باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
بىز
-
ھۆنەرلىرىمىز
-
كەندىر توقۇمچىلىقى
كەندىر توقۇمچىلىقى
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 11:46:51 كۆرۈلىشى: $$访问$$
ئۇيغۇرلاردىكى كەندىر توقۇمچىلىقى ئەڭ ئىپتىدائىي توقۇمچىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئىپتىدائىي تۇرمۇشىدىن باشلاپ ياۋا كەندىر تالالىرىدىن پايدىلانغان ۋە ئۇنىڭدىن كىيىم - كېچەك توقۇپ كىيگەن. <لوپنۇر كەندىرى> دەپ ئاتالغان شىنجاڭنىڭ ياۋا كەندىرى قەدىمدىن باشلاپ ناھايىتى داڭلىق مەھسۇلات بولۇپ، تارىم دەرياسى بويلىرىدىن ناھايىتى كۆپ چىقىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا قول توقۇمچىلىقى تەرەققىي قىلغان مەزگىلدە، يەكەن قاتارلىق جايلاردا ياۋا كەندىرلەرنى بىر مەزگىل كۆمۈپ قويۇش ئارقىلىق تالالىرىنى غولىدىن ئاجرىتىپ (بۇنداق قىلغاندا، تالالىرى پۈتۈن چىقىدىكەن)، ئۇنى شاخار سۈيى بىلەن قاينىتىپ تالالىرىنى ئاجرىتىپ، ئۇنىڭدا ئەڭ داڭلىق شايى - ئەتلەس، كىمخاب، زەرباپ، تەيتىللا ۋە ھەرخىل داستىخان (كاناپ داستىخان كەندىر تالاسىدا توقۇلغان)، چۈمپەردە (پەرەنجە)، ئەغۋانە قاتارلىق كەندىر رەخىتلىرىنى توقۇغان. ئادەتتىكى مالچىلار كەندىردىن زەمبىل، قوتان ئىشىكى، قاشا تام ياساشتىن باشقا يەنە، يەرلىك ئۇسۇلدا تالالىرىنى ئاجرىتىپ، پالاس كەندىر ئارغامچا قاتارلىقلارنى توقۇۋالىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، كەندىر يىپ توقۇلمىلىرى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتى سۈپىتىدە، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارغا يۈزلەنمەكتە.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر