ئويۇنغا كېچىكىپ كەلگەن ئېيىقچان سەھنىنىڭ ئالدىغابېرىۋالماقچى بولدى - دە، مىغىلدىشىپ تۇرغان تاماشىبىنلار ئارىسىغا قىستىلىپ كىرىپ، قايسىدۇر بىرىنىڭ پۇتىغا دەسسىۋالدى، قايسىدۇر بىرىنى گەۋدىسى بىلەن سوقۇپ يىقىتىۋەتتى... ئۇ باشقىلارنىڭ قاقشاشلىرىغا، ئەيىبلەشلىرىگە قارىماي، بالىسىنى باغرىغا باسقان پېتى بېرىلىپ ئويۇن كۆرۈۋاتقان مولۇن بىلەن تىيىننىڭ ئوتتۇرىسىغا سىغدىلىپ كىرىپ ئولتۇرۇۋالدى. مولۇنچاق قورققىنىدىن چىرقىرىۋەتتى. ئۇزۇن قۇيرۇقى ئېيىقچاقنىڭ ساغرىسى ئاستىدا بېسىلىپ قالغان تىيىن ئاغرىق ئازابىدىن تولغىنىپ كەتتى. ئېيىقچاق يوغان گەۋدىسى بىلەن سەھنىنى توسۇۋالغاچقا، ئويۇننى كۆرەلمىگەن كىچىك ھايۋانلار چۇرقىراشقىلى تۇردى. ئويۇن تەرتىپى بۇزۇلدى... - ئەدەب - ئەخلاقنى ئۇقمامسەن، بالام؟ - دېدى بىر چەتتە ئولتۇرغان قېرى مايمۇن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - شۇنچىۋالا بويۇڭ بىلەن مۇشۇنداق بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلساڭ ئۆزۈڭگە سەت ئەمەسمۇ؟ - سېنىڭ نېمە كارىڭ؟ - دېدى ئېيىقچاق قوپاللىق بىلەن، - نېمە قىلغۇم كەلسە شۇنى قىلىمەن! - بولدى، باشقا گەپلەرنى كېيىن دېيىشەيلى، - دېدى مايمۇن ئۇنىڭ بىشەملىكىدىن بىزار بولۇپ، - ئاۋۋال كۆپچىلىكنى خاتىرجەم ئويۇن كۆرگىلى قوي! - تازا گەپ بولدى - دە! - دېدى ئېيىقچاق مەسخىرە ئارىلاش، - ئۇلارنى ئويۇن كۆرگىلى قويماي كۆزىنى ئېتىۋاپتۇمەنمۇ؟ - ھەممىنىڭ ئالدىدا پوتەيدەك چوقچىيىپ ئولتۇرۇۋالساڭ، بىزدەك جۇغى كىچىك، بويى پاكارلار قانداق كۆرەلەيمىز؟ - توشقانچاق ئاچچىقىغا بەس كېلەلمەي غۇدۇڭشىپ قويدى. - بولمىسا مېنىڭ ئورنۇمغا بېرىپ ئولتۇرغىن! - دەپ تەكلىپ قىلدى مايمۇن بىر چەتتىكى ئورۇننى كۆرسىتىپ. - ماۋۇ ئالجىغان قېرىنى قاراڭ! - دېدى ئېيىقچاق مەنسىتمىگەن ھالدا ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، - مەن ساڭا ئورنۇڭنى بوشىتىپ بەر دېدىممۇ؟ كۆزۈمگە كىرىۋالغۇچە ئۆزۈڭنىڭ ئولتۇرۇشىنى ئولتۇرمامسەن! مېنىڭ مۇشۇ يەردە ئولتۇرغىنىم ئولتۇرغان! ھەر تەرەپتىن ئېيىقچاقنى ئەيىبلىگەن غەزەپلىك سادالار كۆتۈرۈلدى، غۇلغۇلا باشلاندى. قەھرى ئۆرلىگەن تايغان ئەدەبسىزنىڭ ئەدىبىنى بېرىپ قويۇش ئۈچۈن چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقىنىچە ئېيىقچاققا ئېتىلىۋىدى، مايمۇن توسۇپ قويدى. ئويۇننى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇمكىن بولماي قالدى، ھەممەيلەن كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە تارقىدى. مۇشتلاشتا ئۇتۇپ چىققان نوچىلاردەك غادىيىۋالغان ئېيىقچاق ھېچكىمگە قاراپمۇ قويماي غىڭشىپ ناخشا ئېيتقىنىچە ھەممىدىن بۇرۇن ئۆز يولىغا راۋان بولدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مايمۇن، مولۇن، تىيىن ۋە توشقانچاقلار بېشىنى چايقىشىپ، پاراڭ سېلىشقىنىچە ئورمانلىققا قاراپ مېڭىشتى. ئۇلار ئورمان بىلەن ئويۇن قويۇلغان سەينا - ئوتلاقنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاغدىن ئېشىپ بولغۇچە ھاۋا گۈلدۈرلەپ، شارقىراپ يامغۇر قۇيۇۋەتتى. مايمۇن مولۇنچاقنى قۇچىقىغا ئېلىۋالدى، توشقانچاق قاياقتىندۇر بىر موگۇ كۈنلۈك تېپىپ كەلدى - دە، مولۇنچاقنى يامغۇردا ھۆل بولۇپ كېتىشتىن ساقلىدى. مولۇن تىيىنغا، تىيىن توشقانچاققا، توشقانچاق مايمۇن بىلەن ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى مولۇنچاققا كۆيۈنگەن ھالدا بىر - بىرىنى يۆلىشىپ تاغدىن پەسكە چۈشۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن: >ۋايجان! قۇتۇلدۇرۇڭلار!< دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. - ئېيىقچاقنىڭ ئاۋازىمۇ نېمە؟ - دېدى مايمۇن قۇچىقىدىكى مولۇنچاقنى مولۇنغا تۇتقۇزۇۋېتىپ، - مەن ئاۋۋال بېرىپ قاراپ باقاي، سىلەر ئارقامدىن يېتىپ بېرىڭلار! ئاۋاز چىققان جايغا ئۇچقاندەك يېتىپ بارغان مايمۇن، تېيىلىپ كېتىپ، چوڭقۇر جىلغا ئۈستىدە ساڭگىلاپ تۇرغان بىر تاشقا ئېسىلىپ قالغان ئېيىقچاقنى كۆرگەندە، بەدىنىدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى. ناۋادا ئېيىقچاق چۈشۈپ كېتىدىغانلا بولسا، كۇكۇم - تالقان بولۇپ كېتەتتى. مايمۇن ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا، چاققانلىق بىلەن ئېيىقچاق ئېسىلىپ قالغان تاش ئۈستىگە سىيرىلىپ چۈشتى - دە، قۇيرۇقىنى بىر پۇتاققا چىرمىۋېلىپ، ئۆزىنى ئالدىغا تاشلاپ ئېيىقچاقنىڭ قولىدىن تۇتۇۋالدى. قىل ئۈستىدە قالغان ئېيىقچاققا قايتىدىن جان كىردى. ئۇ ئاخىر، مايمۇننىڭ ياردىمىدە تاش ئۈستىگە چىقىۋالدى. ئۇنىڭغىچە مولۇن، تىيىن ۋە توشقانچاقلارمۇ يېتىپ كەلدى - دە، بىر ئۇزۇن يېشىل پېلەكنى تۆۋەنگە تاشلىدى. ئېيىقچاق پېلەككە يامىشىپ، خەتەردىن قۇتۇلدى. - بىرەر يېرىڭ زەخمىلەندىمۇ - يوق؟ - دەپ مايمۇن كۆيۈمچانلىق بىلەن سورىدى. مولۇن، تىيىن، توشقانچاقلار ئۇنىڭ بىر ئاز سۈرۈلۈپ كەتكەن يەرلىرىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلاشتى. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن ئېيىقچاقنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆزىنىڭ باياتىنقى قوپاللىق، ئەدەبسىزلىكلىرى >يالت< قىلىپ ئۆتۈۋېدى، خىجىللىقتىن يۈزى ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى... |