باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
بىز
-
ھۆنەرلىرىمىز
-
خوتەن قەغىزى
خوتەن قەغىزى
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 11:44:45 كۆرۈلىشى: $$访问$$
خوتەن قەغىزى - ئېلىمىشنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى تۆت چوڭ كەشپىياتىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇزاق تارىختىن بۇيان مىللىي قول سانائىتىمىزدە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. دەرۋەقە، بۈگۈنكى زاماننىڭ يېڭىچە سانائىتى گەرچە ئۇنى بازار ئىگىلىكى ۋە تاۋار قىممىتىدىن سىقىپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تارىخىي قىممىتى ھامان سىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نۇرغۇنلىغان تارىخىي ۋەسىقىلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر، ھەرخىل ئىلىم - پەن ھۈججەتلىرى ئەنە شۇ خوتەن قەغىزىگە پۈتۈلگەن بولۇپ، قىممەتلىك مەدەنىي مىراس سۈپىتىدە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. قەدىمكى <يىپەك يولى> سودىسىدا يۇقىرى تاۋار قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، <خوتەن قەغىزى> نامى بىلەن ئەتراپقا داڭقى يېيىلغان. چۈنكى <خوتەن قەغىزى> ئاسانلىقچە يىرتىلمايدىغان ۋە چىرىمەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ ئەۋرىشىمچان بولغاچقا، خەت يېزىشتىن باشقا يەنە دورا - دەرمانلارنى ئوراش، كىيىم - كېچەكلەرگە قاتۇرما قىلىش، ھەرخىل گۈزەل - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
خوتەن قەغىزىنى ئىشلەش خوتەننى مەركەز قىلغان ھالدا، يەكەن ۋە قەشقەرلەرگىچە كەڭ ئومۇملاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، خوتەن شەھىرى (ئىلچى) دىكى بىر قانچە مەھەللىلەر ھازىرغىچە <قەغەز مەھەللىسى> دېگەن نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
ياسىلىش ئۇسۇلى: خوتەن قەغىزىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى <سامان قەغىزى> نىڭ خام ماتېرىياللىرىغا ئوخشاشمايدىغان ھالدا، توغراق ۋە ئۈجمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن ئىبارەت. دەسلەپ توغراق ياكى ئۈجمە قوۋزىقىنى يىغىپ ئۇنى سۇغا چىلاپ قويىدۇ. قوۋزاق بىرئاز يۇمشىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سىرتقى قوپال قاتلىمىنى سويۇپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىدىكى بىر قەۋەت نېپىز ئاپئاق قەۋىتى ئايرىۋېلىنىدۇ. مانا شۇ خوتەن قەغىزىنىڭ ئاساسىي خام ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەۋەتنى قازاندا ئىككى سائەتچە قاينىتىپ بوتقا (لاتقا) قىلىنىدۇ. بۇ قوۋزاق بوتقىسىنى ياغاچ توقماق بىلەن سوقۇپ ئەزگەندىن كېيىن، مەخسۇس ياغاچ تۇڭغا سېلىپ، ئۈستىگە مەلۇم مىقداردا سۇ قۇيىدۇ ۋە ئۇنى توختىماي قوچۇپ ئۇماچقا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچتا، بۇ قوۋزاق ئۇمىچىنى مەخسۇس ياسالغان چۆمۈچ (يېچكوك دېيىلىدۇ) ئارقىلىق ئۆلچەملىك ياغاچ قېلىپقا تەكشى قۇيۇپ، سۇ كۆلچىكىدە سۈزۈلىدۇ. قېلىپنىڭ يۈزى تەكشىلەنگەندىن كېيىن، شۇ پېتى كۈن نۇرىغا قاقلاپ قويۇلىدۇ. قەغەز بوتقىسى قۇرۇغاندىن كېيىن، قەغەزنى قېلىپتىن سويۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قەغەز تاختىسى پۈتىدۇ. بۇنداق قەغەزنىڭ بىر تاختىسى ياسىلىپ چىقىش ئۈچۈن، تەخمىنەن سەككىز - ئون چېلەك سۇ سەرپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ماتېرىيال تەييار بولسا، بىر قەغەزچى ئۇستا بىر كۈندە بۇنداق قەغەزدىن ئۈچ يۈز تاختا ياساپ چىقالايدۇ. بۇنداق قەغەزنى قېلىپتىن ئالغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى تېخىمۇ سىپتا ۋە پارقىراق قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەشكە ھاجەت تۇغۇلسا، گۈرۈچنى ئېزىلگۈچە قاينىتىپ ئەلگەكتنى ئۆتكۈزۈپ، ھېلىقى قەغەز يۈزىنى تەكشى پاتلاپ، قاشتېشى بىلەن سۈركەپ سىلىقلايدۇ. قەدىمكى مۇھىم تارىخىي ھۈججەتلەر پۈتۈلگەن قەغەزلەر مانا شۇ سىلىقلانغان خوتەن قەغىزىدۇر.
قولغا تايىنىپ خوتەن قەغىزىنى ياساش بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى قوقىلىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر خىل ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر - سەنئىتى سۈپىتىدە تارىختىن ئۆچكىنى يوق. ھازىرمۇ دوپپىچىلار ۋە دورىپۇرۇشلار بۇ قەغەزنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر