ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى مەدەنىيىتى قايسى ۋاقىتتىن باشلانغان ۋە قەيەردە پەيدا بولغان؟ بۇنىڭدىن 2400 يىل ئىلگىرى، مەشھۇر يۇنان پەيلاسوپى پلاتون ئوز نۇتۇقلىرىدا ۋە ئەسەرلىرىدە، ئۆزى ياشغان دەۋرىدىن 9000 يىل ئىلگىرىكى ئاتلاندىيە قىتئەسى ئاھالىلىرىنىڭ ناھايىتى يۈكسەك مەدىنىيەت ياراتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە ئاتلاندىيە قىتئەسىدىكى ئاھالىلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئوي - ئىمارەت شەكىللىرىنى جانلىق قىلىپ تەسىۋىرلەپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن ھەيۋەتلىك، كۆركەم ئىمارەتلەر بولغان، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بۈك _ باراقسان دەرەخلەر قويۇلغان، لېكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ ئاتلاندىيە قىتئەسى بىر كېچىدە تۇيۇقسىزلا پايانسىز ئاتلانتىك ئوكيانغا غەرق بولۇپ كەتكەن دېگەن. ئەگەر پىلاتوننىڭ دېگەنلىرى راست بولدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئىنسانلار بۇنىڭدىن 12 مىڭ يىل ئىلگىرىلا مەدىنىيەت ياراتقان بولىدۇ، لېكىن بۇ ئاتلاندىيە قىتئەسىنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكى نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى يېشىلمىگەن سىر بولۇپ قالغان. 20 - ئەسىرنىڭ 70 _ يىللىرىغا كەلگەندە، بىرمۇنچە پەن تەتقىقات خادىملىرى ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئازور تاقىم ئارالىرىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ. ئۇلار 800 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىدىن يەر قاتلىمى نۇسخىسىنى ئېلىپ، بۇ جاينىڭ بۇنىڭدىن 12000 يىل ئىلگىرى ھەقىقەتەن قۇرۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ئېنىقلاپ چىقىدۇ. دەرۋەقە، ھازىرقى زامان پېنى ئارقىلىق چىقىرىلغان يەكۇنمۇ پىلاتوننىڭ تەسۋىرى بىلەن كىشنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە ئوخشاش بولۇپ چىقتى! ئەمىلىيەتتە، يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى، ئاتلانتىك ئوكيان ئاستىنى چارلىغۇچى پەن _ تېخنىكا خادىملىرى ئاتلانتك ئوكيان ئاستىدىن نۇرغۇن قېتىم ئاجايىپ كاتتا قەدىمىي ئىمارەتلەرنى تاپتى. ئۇ يەردە ئۇزۇن - ئۇزۇن كەتكەن يوللار، چىرايلىق نەقىشلەنگەن تاش تۇۋرۈكلەر ۋە باشقا نۇرغۇن مەدىنىي يادىكارلىقلار بار ئىكەن. 1979 - يىلى، ئاتلانتىك ئوكياندىكى بېرمۇدا دېلتىسى دېڭىز رايونىدىن يەنە كىشىنى ھاڭ _ تاڭ قالدۇرىدىغان نەرسىلەر تېپىلدى. ئامېرىكا، فرانسىيە چارلاش ئەترىدى ئىنچىكە چارلاش ئارقىلىق، بۇ دېڭىز رايوننىڭ ئاستىدا غايەت كاتتا مۇنارنىڭ بارلىغىنى ئىسپاتلىدى. بۇ مۇنارنىڭ ھەر بىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇغى 300 مېتىر، ئىگىزلىكى 200 مېتىر كېلىدىكەن. مۇنارنىڭ ئۈچى بولىسا دېڭىز يۈزىگە 100 مېتىر كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئىككى چوڭ تۆشۈكى بولۇپ، دېڭىز سۈيى بۇ تۆشۈكتىن ئېنتايىن تېز ئۆتكەچكە، دېڭىز يۈزىدە ھەيۋەتلىك دولقۇن ھاسىل بولۇپ تۇرىدىكەن. ئۇنداق بولسا، ئاللىبۇرۇنلا ئاتلانتىك ئوكيانغا چۆكۈپ كەتكەن ئاتلاندىيە قىتئەسىدە ياشىغانلار قانداق ئادەملەردۇ؟ ئۇلار قانداقسىگە مەدەنىيەت ياتقاندۇ؟ ئۇلار ئىنسانلار ئۈچۈن يەنە قانداق موجىزىلەرنى ياراتقان بولغىدى؟ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ سۇئاللارغا ئېنىق جاۋاب بېرەلەيدىغانلار تاھازىرغىچە چىقىمدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭغا 12000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغاچقا، بۇ قىزىقارلىق مەسىلىلەرنى ئالىملارنىڭ داۋاملىق ئىزلىنىشىگە ۋە بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا قالدۇرماي بولمايدۇ. قەدىمقى ئادەمسىمان مايمۇنلار دەرەختىن چۈشۈپ يەردە ياشىغىنىغا ھەمدە تاش پارچىلىرىنى ئەمگەك قورالى قىلىپ ئىشلەتكىنىگە 4 - 3 مىلىيون يىل بولۇپ قالدى. مۇشۇ ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە، ئىنسانلارنىڭ بوۋىسى جاپا _ مۇشەققەتلىك شارائىتتا، چول - جەزىرىلەردە بوران _ چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ ئىشلەپ، توسقۇنلۇقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئوبېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلار ئۆزىلىرىنىمۇ ئۆزگەرتتى. ئىنسانلار يېتىلگەن مىڭىگە، چاققان قولغا، مول تىل ۋە ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئىنسانلار دەل مۇشۇلارغا تايىنىپ، ئۇزاق يىللار داۋامىدا شانلىق، گۈزەل مەدىنىيەت ياراتتى. ئاتلانتىك ئوكىيان ئاستىدىكى مەدىنىيەتنىڭ سىرىنى ئالىملارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېچىشىغا توغرا كەلسىمۇ، لېكىن دۇنيادا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مول تارىخى قەدىمىي ئاسارە - ئەتىقىلەر، يەر ئاستىدا ساقلانغان كۆپلىگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ۋە كۆپلىگەن يازما خاتىرىلەر شۇنى ئۇچۇق ئۇقتۇرىدۇكى، نىل دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىمقى مىسر، ئېفرات دەرياسى ۋە تىگىس دەرياسى ۋادىلىردىكى (ھازىقى ئىراق ئەتراپى) سۇمېر ۋە بابىل، ھىندى دەرياسى ۋە گانگ دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىمقى ھىندىستان، شۇنىڭدەك خۇاڭخې ۋە چاڭجىياڭ دەريالىرى ۋادىلىرىدىكى جۇڭگو دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ 4 بوشۇگى ھېساپلىنىدۇ. مانا بۇ يەرلەردە 6 - 5 مىڭ يىلدىن بۇيان يۈز مىليونلىغان خەلق ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىجاتكارلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلىم _ پەن ۋە سەنئەت بۇلىغىنى ئېچىپ، ئىنسانلار مەدىنىيىتى ئۈچۈن ئاجايىپ توھىپىلەرنى قوشتى. مۇشۇر ئارىلىقتا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھەر بىرى كىشلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ھېكايىلەردۇر. ئەمدى بىر بەش مىڭ يىلىدىن بۇيان دۇنيا ئەللىرىدە يۈز بەرگە خلمۇ _ خىل تارىخىي ھېكايىلەرنى نىل دەرياسى بويدىكى قەدىمقى مىسىردىن باشلايمىز! |