ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:بىز - ھۆنەرلىرىمىز - ئىلىمچىلىك

ئىلىمچىلىك

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 11:45:19 كۆرۈلىشى: $$访问$$



  ئۇيغۇرلاردا ئىلىمچىلىك ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈزەللىككە بولغان قارىشىدىن كېلىپ چىققان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈلگە بولغان خۇمارى ئۆزلىرىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىدە، ئۆي بىساتلىرىدا تولۇق ئەكىس ئەتكەن. ئېيتايلى، ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ گۈل قىسىشى، گۈللۈك دوپپا كىيىشى، گۈللۈك رەختلەردىن كىيىم - كىيىشى، ئۆيلىرىگە گۈللۈك رەخىتتىن قىلىنغان زەدىۋال تارتىشى، كاڭ، سۇپىلارغا تەڭلىمات، گۈللۈك كىگىز سېلىشى، تام - تورۇسلارغا نەقىس چىقىرىشى ... بۇنى ئىسپاتلايدۇ. 
  ئۇيغۇرلارنىڭ ياستۇقلىرىغا، لىمتاق يانچۇقلىرىغا، قىز - جۇۋانلارنىڭ ئۇزۇن ئىشتانلىرىنىڭ پۇچقىقىغا ئىلمە ئېلىنغان. بوۋاقلارنىڭ ئىشتان - پايپاقلىرىغا، ھەتتا چاي خالتىسى تاماكا خالتىسى، ئۇزۇن لۆڭگىلەرگىمۇ ئىلمە ئېلىنغان. بۇرۇن ئۆتۈك ياكى مەسە ئىچىگە كىيىدىغان ئۇزۇن پايپاقلارغا، ئەرلەر بېلىگە باغلايدىغان تۆت چاسا ياغلىقلارغا ئىلمە ئېلىناتتى. 
  ئومۇمەن، ئىلىمچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر - كەسىپ سەنئىتى سۈپىتىدە كەڭ ئومۇملاشقان. ئىلىمچىلىك ئاياللارغا خاس ھۈنەر بولغاچقا، ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ قىز بالىلىرىنى يەتتە ياشتىن باشلاپ قولىغا يىڭنە تۇتقۇزۇپ ئىلىمچىلىككە ئۆگىتىدۇ. ناۋادا ئىلىمچىلىكنى بىلمەيدىغان قىزلار چېلىقسا، جامائەت تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئانىسى ئەيىبلىنىدۇ. شۇڭا يىڭنە بىلەن ئويماق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئايرىلماس ھەمراھى.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر