باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
بىز
-
ھۆنەرلىرىمىز
-
خوتەن گىلىمى
خوتەن گىلىمى
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 11:43:38 كۆرۈلىشى: $$访问$$
گىلەم - ئۇيغۇر قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئىچىدە ھەممىدىن ئەتىۋارلىق ۋە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان مىللىي مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى. خوتەن - گىلەمچىلىكنىڭ ئان ماكانلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ گىلىمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەقىقەتەن گىلەم خوتەن خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنلا خوتەندە گىلەمچىلىكنىڭ قانات يايغانلىقى ھەققىدە تارىخىي خاتىرىلەر بار. خەلق ئارىسىدا گىلەم ئەسلىدە يورۇڭقاشلىق گۇلەمخان ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەنلىكى ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇ قىزنىڭ نامىغا گۈلەم (ئاستا - ئاستا <گىلەم> گە ئۆزگەرگەن) دەپ ئاتالغانلىق ھەققىدە ھەر خىل رىۋايەتلەر بار. 1959 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق نىيە بازىرىدىن بىر يۈز ئەللىك كىلومېتر يىراقلىقتىكى قەدىمكى نىيران دۆلىتىنىڭ قەبرىستانلىقىدىن ھەر خىل ماددىي بۇيۇملار بىلەن بىرلىكتە بىر پارچە گۈللۈك گىلەممۇ قېزىۋېلىنغان. ئىلمىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ گىلەمنىڭ شەرقىي خەن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 220 - يىللاردىن مىلادى 206 - يىللار) دەۋرىگە تەۋە ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئېلىمىزنىڭ تارىخىدا مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى گىلەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە قەدىمكى نىيە خارابىسىدىن قارۇشتى يېزىقىدا <گىلەم خوتەن گىلىمى> دەپ پۈتۈلگەن تارىشا پۈتۈكلەر تېپىلدى. بۇ خىلدىكى ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلار خوتەن گىلىمىنىڭ تارىخىنىڭ ھەقىقەتەن ئۇزۇنلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
دەرۋەقە، خوتەندە يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى گىلەم توقۇشقا ئادەتلەنگەن، دېيىلسە ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايىدۇ. ھازىرمۇ زامانىۋىلاشقان گىلەمچىلىك كارخانىلىرىدىن تاشقىرى كۆپچىلىك ئائىلىلەردە گىلەم توقۇش دەستىگاھى ئورنىتىلغان. خوتەن گىلىمى خوتەن قويىنىڭ يۇڭى ئەۋرىشىمچانلىق ۋە ئۇزۇن تالالىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا خوتەندە يۇڭ يىپ بوياشقا ئىشلىتىدىغان تەبىئىي بوياق ماتېرىياللىرى (ياڭاق پوستى، ئانار پوستى، توغرۇغۇ، زەمچە، شاخار ... قاتارلىقلار) ناھايىتى كۆپ چىقىدۇ. بۇنداق ئەۋزەل شارائىتلار خوتەندە گىلەمچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس بولغان. خوتەن گىلىمى روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ۋە قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە. ئۇ نۇسخا جەھەتتىن <شەرق ئۇسلۇبى> غا تەۋە بولۇپ، شەكلى خىلمۇ خىل ۋە رەڭدار، ئىشلىتىشكە قولايلىق، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېستېتىك تەلىپى ئەكىس ئەتكەن.
خوتەن گىلىمى نۇسخا جەھەتتىن ئاچچىق ئانار نۇسخا (ئانارگۈل نۇسخا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئىران نۇسخا، كەشمىر نۇسخا، چېچەك نۇسخا، لوڭقا نۇسخا، كەلكەن نۇسخا، شام نۇسخا، ئەدىيال نۇسخا، يولتۇز نۇسخا قاتارلىق ئون نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ خىل نۇسخىلىق گىلەملەرنىڭ ھەممىسىدە بىر ئورتاق ئالاھىدىلىك بار، ڭيەنى بۇ گىلەملەرنىڭ چۆرىسىگە ھەرە چىشلىق ئۈچ بۇلۇڭ شەكىل نەقىشلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۇسلۇبتىكى ئۆي - ئىمارەت نەقىشلىرىدە مۇشۇ ئۇسلۇب گەۋدىلەنگەن. خوتەن گىلەملىرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن يەر گىلىمى (يەرگە سالىدىغان گىلەم)، تام گىلىمى (ئاسما گىلەم)، كارىۋات گىلىمى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. بۇ خىل گىلەملەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە رەڭ تۈرلىرى بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.
گىلەم توقۇش يۈكسەك ئەقىل - پاراسەت ۋە گۈزەللىك تۇيغۇ تەلەپ قىلىدىغان مۇشەققەتلىك ئەمگەك بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئۇنى ناھايىتى قەدىرلەيدۇ ۋە پەخىرلىنىدۇ. گىلەم ناھايىتى چىداملىق بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئارىسدا <كەمبەغەل بولساڭ گىلەم ئال> دەيدىغان نەقىل بار. دەرۋەقە، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ شەھەردىن يېزىلارغىچە بىرەر پارچە گىلىمى يوق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى ئۇچىرىتىش تەس. خوتەن گىلىمى بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ خەلقئارا بازاردا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان بىر مىللىي قول ھۈنەر مەھسۇلاتى بولۇپ قالماقتا.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر