توم ئوغۇل بالا بولۇپ، ئۇ كىتاب ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. كۈن بويى قولىدىن كىتاب چۈشمەيدىكەن، پەقەت ئوينىغىلى چىقمايدىكەن. بىر كۈنى، توم ئادەتتىكىدەكلا كىتابنى ئېلىپ دىۋاندا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ ئوقۇغىلى تۇرۇپتۇ. تۇيۇقسىزلا، بىر ئويۇنچۇق بالا كىتابتىن ئىرغىپ تۇرۇپتۇ. توم دىڭڭىدە چۆچۈپ كېتىپ: - سەن كىم، قانداق قىلىپ مېنىڭ كىتابىمغا كىرىۋالدىڭ؟- دەپ سوراپتۇ. - مەنمۇ بۇرۇن ساڭا ئوخشاش بىر ئوغۇل بالا ئىدىم، كىتاب ئوقۇشنىمۇ بەك ياخشى كۆرەتتىم، ئەتىدىن - كەچكىچە كىتاب ئوقۇيتتىم، پەقەت ئوينىغىلى چىقمايتتىم، ئاغىنىمۇ تۇتمايتتىم. بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆزۈمنىڭ ئاستا - ئاستا كىچىكلەپ كېتىۋاتقانلىقىمنى بايقىدىم، ئاخىرى مۇشۇنداق ئادەم بولۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن كىتابنىڭ ئىچىدىلا تۇرىدىغان بولدۇم. مەن يەنە ساڭا ئوخشاش ئوغۇل بالىغا ئايلىنىۋېلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. توم چۆچۈپ تۇرۇپ كېتىپتۇ. ئەسلىدە بۇ ئۇنىڭ چۈشى ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىتابلا ئوقۇماي، پات - پات كىچىك دوستلىرىنىمۇ ئىزدەيدىغان بوپتۇ. شۇنداقلا نۇرغۇن دوست تۇتۇپتۇ. |