تاڭ ئەمدىلا سۇۈزۈلۈشكە باشلىغاندا، تۈۋرۈكلەر بىلەن قورۇقلانغان مەيداندا تېخى 10 ياشقا كىرمىگەن، كىيىملىرى جۇل _ جۇل، ئورۇقلاپ قورايدەك بولۇپ قالغان ئىككى ئوغۇل بالا مۇشتلاشقىلى تۇرۇپتۇ. بىر دەمدىن كېيىن قارا چاچلىق بالىنى پاكىنەك بالا ئۇرۇپ يىقىتىپتۇ. ئۇنىڭ بۇرنىدىن قان كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تىرمىشىپ قارشىلىق قىلىپتۇ. _ ئۇر، قاتتىق ئۇر، ئىچ ئاغرىتىما بۇ ئەبلەخقە! _ دەپ يەل بېرىپتۇ ياندا تۇرغان بىر بوۋاي پاكىنەك بالىغا. پاكىنەك بالا بۇنىڭدىن روھلىنىپ، ھېلىقى بالىنىڭ يۈزكۆزىگە تازا مۇشتلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قارا چاچلىق بالا مىدىرلىماي ئۆز جايىدا يېتىپ قېلىپتۇ. _ ياخشى، يارايسەن! _ دەپتۇ بوۋاي غالىپ كەلگۈچىنىڭ يەلكىسىنى قېقىپ ھەمدە بېرىپ يەنە بىر جۈپ مۇشتلىشىۋاتقان بالىنى دەي _ دەيگە سېلىپتۇ... مۇنداق ئىش سىپارتا قەلئەسىنىڭ مەيدانىدا ھەر كۈنى بولۇپ تۇرىدىكەن. بۇ بالىلار ئېلىشىشنى ئۆگىنىدىغانلار ئىكەن. ھېلىقى بوۋاي بولسا ئۇلارنىڭ مۇئەللىمى ئىكەن. سپارتا بالىلىرى يەتتە يېشىدىن 30 يېشىغىچە مۇشۇنداق قاتتىق مەشىق قىلدۇرۇلىدىكەن. سپارتا قەدىمقى يۇناننىڭ نەچچە يۈز قەلئەسى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قەلئە ئىكەن. قەلئە دېگەن بىر كىچىك دۆلەت بولۇپ، ئۇ شەھەرنى مەركەز قىلىدىكەن، ئەتراپدا يېزا بازارلىرى بار ئىكەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 8 - ئەسىردە، سىپارتانىڭ ئاقساقىلى يېقىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن قەبىلىلەرنى بوي سۇندۇرغان ھەمدە ئۇلارنى قۇل قىلىۋالغان ئىكەن. قۇللارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ياراملىق قوشۇن زورۇر بولۇپتۇ. شۇڭا بالىلار كىچىكىدىن تارتىپلا ھەربى تەلىم _ تەربىيە ئېلىپتۇ. سىپارتالىقلارنىڭ قارشىچە، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەر ۋە سودا ئىشلىرى بوي سۇندۇرۇلغان كىشىلەر قىلىدىغان ئىش ئىكەن، شۇڭا سىپارتالىقلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ھەربى ئىشلاردىن باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمايدىكەن. دېمەك، پۈتكۈل سىپارتا جەمئىيىتى بى رچوڭ ھەربى گازارمە بولغان ئىكەن. بوۋاق تۇغۇلغان ھامان ئاتا _ ئانىسى سۇ بىلەن ئەمەس، بەلكى ھاراق بىلەن يۇيۇپ، بوۋاقنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنى تەكشۈرىدىكەن. ئەگەر بوۋاقنىڭ تېنى تارتىشسا ياكى ھۇشىدىن كەتسە، ئۇنى قۇتقۇزمايدىكەن. بۇنىڭلىق بىلەن قالماي، بوۋاقنى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتكۈزىدىكەن. ئەگەر ئاقساقال بوۋاقنى بەدەن قۇۋۋىتىنى ياخشى ئەمەس ئىكەن، دەپ ھېساپلىسا، بوۋاقنى جىلغىدىكى زاراتكارلىققا ئېلىپ بېرىپ، تاشلاندۇق بوۋاقلار گۆدىڭىغا تاشلىۋېتىدىكەن. ئاقساقاللار ساغلام بوۋاقلارنىڭلار ھايات تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن، چۈنكى بۇنداق بوۋاقلار كەلگۈسىدە ياراملىق جەڭچى بولۇپ چىقىدىكەن. بالىلارنى يەتتە ياشقىچە ئاتا _ ئانىسى تەربىيىلەيدىكەن. ئاتا _ ئانىسى بالىلىرىنى ئەركە ئۆستۈرمەيدىكەن. بەلكى مۇمكىن قەدەر ئۇلارنى قانائەتمەن، شات _ خورام، يىمەك _ ئىچمەك بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان، كەپسىزلىك قىلمايدىغان، يىغلىمايدىغان يەنە كېلىپ زۇلمەت ۋە يالغۇزلۇقتىن قورقمايدىغان قىلىپ تەربىيىلەيدىكەن. يەتتە ياشقا كىرگەن بالىلار ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ئەترەتلەرگە قوشۇلۇپ، كوللىكتىپ ھالدا ھەربىي تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئەترەتلەر باشلىقى 20 ياشقا توشقان ياشلار ئارىسىدىن تاللانغان ئەڭ كەسكىن، ئەڭ جەسۇر كىشىلەر بولۇپ، بالىلار ئۇلارنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ تاپا - تەنىلىرى ۋە ئۇرۇش - تىللاشلىرىغا تاقەت قىلىدىكەن. ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ بالىلىرغا بولغان تەربىيىسى ئۇلاردا ئىتائەتچانلىق ۋە چىداملىقنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن. بالىلارنىڭ ھەربى تەلىم _ تەربىيىسىگە يېتەرلىك قىلىش ئۈچۈن، يەنە يېشى ھەممدىن چوڭ، كىشىلەر ھەممىدىن بڭ ھۆرمەت قىلىدىغان پۇقرالار ئارىسىدىن مۇئەللىم تەيىنلىنىدىكەن. مۇئەللىم دائىم قەستەنگە بالىلارنىڭ ئىززىتىگە تېگىدىغان گەپلەرنى قىلىپ، مەشقنى راست مۇشتلىشىشقا ئايلاندۇرۇرشقا تېرىشىدىكەن. چوڭلارمۇ بالىلارمۇ مۇشتلىشىشتا يارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدىكەن. ئاجىزلارغا سىپارتا جەڭچىلىرى ئارىسىدا ئورۇن يوق ئىكەن. ئۆزىنى قوغدىيالمىغان كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنى تۈزۈك، دەپ قارىلىدىكەن. بالىلارنىڭ جىسمانى جەھەتتە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ھەر قانداق بالا ھەر يىلى بىر قېتىم دۇمبالىنىدىكەن. بۇنداق دۇمبالاش، ئادەتتە، ھېيت - ئايەم كۈنلىرى خۇداغا باش ئۇرغان چاغلاردا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بالىلار بۇت ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرىدىكەن. ئاندىن قامچىلار ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىگە تاراسلاپ تېگىشكە باشلايدىكەن. بۇنى بىر ئايال ھاپىز نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇ قولىدا ئايال خۇدانىڭ ھەيكىلىنى تۇتۇپ، قاتتىق ئۇر ياكى بوشراق ئۇر دېگەن ئىشرىنى بىلدۈرۈپ، ھەيكەلنى گاھ ئىگىز كۆتىرىپ، گاھ تۆۋەن چۈشۈرىدىكەن، ھىچكىمنىڭ ۋاي _ دات دەپ ۋاقىرىشىغا يول قويۇلمايدىكەن. ئوغۇل بالىلار 12 ياشقا كىرگەندە بىر دەرىجە يۇقۇرى تەشكىلاتقا _ ئۆسمۈرلەر ئەترىدىگە كىرىدىكەن. بۇ ئەترەتكە كىرىشتىن ئىلگىرى ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن. ئىمتىھان ئېلىنىغان كۈنى پادىشاھ، ئاقساقاللار ۋە پۇقرالارنىڭ ھەممىسى كلېىپ كۆرىدىكەن. مۇشتىلىشىش ئىمتىھان مەزمۇنىلىرىنىڭ بىرى قىلىندىكەن. بالىلار قوللىرىغا ھېچ نەرسە ئالماي ئىككى سەپ بولۇپ ئەيرىلىپ، كوماندا بېرىلىش بىلەن تەڭ مۇشت ئېتىشىپ ۋە تېپىشىپ، ھەممىسى ئۆز باتۇرلۇقىنى، ھىلىسىنى ۋە رەھىمسىزلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. ئۆسمۈرلەر ئەترىدىگە كىرگەنلەرنىڭ تەلىم _ تەربىيىسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ تېخىمۇ قاتتىق ئىكەن. تۇرمۇشى تېخىمۇ قىيىنلىشىدىكەن. ھەممەيلەن بېشىغا ۋە پۇتىغا ھىچ نەرسە كىيمەيىكەن. مەيلى قىش مەيلى ياز بولسۇن، بىر يەكتەكلار كىيىدىكەن. ئوپچا ھالدا بوران ئۈستىدە ئۇخلايدىكەن. بۇنداق چىغ كورپىلەرنى ئۇلار دەريا بويىلىرىغا بېرىپ ئۆز قوللىرى بىلەن سۇندۇرۇپ كەلگەن (تىغ ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن) قۇمۇشتىن توقۇيدىكەن. ئۇلارنى ئاچلىققا كۆندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا ناھايىتى ئاز مىقداردا تاماق بېرىلىدىكەن ھەمدە ئۇلار «ياشاش» قا ئادەتلىنىشكە _ يىمەكلىك ئوغرىلاشقا مەجبۇر قىلىنىدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ تېخى ئۇلارنىڭ بوي تارتىشى، سەمىرىمەسلىكى، شۇنىڭ بىلەن زىلۋا چوڭ بولۇشى ئۈچۈنمىش. 20 ياشقا كىرگەن كىشى تەربىيە ئېلىش باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھەربى بولىدىكەن. لېكىن، 30 ياشتىن بۇرۇن، ئۇلار ھەر كۈنى ھەربى تەلىم - تەربىيىگە قاتنىشىدىكەن. 30 ياشتىن 60 ياشقا كىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، دائىمى ھەربى خىزمەت ئۆتەيدىكەن. دېمەك، سپارتالىقلار ئۆمۈر بويى ھەربى خىزمەت ئۆتەيدىكەن. ئۇلار ھەربى تەربىيىگە ئەھمىيەت بەرگەچكە، مۇقەررەر ھالدا مەدىنىيەت تەربىيىسىگە سەل قارىلىدىكەن. ياشلار خەت يېزىشنى ياكى ھەربى بۇيرۇقنى كورۇشنى بىلىسىلا بولىدىكەن. سىپارتادا قىز بالىلارغا باشقا بىر خىل تەربىيە ئۇسۇلى قوللىنىدىكەن. قىزلار بالىلار يەتتە ياشتىن ياتلىق بولغانغا قەدەر ئوغۇل بالىلارغا ئوخشاشلا، مېڭىش، مۇشتلىشىش، چويۇن توپ ئېتىش، نەيزە ئېتىش قاتارلىق تەنھەركەت تەربىيىسىنى ئالىدىكەن. دېمەك، قىزلار ساغلام بولۇپ چىنىقسا، ياتلىق بولغاندىن كېيىن تېمەن بالىلارنى تۇغىدۇ دېگەن مەقسەتتە، ئۇلارغا مۇشۇنداق تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. سىپارتا ئاياللىرى قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك جەھەتتە قەدىمقى يۇناندا خېلى داڭ چىقارغان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بىر ئايال جەڭگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئوغلىغا بىر قالقان بېرىپ: «بۇنى قولۇڭدىن چۈشۈرمە، بولمىسا بۇنى جىناھا قىل!» دەپ نەسىھەت قىلغان ئىكەن. بۇ ئوغلۇم، قالقاننى تۇتۇپ زەپەر بىلەن قايت، بولمىسا، ئۇرۇشتا باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بول، باشقىلار قالقان جەسىدىڭنى سېلىپ قايتۇرۇپ كەلسۇن، دېگەنلىك ئىكەن. |