باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
بىز
-
ھۆنەرلىرىمىز
-
ئەتلەس
ئەتلەس
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 11:43:11 كۆرۈلىشى: $$访问$$
ئەتلەس - ئۇيغۇر يىپەكچىلىكىدىكى داڭدار مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىپەك رەختلىرىدىن بىرى، شۇڭا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىدە بىر يۈرۈشتىن ئەتلەس كۆڭلەك بولىدۇ. مەلۇم نۇقتىدا ئەتلەس كۆڭلەكنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مىللىي بەلگىسى دېيىش مۇمكىن.
ئەتلەس - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېستېتىك تەپەككۇرىدا ئۆز يېرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىنى، گۈزەل باغۇ بوستانلىرىنى، يېشىل لېنتىدەك سوزۇلۇپ ئاققان دەريالىرىنى نەپىس ۋە رەڭدار يىپەك بىلەن تەقلىدىي ئىپادە قىلغان سەنئەت خەرىتىسىدۇر
ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەتلەس كۆڭلەكنى نېمە ئۈچۈن ئالاھىدە ئەتىۋارلايدۇئ <قۇرئان> دا <جەننەتكە كىرگەنلەر يىپەكتىن كىيىم كىيىدۇ> دەپ خاتىرىلەنگەن. چۈنكى، ئۇ يىپەكتىن توقۇلغاچقا، سۈپىتى يۇقىرى، يۇمشاق ھەم نەپىس بولغاچقا، بەدەنگە ھۇزۇر - ھالاۋەت بېغىشلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەتلەس ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى رەڭ چۈشەنچىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، رەڭگى خىلمۇ خىل.
شىنجاڭ قەدىمدىن باشلاپ يىپەكچىلىك بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولغان رايونلارنىڭ بىرى. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر رايونلىرىدا يىپەكچىلىك بىر قەدەر بۇرۇن تەرەققىي قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ بۇرۇن <يىپەك يولى> دەپ نام قويغۇچى گېرمانىيىلىك مەشھۇر گېئوگراف ۋە ئارخېئولوگ رېچفوفېن (1833 - 1905) دۇر، ئۇ، قەدىمكى چاڭئەن ۋە ئۇدۇن (خوتەن) نىڭ نەپىس ئىشلەنگەن جۇلالىق يىپەك رەختلىرى <يىپەك يولى> سودىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە زور داغدۇغا قوزغىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئەتلەس - ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك قول ھۈنەر مەھسۇلاتى. خوتەن شەھىرى، لوپ، گۇما، يەكەن، يېڭسار ۋە قەشقەر ئەتراپىدا ئەتلەس توقۇشنى ھۈنەر - كەسىپ قىلغان نۇرغۇن كاسىپلار بولۇپ، يىپەك سانائىتى زامانىۋىلاشقان بۈگۈنكى زاماندىمۇ ئۇلار قولغا تايىنىپ ئەتلەس توقۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى مىللىي ئادىتىنى يوقاتقىنى يوق.
ئەتلەس توقۇمچىلىقى مۇنداق بىر قانچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ:
بىرىنچى باسقۇچ - پىلدىن يىپ ئېگىرىش: يەرلىك ئۇسۇلدا پىلە غوزىسى قازانغا سېلىپ قاينىتىلىدۇ. غوزا يۇمشىغاندىن كېيىن يىپەك تالاسىنى ئايرىپ، داۋۇزچاپ دەپ ئاتىلىدىغان يىپ تۈرۈش ئەسۋابىغا ئىلىندۇرۇپ، تۈرۈم چاق ئارقىلىق يىككە تۈرۈلىدۇ. سەيناق دەپ ئاتىلىدىغان كېرەكسىز غوزەكلارنى تاللىۋېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئادەتتە بىر تال غوزەكتىن يىگىرمە بەش مېتر ئەتراپىدا يىپ ئالىدۇ. قول بىلەن بىر ئادەم ھەر كۈنلۈكى ئوتتۇرا ھېسابتا تۆت كىلوگرام پىلە غوزىسىدىن يىپ ئايرىپ چىقالايدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ - يىپنى بوياش: يىپ توقۇماقچى بولغان ئەتلەسنىڭ رەڭگىگە ئاساسەن خىلمۇ خىل بويىلىدۇ. ئۇيغۇر ئەتلەسلىرىنىڭ رەڭگى كۆپرەك قىزىل، كۆك (ھاۋا رەڭ)، سېرىق، ماش رەڭ، قارا، زەيتۇ رەڭلىرىدە بولۇپ، بىر خىل ئەتلەس ئادەتتە ئۈچ - تۆت خىل رەڭنىڭ مۇۋاپىق بىرىكىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. يىپ بوياشتا ئاساسەن يەرلىك تەبىئىي رەڭ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇنداق رەڭلەر مەڭگۈ ئۆڭمەيدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ - توقۇش: بوياپ قۇرۇتۇلغان يىپ ئىنچىكە تالاسى بويىچە ئەتلەس توقۇش دەستىگاھىغا تارتىلدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تاراق (يەرلىك مەلۇم بىر خىل چۆپنىڭ يىلتىزىدىن كىيىم چوتكىسىغا ئوخشاش ياسالغان) بىلەن يىپنى تەكشىلەپ يىپەك مويلىرىنى تازىلايدۇ. ئارقىدىن قوناق ئۇنىدىن سۇيۇق قىلىپ ياسالغان ئاھا بىلەن يىپنى پاتلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەشۈت يىپ تارالغان چاچتەك تالا - تالا ھالەتكە كېلىدۇ. ئاندىن ئۆرۈش يىپنى موكا بىلەن ئارقاش يىپ ئارىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەتلەسنى توقۇشقا باشلايدۇ. توقۇماقچى بولغان ئەتلەسنىڭ رەڭ تۈرى ۋە نۇسخىسى ئۇستىكارنىڭ مېڭىسىگە <سىزىلغان> بولۇپ، ئۇلار ھېچقاچان سخېما تەلەپ قىلمايدۇ.
ئادەتتە قولدا توقۇلغان يەرلىك ئەتلەسنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئالتە مېتر قىرىق سانتىمېتر، ئېنى قىرىق بەش سانتىمېتر بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ ياش قۇرامىغا قاراپ ئەتلەسنىڭ رەڭگىنى تاللاپ كىيىشكە ئادەتلەنگەن. قارا ئەتلەس (داراڭيى ئەتلەس دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى كۆپرەك يېشى چوڭراق ئاياللار، خان ئەتلەس (ئوچۇق رەڭلىك ئەتلەس) نى قىزلار ۋە چوكانلار، خوجەنە نۇسخا دەپ ئاتالغان كۆك ياكى زەيتۇن ئەتلەسنى ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ياخشى كۆرىدۇ.
دېمەك، ئەتلەس، شايى، بەقەسەملەر روشەن يەرلىك مەھسۇلاتلار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يىپەك رەختلىرىدۇر.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر