كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - تارىخ | - مىخ يېزىق سىزنىڭ ئورنىڭىز:

مىخ يېزىق

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 11:53:57 كۆرۈلىشى: 29



   نىل دەرياسى بويىدا قەدىمقى مىسىر مەدىنىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلىنىش بىلەن بىرۋاقىتتا، قەدىمقى ئىككى دەريا ۋادىسى (ھازىرقى ئىراق تەرەپلەر) دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ يەنە بىر بۆشۈگى بولغان قالغان.
    بۇ ئىككى دەريانىڭ بىرىسى ئېفرات دەرياسى، بىرسى تىگىت دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ، ھەر ئىككىسى ھازىرقى تۈركىيە چېگرىسىدىن باشلىنىپ، شەرققە قاراپ ئېقىپ پىرسىيە قولتۇغىغا قۇيۇلىدۇ. دەريا بويىلىرىدىكى رايونلار يېرى مۇنبەت، سۈيى كۆپ رايون بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا باب كېلىدىغان جاي. مىلادىدىن ئىلگىرى 4000 - يىلى سۇمېرلىقلار ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاساسىلىق ئاھالە بولۇپ قالغان ھەمدە بۇ يەردە پەيدىن _ پەي قەدىمقى قۇللۇق تۈزۈمىدىكى دۆلەت قۇرۇپ، مول ھەم شانلىق سۇمېر مەدىنىيىتىنى ياراتقان.
    تۆۋەندە سۇمېرلىقلارنىڭ مىخ يېزىقىتىن قانداق پايدىلانغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز:
    قەدىمقى سۇمېر مەكتەپلىرىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قومۇش ياكى ياغاچتىن ياسالغان ئۇچى بۇرجەكلىك «قەلەم» بىلەن سېغىز دوسكىغا خەت يېزىۋاتقانلىقى دائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇرغان.
    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇيدىغان «كىتاب» لىرىمۇ سېغىزدىن ياسالغان. ھەر بىر سېغىز دوسكىنىڭ ئېغىرلىقى 1 كېلوگىرام بولۇپ، 50 بەتلىك كىتاپ 50 كېلوگىرام كەلگەن. بۇنداق كىتابلار تەرتىۋى بويىچە ئالاھىدە ياسالغان كىتاپ  جازىلىرىغا تىزىپ قويۇلغان. ئوقۇغۇچىلار قايسى سېغىز تاختىنى ئوقۇماقچى بولسا، ئۇنى كىتاپ جازىسىدىن ئېلىپ، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن جايىغا ئاپىرىپ قويغان.
    سېغىز تاختايغا تاناپ بىلەن كاتەكچە سىزىلغان. خەتنى سولدىن ئوڭغا قاراپ يازغان. خەتنىڭ ھەربىر سىزىقى ھەمشە ياغاچ شىناغا (مىخقا) ئوخشاش تۈۋى توم، ئۇچى ئىنچىكە بولغان. ئىككى دەريا ۋادىسىدا بارلىققا كەلگەن قەدىمقى يېزىق _ مىخ يېزىق ئەنە شۇ.
    _ ئەپەندىم. بۇ كىتاپنى چۈشىنەلمدىم،_ دېگەن ئەدەپ _ ھۆرمەت بىلەن بىر ئوقۇغۇچى، _ نېمىشقا خەتلىرى تىك؟
    40 ياشلار چامىسىدىكى پاكار ئەمما تەمبەل بوينى قىسقا، يۈزى يۇمۇلاق، چاچ، ساقال _ بۇرتلىرى پاك _ پاكىز قىرىلغان ئەپەندى ئاستا قەدەم تاشلاپ يېقىن كېلىپ، كۈلۈپ قويۇپ:
    _ ھە، بۇ ئەڭ دەسلەپكى سۇمېر يېزىقى يېزىلىشى بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. سەن ئۇنى توغرىسىغا تۇتۇپ قارىساڭ بولمىدىمۇ؟ _ دېگەن.
    ئوقۇغۇچى سېغىز تاختاينى توغرىسىغا قىلىپ قاراپ خۇشال بولۇپ:
    _ ۋۇي، راستىنلا ئوخشاش خەتكەنغۇ! _ دېگەن.
    ئەسلىدە. ئوڭ قەدىمقى مىخ يېزىق ئوڭدىن سولغا قاراپ تۈز يېزىلغان. يېزىشقا بىئەپ بولغاچقا، كېيىن خەت شەكلىنى يان تەرەپكە 90 گىرادۇس بۇراپ، سولدىن ئوڭغا قاراپ توغرا سىزىق بويىچە يازىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتكەن.
    مىخ يېزىقنى سۇمېرلىقلار ئىجات قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 4000 _ يىلىلا ئۇلار ئىككى دەريا ۋادىسىنى ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يېزىقنى ئىجات قىلغان. ئەڭ بۇرۇن بۇ يېزىق تەسۋىرى شەكىلد بولغان. مەسىلەن، «بېلىق» بېلىق شەكلىدە  قىلىپ، «پۇتى» ئۆتۈك شەكىلدە قىلىپ يېزىلغان. مۇرەككەپ مەنىنى ئىپالىلىمەكچى بولسا ئىككى بەلگىنى بىرلەشتۈرگەن. مەسىلەن، «ياۋا كالا» دېگەن گەپنى يازماقچى بولسا «كالا» دېگەن بەلگە بىلەن «تاغ» دېگەن بەلگىنى قوشۇپ قويغان؛ «يىغلاش» دېگەن گەپنى يازماقچى بولسا «كۆز» دېگەن بەلگە بىلەن «سۇ» دېگەن بەلگىنى قوشۇپ قويغان. يېزىقىنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر بەلگە نۇرغۇن مەندە ئىشلىتىلگەن، مەسىلەن، «پۈت» دېگەن بەلگە «مېڭىش» «ئورە تۇرۇش» دېگەن مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرگەن. ئاخىرىدا بىر بەلگە چورتلا بىرلا تاۋۇشنى بىلدۈرىدىغان بولغان، مەسىلەن، «ئوقيا» بىلەن «ھايات» سۇمېر تىلىدا ئاھاڭداش بولۇپ، بۇنىڭغا بىرلا بەلگە ئىشلىتىلگەن.
    _ ئەپەندىم، _ دېگەن بىر ئوقۇغۇچى ئەدەپ _ ھۆرمەت بىلەن، _ مەن بۇ كىتاپنى كۆچۈرۈپ بولدۇم.
    _ ئوبدان بولۇپتۇ. _ دېگەن ئەپەندى سىنچىلاپ قاراپ چىققاندىن كېيىن ئىلھاملاندۇرۇپ، _ سەن سېغىز تاختىنى ئاپتاپتا قۇرۇت، ئالدىن كېيىن ئوتقا قاقلا، شۇنداق قىلساڭ بىر ئوبدان كىتاپ بولمامدۇ؟ سەن بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم ياخشى مىرزا بولۇپ چىقىسەن.
    سۇمېرلىقلانىڭ مەكتەپلىرىدە، ئاساسەن مىرزا يېتىشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمىسى ئاقسۆڭەكلەر پەرزەنتلىرىدىن بولۇشى شەرت ئىكەن. مەكتەپلەر ئادەتتە ئىبادەتخانىلارغا قۇرۇلغان.
    مىخ يېزىق كېيىنكى چاغلاردا ئاسىيانىڭ غەربى قىسىمىدىكى نۇرغۇن جايلارغا تارقالغان بولۇپ، ئۇ ئىنسانلار مەدىنىيىتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان. مىلادىدىن ئىلگىرى 2007 - يىلى سۇمېرلىقلارنىڭ ئاخىرقى خاندانلىقى ھالاك بولغاندىن كېيىن، بابىل خانلىقى بۇ مەدىنى مىراسقا ۋارىسلىق قىلغان ھەمدە ئۇنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرغان. 

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316