كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - تارىخ | - جىلغىدىكى سىر سىزنىڭ ئورنىڭىز:

جىلغىدىكى سىر

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 11:52:58 كۆرۈلىشى: 35



    1922 - يىلى كۈزدە، 3 ئارخولوگ مىسىردىكى بىر جىلغىدىن فىرئوننىڭ مەخپى قەۋرىسىنى ئىزلىگەن.
    _ پەلەمپەي! _ دەپ ۋاقىرىۋەتكەن بىر ئارخولوگ تويۇقسىزلا.
    ئۇنىڭ 2 ھەمرىيى بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن. ئۇلار تۇرغان جايدا ھەقىقەتەن قىياغا تۇتىشىدىغان بىر پەلەمپەي بار ئىكەن. ئۇلار جىلغىنى بويلاپ چاتقاللارنى قايرىپ يول ئېچىپ ئاۋايلاپ ئالغا ماڭغان. دېگەندەكلا ئۇلار يانتۇلۇقتا ھەممىسىگە بىردىن چىلبۆرە ۋە باغلانغان 9 ئەسىرنىڭ رەسىمى ئويۇلغان قەدىمىي تامغىلارنىڭ ئىزىنى تاپقان.
    _ تېبېس قەۋرىستانلىقىنىڭ تامغىسى! _ 3 ئارخىلوگ تەڭلا ۋارقىرىۋەتكەن.
    تېبېس مىلادىدىن ئىلگىرى 21 - ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى 11 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئوتتۇرا خانلىق ۋە يېڭى خانلىق دەۋرىدە مىسىرنىڭ پايتەختى بولغان. بۇ شەھەر مىلادىدىن ئىلگىرى 88 - يىللىرىلا ۋەيران قىلىپ تاشلانغان شۇ چاغلاردىكى ئادەت بويىچە فىرئوننىڭ يەرلىكى كومۈلگەندىن كېيىن، يەرلىكنىڭ ئاغزىغا تامغا بېسىپ پېچەتلىۋېتىلگەن ئەمدىلىكتە تامغىنىڭ ئىزى ئوچۇق كۆرۈنگەن ئىكەن، دېمەك بۇ، بۇ يەردە قەدىمقى بىر مەخپى قەۋرىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندرۈپ بېرىدۇ. دەرۋەقە، پۈتۈن يانتۇلۇقنى سۈپۈرۈپ تازلىغادىن كېيىن، فىرئون تۇتانكاموننىڭ تامغىسى تېپىلغان.
    تۇتانكامون مىلادىدىن ئىلگىرى 14 _ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىدا، مىسىرنىڭ 18 - خانلىقىنىڭ فىرئونى بولغان. ئۇ يېشىدا تەختكە چىقىپ، 20 يېشىدا ۋاپات بولغان، ئۇ ھايات چېغىدا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن پادىشاھنىڭ دىنىي ئىسلاھاتىنى توختىتىپ، پايتەختنى تېبېسقا كۆچۈرگەن. بۇ تارىخنى ئارخولوگلار تارىخىي كىتابلار ۋە ئىبادەتخانا تاملىرىدىكى ئويمىلاردىن بىلگەن، لېكىن ئۇنىڭ قەۋرىسىنىڭ زادى نەدىلىگىنى بىلدىغانلار چىقمىغان، ئەمدىلىكتە بۇ 3 ئارخولوگ قەۋرىنى تاسادىپى ئۇچرىتىپ قالغان.
    قەۋرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنى ئاچقاندىن كېيىن، قۇرۇلۇشتىن قېلىپ قالغان ئەسكى - تۈسكىلەر بىلەن ئېتىۋېتىلگەن بىر لەخمە تېپىلىغان. ئارقىدىنلا ئىككىنچى كىرىش ئېغىزىدىمۇ تېپىلىغان. ئاشۇ فىرئوننى تامغىسى بېسىلغان.
    ئارخولوگلارنىڭ بىرىسى پۇختا ئېتىۋېتىلگەن كىرىش ئېغىزىدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ، شام يورۇتۇپ ئۇنى تۆشۈكتىن تىققان ۋە بىر كۆزى بىلەن ئىچكىرىگە قارىغان، ئۇنىڭ كۆزىگە ئالتۇن ھارۋا، ئالتۇن يالتىلغان غايەت زور شىر ۋە غەلىتە مەخلۇقلانىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئورۇن _ تۆشەك، پادىشاھنىڭ ئادەم بويى كېلىدىغان ھەيكىلى، شۇنىڭدەك سان _ ساناقسىز چوڭ - كىچىك ساندۇق _قۇتىلار غۇۋا كۆرۈنگەن.
    كىرىش ئېغىزى ئاخىر ئېچىلغان. 3 ئارخىلوگ چىراق كۆتىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەن. يوقۇرىدا ئېيتىلغان نەرسىلەردىن باشقا، ئۇلار يەنە گەجدىن ياسالغان نىلۇپەر شەكىللىك تۈكۈرۈكدان، ئالتۇرن يالتىلغان يۆلەنچۈك ئورۇندۇقلارنى كۆرگەن،لېكىن موميا سېلىنغان ساندۇغىنى ئۇچراتمىغان. بىراق بىر تام ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان، چۈنكى بۇ تامنىڭ ئوتتۇرىسىنىڭ رەڭگى ئىككى يېنىدىكىدىن باشقىچىرەك بولۇپ، گويا بېكىتىۋېتلگەن ئېغىزدەك كۆرۈنگەن. لېكىن ئۇنى دەرھال ئاچىقىلى بولمىغان، ئالدى بىلەن نەرسە _ كېرەك بىلەن تولغان بۇ ھۇجرىنى بوشىتىشقا توغرا كەلگەن.
    بۇ نەرسىلەرگە 3000 يىلدىن ئارتۇق بولغان بولۇپ بۇ نەرسىلەرنىڭ بىر مۇنچىلىرى چىرىپ كەتكەن. رەتلەش ئارقىلىق ئۇلار فىرئوننىڭ پىل چىشى بىلەن نەقىشلەنگەن بىر قىسىم ساندۇقلارغا سېلىنغان نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلىرىنى يەنى ياقۇپ كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈك زۇننار ۋە بىلەيزۇك ھەرخىل كىيىم _ كېچەك، ئوتۇك. ھوقۇق سىمۋولى بولغان ئالتۇن «زاكۇن تايىغى» قاتارلىقلارنى تاپقان؛ ساندۇقتىن يەنە تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن پىشۇرۇلغان غاز، ئۆدەك، يامپاش سان، نان قاتارلىق نەرسىلەرنى تاپقان.
    ھېلىقى ھۇجرا بوشتىلغاندىن كېيىن، ئارخىلوگلار قوپۇرۇۋېتىلگەن ئېغىزنى ئېچىشقا باشلىغان. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىچىدە كوك سىر بېرىلگەن ئىنتايىن چوڭ بىر ياغاچ ساندۇق بار ئىكەن. ئالتۇن بىلەن قاپلانغان بۇ سندۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5 مېتىر، كەڭلىكى 3.3 مېتىر، ئىگىزلىكى 2.75 مېتىر بولۇپ، ساندۇقنىڭ ئاغزى تورۇسقا تېگەي دەپ قالغان ئىكەن.
    ئارخىلوگلار بۇ ساندۇقنىڭ يان تەرىپىدىكى بىر ئىشىگىنى  تاپقان. ئۇلار دەمنى ئاۋايلاپ چىقىرىپ ئىشىكنى ئاچقاندا، ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىر ساندۇق بارلىقىنى كۆرگەن؛ بۇ ساندۇقنى ئاچسا يەنە بىر ساندۇق چىققان. مۇشۇنداق بىردىن بىرى كىچىك ساندۇقتىن توتى بار ئىكەن!
    ئەڭ ئاخىرقى ساندۇقنى ئاچقاندا كىرسىتالدىن يالسالغان تاش كېپەن ساندۇغى چىققان. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇغى 2.7 مېتىر، ئىگىزلىكى 1.5 مېتىر، كەڭلىكى 1.5 مېتىر ئىكەن. تاش كېپەن ساندۇغىنىڭ بۇرجىگىگە بىر ئىلاھنىڭ ھەيكىلى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كېرىلگەن قوللىرى ۋە قاناتلىرى خۇددى بۇ ساندۇقنى بىخەتەر ساقلاۋاتقاندەك ساندۇق ئاغزىنى ئاچسا، ئۇنىڭ ئىچىدىن كېپەنلەنگەن بىرنەرسە چىققان، كېپەنلىكنى بىر - بىرلەپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن يالتىراپ تۇرغان كېپەن ساندۇغى چىققان. ئۇنىڭ تۆت چاسا بولماستىن، بەلكى ئادەم تىنى شەكلىدە ئىكەن. ئۇنىڭ ئاغزىغا فىرئون تۇتانكامۇننىڭ 20 ياشلاردىكى يۈزى ئۇستىلىق بىلەن ئويۇلغان.
    ئىنچىكىلەپ قارىغاندەك بولسا، كېپەن ساندۇق ياغاچتىن ياسالغان بولۇپ، ئالتۇن بىلەن قاپلانغان، ساندۇقنىڭ ئاغزىدىكى ئادەمنىڭ يۈزى بىلەن قولى ئالتۇندىن قۇيۇلغان ئىكەن. قاش قاپاقلىرى قېنىق كۆك ئۇينەكتىن كۆزى ئېقى گەجىدىن، كۆز قارچۇغى ماگما ئەينەكتىن يالسالغان بولۇپ، قولىغا كۆك ئەينەك بىلەن نەقىشلەنگەن ۋە  ئالتۇندىن ياسالغان زاكۇن تايىغى ھەم قامچا تۇتقۇزۇلغان.
    ئۇنىڭدىن كېيىن ئالتۇن بىلەن قاپلارنغان ۋە ئالتۇن يالىتىلغان كېپەن ساندۇقىنى ئاچقان. كىشىلەر ئۇنىڭ ئىچىدىمۇ بىرىنچى كېپەن ساندۇقىغا ئوخشاش كېپەن ساندۇغىنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن. ئۇنىڭغا يوگەلگەن كېپەنلىكنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، شۇ سورۇندىكى كىشىلەر ھاڭ _ تاڭ قالغان: ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇزۇنلۇغى 1.85 مېتىر كېلىدىغان، ئالتۇندىن ياسالغان ئۈچىنچى كېپەن ساندۇغى بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ئالدىنقى ئىككى كېپەن ساندۇقى بىلەن تامامەن ئوخشاش ئىكەن.
    شۇ چاغدىلا كىشىلەر فىرئون تۇتانكاموننىڭ مومىياسىنى كۆرگەن. ئۇ نېپىز ماتاغا يۆگەلگەن بولۇپ، ئۇستىۋېشى زۇننار، تۇمار، ئۇزۇك، ئالتۇن _كۈمۈشتىن ياسالغان بىلەيزۈك ۋە ھەرخىل مەرۋايىت بىلەن بېزەكلەنگەن ئىكەن. يەنە ئىككى دانە خەنجەر بولۇپ، بىرى ئالتۇندىن، بىرىنىڭ سېپى ئالتۇندىن، بىسى تۆمۈردىن، ياسالغان ئىكەن. كېيىنكى خەنجەر ئاز ئۇچرايدىغان خەنجەر ئىكەن، چۈنكى مىسىرلىقلار ئۇ چاغلاردا ئەمدىلا تۆمۈر ئىشلىتىشنى ئۆگەنگەن. مومىيانىڭ يۈزىگە ئالتۇن چۈمبەل تارتىلغان بولۇپ، بۇ ياش فىر ئوننىڭ چېھرى نامايەن بولۇپ تۇرغان.
    كېپەن ساندۇقى قويۇلغان يەرلىكنىڭ ئىچىدە يەنە بىر كىچىك ھۇجرا بولغان. بۇنىڭغا دەپنە مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەر، يەنى غايەت زور قارا چىلبورە ھەيكىلى، ئادەم قونچاق ھەيكىلى ۋە ئىلاھىنىڭ رەسىمى قويۇلغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا چىرايلىق بىزەكلەنگەن بىر ساندۇق قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچدە 4 دانە قاچا بار ئىكەن. بۇ قاچىلارغا مومىيا ياساش ۋاقتىدا فىرئوننىڭ ئېلىۋەتكەن ئىچكى ئەزالىرى قاچىلانغان.
    تۇتانكامون قەۋرىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈردە قېزىلىشى كىشىلەرنى مىلادىدىن ئىلگىرى 14 - ئەسىردىكى مىسىرنىڭ يېڭى خانلىق دەۋرىدە فىرئونلارنى قانداق دەپنە قىلىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. بۇ مەخپى قەۋرىدىن قېزىلغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك بۇيۇملار تاكى ھازىرغىچە قاھىرە مۇزېيىدا ساق، مۇكەممەل پېتى ساقلانماقتا. 

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316