايمىزلا ئەمەس،  بەلكى بۇ باھانىلەر شۇنچىلىك بىمالالكى، ئۇلار خۇددى <ئىدراكنىڭ ساداسى>دەك، <ئەڭ ئاقىل كېڭەشچى>دەك ئۇ ئىشنى  قىلساڭ بولمايدۇ، بۇ ئىشنى قىلساڭ بىر باشقا چىقمايدۇ، دەپ ھەر قاچان قۇلاق تۈۋىمىزدە شىۋىرلىغىنى شىۋىرلىغان. ئىشقا كېچىكىپ قالساق <قاتناش قىستاڭ>، <سائىتىم توختاپ قاپتۇ>، <ئۆيدە تېنەش بولۇپ كەتتىم> دېگەندەك؛ كەسپىمىز يۈرۈشمىسە، خىزمەتلىرىمىز ئۇتۇقلۇق بولمىسا، <تۈزۈملەر ئۈنۈمسىز>، <سىياسەتلەر پايدىسىز>، <بار تىرىشچانلىقنى كۆرسەتتىم، ئەمدى نېمە ئامال؟> دېگەندەك باھانىلەر بىرىنىڭ كەينىدىن   بىرى تىزىلىپ تۇرىدۇ. ئىشنى نەس باسقۇزساق باھانە تەييار، ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىساقمۇ باھانە تەييار. ئىش قىلىپ كۆڭۈل قويساقلا باھانە دېگەن ساماننىڭ نەرقىدە. بىرەر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىساق، بىرەر ۋەزىپىنى ئادا قىلالمىساق، بىر ئەمەس، مىڭلىغان  باھانىلەر بىزگە ھەمدەمدە بولىدۇ،  باش پاناھ بولىدۇ. شىكايەت،  دۆڭگەش، تېرىكىش، زاماندىن زارلاش — بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن مەسئۇلىيەتتىن قېچىشنىڭ  تېپىلغۇسىز چارىلىرىدۇر. دېمەك، باھانە شۇنداق بىر قالقانكى، باشقىلارغا ئالا كۆڭۈللۈك، ئۆزىگە كەڭچىلىك قىلىدىغان؛ ئۇ شۇنداق بىر <ئۇنىۋېرسال قورال>كى، زەئىپلىكنى پەردازلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىدىغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن تالاي ۋاقىت، تالاي زېھىنلىرىنى قۇربان قىلىپ، ئۆز بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بىر ياققا قايرىپ قويىۋاتقانلار بىزدە كۈرمىڭ!
  ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى يوشۇرۇپ، تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى جەمئىيەتكە ياكى باشقىلارغا ئىتتىرىش — باھانىنىڭ بىردىنبىر   كوزىرىدۇر. بۇ ساقسىزلىققا گىرىپتار بولغانلارنىڭ كارخانىدا كارغا  كېلىدىغان،  ئۈمىد ۋە ئىشەنچ كۈتكىلى بولىدىغان خادىم بولالىشى، جەمئىيەتتە ھۆرمەت ۋە ئېتىبارغا مۇيەسسەر بولالىشى يوق گەپ.  بۇنداقلارغا يارىماس دەيدىغان تامغىنىڭ بېسىلغىنى - بېسىلغان.
  ئويلاپ بېقىڭ، بىرسى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتنى پۈتۈشۈپ قويغان تۇرۇقلۇق، كېچىكىپ كەلگىنى ئاز دەپ، يولدا توسۇلۇپ قالدىمەي، ئاچالدا ئادىشىپ قاپتىمىنەي دېگەندەك يالغان - ياۋىداق باھانىلەرنى توقىسا، سىز قانداق كەيپىياتتا بولارسىز؟ تۇرمۇشتا: بىر بولسا ئۈزلۈكسىز تىرىشىش، بىر بولسا ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى ئاقلاشتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى تۈرلۈك پوزىتسىيىلا  مەۋجۇت. ھە دېسىلا ئۆزىنى ئاقلايدىغانلار، بىر ئىشنىڭ گېپى چىقا - چىقمايلا  <مېنىڭچە، پەمىمچە، ئېھتىمالىم> دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ، ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئارانلا تۇرىدىغانلار بىلەن ھېچكىمنىڭ خوشى يوق، ئويلاپ باقايلى، بىز بۇنداق گەپلەردىن نېمىگىمۇ ئېرىشەرمىز؟
  دەرۋەقە، <قاتناش قىستاڭچىلىقى>دىن ئىبارەت بۇ مەسىلىنى ھەرگىز ھەل قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن، سىرتقى شارائىتنىڭ تەل بولۇشى  بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كېتەلىشىمىزمۇ ناتايىن، ئەمما شۇنىسى چوقۇمكى، ئىرادە قىلساقلا ئەينى مۇھىت، ئەينى شارائىتتىمۇ ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايمىز! باشقىلارنى ئۆزگەرتەلىشىمىز ياكى ئىدارە قىلالىشىمىز ناتايىن، بىراق شۇنىسى چوقۇمكى، ئىرادە قىلساقلا ئۆزىمىزنىڭ باھانىگە بولغان پوزىتسىيىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ، زىممىمىزدىكى ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا بولغان ئىشەنچىمىز ۋە شىجائىتىمىزنى تۇرغۇزالايمىز. ئەمەلىيەتتە باھانە دېگىنىمىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز تېڭىۋالغان <رودىپاي> بولۇپ، شارائىت ھەرقانچە جاپالىق بولسىمۇ، چىدام بىلەن غەيرەتنى ياراق قىلىپ، تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلەرنى دادىللىق بىلەن زىممىمىزگە ئالساقلا، باھانىدىن ئىبارەت بۇ مەرەزنى جەزمەن بەربات قىلالايمىز.
  <باھانىنىڭ كېرىكى يوق!> — بۇ مىزاننى شەپقەتسىز دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. مۇبالىغىدەك بىلىنسىمۇ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرۈشىمىز مۇمكىن. بىر مىنۇت كېچىككەنلىكىڭىز تۈپەيلىدىن،  رەقىبىڭىزنىڭ ئوقىغا يەم بولسىڭىز، بۇ ھالدا باھانە تۇرماق ئۆزىڭىزنى نەدىن تاپارسىز؟ بۇنداق ئەھۋالنىڭ جەڭگاھتا، سودا رىقابىتىدە ھەر قاچان كۆرۈلۈشى  مۇمكىنغۇ!
  <باھانىنىڭ كېرىكى يوق!> — بۇ مىزاندىن ئىجرادىكى چەبدەسلىك  بىلەن قالتىسلىق تەپچىپ تۇرىدۇ. ھەرقانداق كارخانا روۋاندەك خادىملارغا موھتاجدۇر. ناۋادا باشلىق بولغۇچى مەلۇم ۋەزىپىنى بېجىرىش ھەققىدە  بۇيرۇق قىلسا، ئىجرا قىلىدىغان خادىم: <ئادەم بولمىسا قانداق قىلىمەنەي، ماشىنىنى ماڭغۇزۇشنى بىلمىسەمەي، خام ئەشيا تۈگىگەنتىيەي…> دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسەتسە، زەردىسى قاينىغان باشلىق: <بۇيان تۇر، ئۆزۈم قىلاي> دېسە، قانداق بولار؟ بۇنداق خادىملارنىڭ شاللىنىشىغۇ ئايرىم گەپ، بۇنداق خادىملار بار كارخانىنىڭ ئۆزىمۇ خەتەردە قالىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316