باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
بىز
-
ھۆنەرلىرىمىز
-
يېڭسار پىچىقى
يېڭسار پىچىقى
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 11:44:12 كۆرۈلىشى: $$访问$$
يېڭسار پىچىقى - ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مىللىي قول ھۈنەر - سەنئىتى بۇيۇملىرى ئىچىدە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان داڭلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى. ئۇ ئەسلىدە يېڭسارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىجادىيىتى بولغاچقا، شۇ جاينىڭ نامىغا ماس ھالدا <يېڭسار پىچىقى> دەپ ئاتالغان. دەرۋەقە، تارىم بوستانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان يېڭسار ناھىيىسىدە پىچاق ياساش ھۈنەر كەسپى ناھايىتى تەرەققىي تاپقان. بۇ يەردە ئىشلەنگەن يېڭسار پىچىقىنىڭ تۈرلىرى يىگىرمە خىلدىن ئاشىدۇ. 1987 - يىلى مەملىكەت بويىچە ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى باھالاشتا، يېڭسار پىچىقى بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. بۈگۈنكى يېڭسار پىچىقى بۇنىڭدىن ئۈچ يۈز يىللار ئىلگىرى يېڭسار ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قاراباش يېزىسىلىق داڭلىق ئۇستا مۇھەممەد قۇلاخۇن نامى بىلەن ھەممە ئەتراپقا داڭقى يېيىلغان.
يېڭسار پىچىقى ياسىلىش شەكلى جەھەتتىن نەپىس ۋە كۆركەم بولۇپ، ئىشلىتىشكە ناھايىتى قولاي، يېڭسار پىچىقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈش مۇمكىن:
بىرىنچى، يېڭسار پىچىقىنىڭ تىغى ئۈچۈن سۈپەتلىك پولات تاللىنىدۇ. تاللانغان پولات ماتېرىيالىنى پىچاقچى ئۇستام يۈكسەك ماھارەت بىلەن قايتا - قايتا سۇغىرىپ ھەم داتلاشمايدىغان، ھەم تىغى گاللاشمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.
ئىككىنچى، ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ، پىچاقنىڭ بىسى ۋە سېپى ھەر خىل شەكىللىك ياسىلىدۇ. ھەر بىر تۈرىنىڭ خاس نامى بولىدۇ. مەسىلەن، قوش بىسلىق پىچاق، خەنجەر نۇسخىلىق پىچاق، قاسساپ پىچىقى، تۆشۈك پىچىقى (ئائىلە پىچىقى)، يان پىچىقى (يانغا ئاسىدىغان پىچاق)، كۆرگەزمە پىچىقى (سەنئەت بۇيۇمى) قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ۋە ئېستېتىك تەلىپىگە ماس ھالدا ياسىلىدىغان پىچاقلارمۇ بار.
ئۈچىنچى، يېڭسار پىچىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ تىغ قىسىمىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، سېپىغا يېڭسار پىچىقىنىڭ سېپى ئۈچۈن ئاساسلىقى - ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزى ۋە سۆڭەكلىرى، مىس، كۈمۈش، قاشتېشى، مەرۋايىت قاتارلىق ئەتىۋارلىق ماتېرىياللار ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خام ئەشيالار ئىنچىكە ھۈنەر ئارقىلىق بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈلۈپ، كىشىنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدىغان گۈزەل - سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ھەتتا تىغ قىسمىغىمۇ مىس ياكى ئالتۇن ھەللىك مېتالدىن بىر نەچچە تال خال قويۇلۇپ، تىغ بىلەن ساپنىڭ تۇتاشقان يېرىگە ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە <يېڭىسار> دېگەن خەت ئويۇلىدۇ. بۇ يېڭىسار پىچىقىنىڭ ماركىسى ھېسابلىنىدۇ.
تۆتىنچى، يېڭىسار پىچىقىنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان غىلاپ ياسىلىدۇ. غىلاپسىز يېڭىسار پىچىقى بولمايدۇ. بۇ غىلاپلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەرخىل رەڭلىك كالا خۇرۇمىدىن قاتۇرما قىلىپ ياسىلىدۇ. يەنە بەزى غىلاپلار مىس ياكى ئاليۇمىندىن ئىشلىنىپ، يۈزىگە ھەرخىل نەقىش ئويۇلىدۇ. خۇرۇم ياكى كۆندىن ياسالغان غىلاپلارنىڭ ھەممىسىگە بويتاسما بېكىتىلىدۇ.
پىچاق قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىدە ئەر - يىگىتلەرنىڭ كېچە - كۈندۈز يېنىدىن ئايرىمايدىغان <قورالى> بولۇپ كەلگەن. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىنى بەلباغ بىلەن باغلاش ئادىتىمۇ پىچاقنى يانغا ئېسىش ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان، قىسقىسى، پىچاقنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى يانغا ئېسىپ يۈرۈش، پىچاقنى ئەرلىك جاسارىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ بىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ئەنئەنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بالىنى تۇنجى قېتىم بۆشۈككە سالغاندا، ئەگەر ئوغۇل بالا بولسا، ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ ياستۇقىنىڭ ئاستىغا پىچاق قويۇپ قويىدىغان ئادەتلەر، قەسەم قىلىشقا توغرا كەلگەندە، پىچاقنى يەرگە سانجىپ قويۇپ، ئۇنى <گۇۋاھچى> قىلىش قاتارلىق ئەقىدىلەر پەيدا بولغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يىراقتىكى ئەڭ يېقىن دوستلىرىغا ئېسىل سوۋغا سۈپىتىدە <يېڭىسار پىچىقى> نى تەقدىم قىلىش ئادىتى بار. دېمەك، يېڭىسار پىچىقى يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئالاھىدە شۆھرەت قازىنىپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا، ئۇ يالغۇز تۇرمۇش قورالى بولۇپلا قالماستىن بەلكى، يەنە بىرخىل گۈزەل سەنئەت بۇيۇمى سۈپىتىدە مىللىي قول سانائەت تەرەققىياتىمىزنى نامايان قىلماقتا.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر