باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
بىز
-
ھۆنەرلىرىمىز
-
چاق ۋە چاق ئېگىرىش
چاق ۋە چاق ئېگىرىش
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 11:45:51 كۆرۈلىشى: $$访问$$
ئۇيغۇر ئاياللىرى ئائىلە ئىشىدىن بوشىغاندا چاق ئېگىرىپ يىپ تولاپ ئائىلىنىڭ يىپ ئېھتىياجىدىن چىقىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئاياللار يىپ ئېگىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار بازار كۈنلىرى ھال - ئوقىتىگە يارىشا پاختا سېتىۋېلىپ ئۇنى ئېگىرىپ، يەنە بىر بازار كۈنى سېتىپ دەسمايىسىگە پاختا ئالسا، پايدىسىغا گۆش، ياغ، چاي، تۇز، سەي - كۆكتات ئېلىپ تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ بىر قىسىمىنى مۇشۇ يول بىلەن ھەل قىلىدۇ.
بەزى يۇرت - مەھەللىلەردە چاق ئېگىرىش كەسىپلەشكەن بولۇپ، توپلىشىپ چاق ئېگىرىدۇ. توپلىشىپ چاق ئېگىرىش قىزىقارلىق بولۇپ، ئونلىغان ھەتتا يۈزلىگەن چاقنىڭ ئاۋازى بىلەن ئاياللارنىڭ توپ بولۇپ ئوقۇغان مۇڭلۇق ناخشىلىرى كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.
ھەرقانداق بازاردە مەخسۇس يىپ بازىرى بولۇپ، ئۇلار ئاشۇ بازارغا توپلىشىپ يىپ ساتىدۇ، پاختا ئالىدۇ.
چاق - چاق ياسىغۇچىلار تەرىپىدىن ياغاچتىن ياسىلىدۇ. سەكسەن سانتىمېترلىق تاختاينىڭ بىر بېشىغا ئەللىك سانتىمېترلىق ئىككى ياغاچنى ئون سانتىمېتر ئارىلىق قويۇپ تۇرغۇزىدۇ. يەنە بىر بېشىغا يىگىرمە سانتىمېترلىق ئىككى ياغاچنى ئارىلىقىدا يىك تۇرغۇدەك قىلىپ تۇرغۇزىدۇ. سەككىزدىن ئون ئالتە چىشلىق قىلىپ ياسالغان يۇمىلاق ئىكك چاقنى پۇزا شەكىللىك ئوقنىڭ ئىككى تەرىپىگە بېكىتىپ چاقنىڭ قارىمۇ قارشى چىشىنى يىپ بىلەن ئۇدۇل تاناپ بېكىتىدۇ، بۇ تاناپ چاق بىلەن يىكنى ئايلاندۇرىدىغان تاسمىلىق رولىنى ئوينايدۇ.
ئېگىرىش: ئۇچ قىلىنغان يىك ئۇچىغا پاختىنىڭ بىر ئۇچىدىن بىر غېرىچ يىپ ئېشىلىپ، يىك ئۇچىغا ئىلىپ قويۇپ ئوڭ قول بىلەن چاقنىڭ ئوقىنى ئايلاندۇرۇپ، سول قولىدا پىلتە پاختىنى سوزىدۇ. يىپ ئېشىپ غۇلاچ بولغاندا، ئوقنى ئارقىغا ياندۇرۇپ ئېشىلگەن يىپنى يىككە يۆگەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، بىردەمدىلا يىك توشىدۇ، ئاندىن يىكتىكى يىپنى قومۇشقا چاق بىلەن ئوراپ كاللەك قىلىدۇ، قومۇش توشقاندا بازارغا ئەكېلىدۇ.
يېزىلاردا چاق ئېگىرىش بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان قوشۇمچە ھۈنەر - كەسىپ بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەخسۇس <چاق ئېگىرىش تاختىسى> بولۇپ، ئۇنىڭدا چاقچىلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ۋە بۇ ئەمگەك تۈرىنىڭ جەريانلىرى ئوبرازلىق ئەكىس ئېتىلگەن.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر