كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

باللار باغچىسى - بالىلار چۆچەكلىرى - قىزىل بۆك سىزنىڭ ئورنىڭىز:

قىزىل بۆك

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 10:42:09 كۆرۈلىشى: 47



  ئىلگىرى، چوڭ ئورمانلىقنىڭ بۇ تەرىپىدە ئۇماق بىر قىزچاق بار ئىكەن. ئۇ قىزىل ياغلىق چىگىپ يۈرۈشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. شۇڭا ھەممەيلەن ئۇنى قىزىل بۆك دەپ ئاتىشىدىكەن.
  بىر كۈنى، قىزىل بۆك ئەتىگەندىلا ئۆيدىن چىقىپتۇ. ئۇ ئورماننىڭ نېرى تەرىپىدە تۇرىدىغان مومىسىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارماقچىكەن، ئۇ يولبويى ئوينىغاچ مېڭىپ، بىردەمدىلا چوڭ ئورمانلىققا كېلىپ قاپتۇ.
  تۇيۇقسىزلا، قىزىل بۆكنىڭ ئالدىدا يوغان بىر بۆرە پەيدا بوپتۇ.
  - قىزچاق، نەگە كېتىپ بارىسەن؟
  -  مومامنىڭكىگە  كېتىۋاتىمەن، ئۇ ئورماننىڭ نېرى تەرىپىدە تۇرىدۇ.
  بۆرە بۇنى ئاڭلاپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ يۈگۈرۈپ كېتىپتۇ. ئۇ قىزىل بۆكتىن ئىلگىرى موماينىڭ ئۆيىگە بېرىۋالماقچى بوپتۇ.
  ئۇ چاپە چاپ، بىردەمدىلا موماينىڭ كىچىك ياغاچ ئۆيىگە يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇ ئىشىكتىن ئېتىلىپ كىرىپ موماي ۋارقىراپ بولغىچە، ئۇنى بىرلا يالماپ يۈتۈۋېتىپتۇ. ئاندىن موماينىڭ كېچىلىك كىيىمىنى كىيىپ، موماينىڭ كارىۋىتىدا يېتىپتۇ.
  دەل شۇ ۋاقىتتا قىزىل بۆك  يېتىپ كەپتۇ. ئۇ مومىسىنى كۆرۈپ ئختىيارسىز چۆچۈپ كېتىپتۇ.
  - ۋاي موما، كۆزۈڭ نېمانچە يوغىناپ كەتتى؟
  -  قەدىرلىكىم، سېنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن.
  - موما، موما، قۇلىقىڭ نېمانچە يوغىناپ كەتتى؟
  -  قەدىرلىكىم، سېنىڭ سۆزۈڭنى تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلاش ئۈچۈن.
  -  موما، موما، چىشىڭ نېمانچە ئۇزىراپ كەتتى؟
  -  قەدىرلىكىم، سېنى تېخىمۇ ھوزۇرلىنىپ يېيىش ئۈچۈن.
  شۇ سۆز بىلەن تەڭلا، بۆرە كارىۋاتتىن سەكرەپ تۇرۇپ، قىزىل بۆكنى كاپلا قىلىپ تۇتۇپ، ئاغزىنى يوغان ئېچىپتۇ.
  قىزىل بۆك قورقۇپ تىترەپ كېتىپتۇ، كۆزلىرى  ئىسسىق  ياشقا تولۇپتۇ. لېكىن ئۇ مۇلايىملىق بىلەن بۆرىگە:
  - مەن سېنىڭ بۆرە ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن، ئادەم يېيىش سېنىڭ تەبىئىتىڭ، شۇڭا سېنى ئەپۇ قىلىمەن،-  دەپتۇ - دە، بۆرىنىڭ يوغان ئاغزىغا سۆيۈپ قويۇپتۇ، كىم بىلسۇن، بۆرە بىردىنلا چىرايلىق شاھزادىگە ئايلىنىپ، قىزىل بۆككە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ:
  -  رەھمەت سىزگە قىزچاق، سىزنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىڭىز مېنى پېرىخۇننىڭ ئەپسۇنىدىن قۇتۇلدۇردى،-  دەپتۇ.
  شۇنداق دەۋاتقاندا، مومايمۇ سىرلىق ھالدا پەيدا بوپتۇ. ئۇنىڭ ھەممە ئەزايى ساپساق، بىرمۇ يېرى زەخىملەنمەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، موماي بىلەن قىزىل بۆك يەنە بىللە ياشاپتۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316