ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:بىز - ھۆنەرلىرىمىز - پۇل ۋە پۇلچىلىق

پۇل ۋە پۇلچىلىق

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 11:47:20 كۆرۈلىشى: $$访问$$



  شىنجاڭنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان يەرلىك پۇللىرى ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ قۇيۇلغان يەرلىك پۇل مىلادى Ⅰئەسىردىن Ⅱ ئەسىرگىچە ئۇدۇن دۆلىتى (ھازىرقى خوتەن) قۇيغان ئات سۈرەتلىك خوتەن پۇلىدۇر. 
  مىلادى Ⅲ - Ⅴئەسىردىن Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە كۇچا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا قۇيۇلغان كۆسەن پۇلى، مىلادى Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەردە ئىشلىتىلگەن ئىدىقۇت پۇلى، مىلادى  Ⅹئەسىردە يەنى ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى بىلەن قۇرۇلغان قاراخانىلار دۆلەت پۇلى (1056 - 1057 - يىللىرى قۇيۇلغان)، مىلادىⅢⅩ-  ⅩⅣ ئەسىردەئالمىلىقتا قۇيۇلغان چاغاتاي خانىنىڭ كۈمۈش پۇلى (بۇ پۇلنىڭ بىر يۈزىگە ھىجرىيە 727 - يىل دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن)، مىلادى 1327 - يىل دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن(، مىلادى ⅦⅩ ئەسىردە ياركەنت )ھازىرقى يەكەن( دە قۇيۇلغان مىس پۇل، 1760 - يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى جەنۇبىي شىنجاڭنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن يەكەندە قۇيۇلغان. بىر يۈزىگە <چىيەنلۇڭ تۇڭچاۋ>، يەنە بىر يۈزىگە ئۇيغۇرچە <يەركىم، يەركەنت> دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن مىس پۇل،  19 - ئەسىرنىڭ 70 - يىلى كۇچا پادىشاھى راشىدىن خان غوجا ئۇيغۇر يېزىقىدا <سەيدى غازى راشىدىن خان>، <پايتەخت كۇچادا قۇيۇلدى> دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن مىس پۇل ۋە ئالتۇن پۇل، مىلادى 1917 - يىلى ياڭ زېڭشىن تارقاتقان ئۆلكە ۋە قەشقەر پۇلى (قەغەز پۇل)، تاشئاخۇنۇم كۈمۈش تەڭگە، 1925 - يىلىدىن 1940 - يىلىغىچە مۇسا بايوۋلار غۇلجىدا قۇيدۇرغان <مۇسا بايوۋ> ناملىق ئەللىك سەرلىك كۈمۈش يامبۇ، 9351 - يىلى شېڭ شىسەي تارقاتقان ئەللىك سەرلىك قەغەز پۇل (ئۆلكە پۇلى)، 1939 - يىلى ماۋزېمىن تارقاتقان ئۆلكە (قەغەز) پۇلى، 1943 - يىلىدىن 1949 - يىلى كۈزگىچە گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ پۇل ئىدارىسى تارقاتقان ھەرخىل قەغەز پۇل ۋە بىريۈەنلىك تەڭگە، 1974 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تارقاتقان قەغەز پۇل قاتارلىق يەرلىك پۇللار بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ پۇلشۇناسلىق تەتقىقاتىدا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر