ئاۋات شەھەردىكى مەلۇم ئىدارىدە بىر بۆلۈم باشلىقى - شەيتان بار ئىكەن. بىر بوۋاينىڭ ھاجىتى چۈشۈپ ئۇنى ئىزدەپ كەلسە، ئۇ بۆلۈمدە يوق بولۇپ چىقىدىكەن. بوۋاي بىر قانچە كۈن كېلىپ - كېتىپ يۈرۈپ، ئۇنى ئۇچرىتالماي ئۆتۈكىنىڭ چەمى تېشىلىپتۇ، پۇتىنىڭ دەرمانى كېسىلىپتۇ... ئاخىر، بىچارە بوۋاي بىر كۈنى قورساقنىڭ ئاچلىقىغا، كۈتۈشنىڭ تەسلىكىگە چىداپ، بۇلۇڭدا ماراپ يېتىپتۇ. بىر چاغدا شەيتان تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ، غىپلا قىلىپ بۆلۈمگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ قالغان بوۋايمۇ ئارقسىدىن تاپ بېسىپ كىرسە، ھېلىقى شەيتان ئورنىدا ئولتۇرا - ئولتۇرمايلام، بىچارە بوۋايغا قاراپمۇ قويماستىن، يەنە تاشقىرىغا چىقىپ كېتىشكە تەمشىلىپتۇ. بوۋاينىڭ سەپرايى ئۆرلەپ ۋارقىراپتۇ: - ئەي، سەن قانداق مەخلۇق، نېمىشقا ئورنۇڭدا ئولتۇرالمايسەن؟ غىپىلداپ يۈرۈپ ھېچبىر گېپىمنى ئاڭلىمايسەن ياكى بىزنىڭ بىرەر ئىشىمىزنى قىلىپ بەرمەيسەن!؟ شەيتان بوۋاينى زاڭلىق قىلىپ ھىجىيىپتۇ - دە: - ئەي - ئەي، سەن ئەۋالنى ئۇقمايدىغان راسا ئەخمەق قېرى ئىكەنسەن! مەن ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ سېنىڭ ئىشىڭنى قىلسام، سىرتتىكى مېنىڭ كەسپىم - ھىيلە - مىكىرنى كىم قىلىدۇ؟ - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. |