كروران ئېلى ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرغان، ئۇنىڭ نامى تارىخ سەھىپىسىدىن يوقالغاندەك قىلغان بولسىمۇ، ھەربىر تارىخنامىدە زىكرى قىلىنىپ تۇردى، 1900 - يىلى 3 - ئايدا كروران خارابىسىنىڭ تېپىلىشى ھەمدە 1019 - يىلى 3 - ئايدا تەكشۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە، بۇ شەھەر خارابىسىنىڭ تارىخىي مەنبەلەردە يېزىلغان كروران شەھىرى ئىكەنلىكى خەلقئالەمگە نامايان بولدى ۋە ئۇنىڭ زىلزىلىسى دۇنيانى تەۋرەتتى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلار توختاپ قالغىنى يوق. كروران توغرىسىدا بىر ئەسىرلىك تەكشۈرۈش - تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، كروران ئېلى قاچان قۇرۇلغان؟ ئۇنىڭ پايتەختى قەيەر؟ قانداق ۋەيران بولغان؟ بۇ مەدەنىيەت قانداقلارچە ئاشۇنداق يۇقىرى پەللىگە يەتكەن؟ ئۇلار مۇكەممەل قانۇنلارنى قانداق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتكە قەدەم قويغان؟… دېگەندەك نۇرغۇن سىرلار تېخى تىلسىم پېتى تۇرماقتا، مەن بۇ مەسىلىلەردە ئۆزۈمنىڭ قۇربىمنىڭ يېتىشىچە پىكىر بايان قىلىشقا تىرىشىمەن. بىزنىڭ كروران ھەققىدىكى يازما ئۇچۇرلىرىمىز مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ئىككىنچى ئەسىردىن باشلىنىدۇ، بۇ ھەقتە بىزگە ئەڭ دەسلەپ ئۇچۇر بەرگۈچى مەشھۇر تارىخچى سىماچيەن. ئۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 145-يىلى تۇغۇلۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 86-يىللار ئەتراپىدا ۋاپات بولغان. ئۇ <تارىخىي خاتىرىلەر> دە مۇنداق ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەپ قالدۇرغان: < … روران، ئۇيسۇن، ئوغۇز ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى 26 ئەل تىنجىتىلدى، ھەممىسى ھۇنلارغا تەۋە بولدى، بارچە ئوقيا تۇتقان خەلق بىر ئائىلە بولۇپ ئۇيۇشتى>.سىماچيەن: <تارىخىي خاتىرىلەر> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 8719 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 407 - بەت.بۇ، ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇر، يەنى ئوغۇزخاننىڭ خەن سۇلالىسى پادىشاھىغا يازغان مەكتۇپىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت. بۇ مەكتۇپتا يېزىلغان روران خەنزۇچە مەنبەدە 楼兰 دەپ يېزىلغان، ئۇ دەل كروران ئېلىنى كۆرسىتىدۇ. بىز بۇ جۈملىلەردىن كروران ئېلىنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176 - يىلىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىلا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز، ئەمما ئۇنىڭ زادى قاچان قۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوق بولغاچقا، قاچاندىن باشلاپ كروران دۆلىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلەلمەيمىز. كروران ئېلى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ھۇنلارغا ئولپان تۆلەيدىغان قارام دۆلەتكە ئايلانغان. بىز يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن يەنە بىر مەسىلە ھەققىدە، يەنى كرورانلىقلار بىلەن ھۇنلارنىڭ ئېتنىك مەنبەداشلىققا ياتىدىغانلىقىنى ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرەك. يۇقىرىقى ئۇچۇردا گەرچە <بارچە ئوقيا تۇتقان خەلق> دېيىش ئارقىلىق قارىماققا ئۇلار جەڭگىۋار چارۋىچى خەلق دېيىلگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قانداشلىققا ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن. بىز بۇ ئۇچۇردىن كروران ئېلىنىڭ خېلى كۈچلۈك ھەم مەشھۇر دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز، ھۇن تەڭرىقۇتى خەن سۇلالىسىگە تەھدىت سېلىشتا كروران ئېلىنىڭ نامىنى ئاتىشى بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. ھۇنلار ھەققىدە دوكتور ئاشتى شېن يۇۋلياڭ ئۆزىنىڭ <جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى مىللەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتلىرى ئۈستىدە تەتقىقات> ناملىق كىتابىدا <ھۇن ئىمپېرىيىسى جۇڭگو تارىخىدا شىمال مىللەتلىرى قۇرغان تۇنجى ھاكىمىيەت. ئۇنى ھۇن مىللىتىدىن باتۇر تەڭرىقۇت مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209 - يىلى قۇرغان> دەپ يازىدۇ. بۇ ئىمپېرىيە شۇنىڭدىن باشلاپ مىلادىيە 216 - يىلى يىمىرىلگەنگە قەدەر يالغۇز غەربىي دىيار تارىخىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جۇڭگونىڭ تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن قۇدرەتلىك بىر دۆلەتتۇر، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار خەنزۇچە كلاسسىك مەنبەلەردە كەڭ دائىرىدە خاتىرىلەنگەن. بۇ دۆلەت كۈچەيگەن ۋاقىتلاردا تېررىتورىيىسى سەدىچىننى پاسىل قىلىپ، شەرقتە لياۋخېغىچە، غەربتە پامىرغىچە، شىمالدا بايقال كۆلىگىچە سوزۇلغان. كۈچەيگەن چاغدىكى ھەربىي قوشۇنىنىڭ ئەڭ كەم دېگەندىمۇ 400 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇندىن ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پاكىتلار بار )بېيدىڭ قورشاۋىغا 400 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئىشلەتكىنىگە قارىغاندا ئومۇمىي ئارمىيىسى 500 مىڭ كىشىدىن ئېشىشى مۇمكىن>. ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى بىلەن خەن سۇلالىسى ئەينى دەۋردە شەرقىي ئاسىيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەردىن ھېسابلىناتتى، ئۇنداقتا ھۇن دۆلىتى خەن دۆلىتىگە تەھدىت سالغىنىدا نېمە ئۈچۈن كروراننى ئۆز ئىشغالىيىتىگە ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟ بۇنىڭدا بىرقانچە مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، بىرىنچى، غەربىي دىيارغا بېرىشتا كروراننىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن بولغانلىقىدىن ئىبارەت، ئەمما بۇ پەقەت خەن سۇلالىسى ئۈچۈنلا شۇنداق. ئىككىنچى غەربىي دىياردا كۈچلۈك ياكى تەسىر دائىرىسى ئىنتايىن چوڭ دۆلەت بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇ پىكىرلىرىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇيسۇن ۋە ئوغۇز خانلىقلىرىنى تىلغا ئالىدىغان بولساق، ئۇيسۇن خانلىقىنىڭ قاچان قۇرۇلغىنى نامەلۇم، ئۇلار ئەسلىدە خېشى كارىدورى ئەتراپىدا ياشاپ كەلگەن، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 177 - يىلى ھۇنلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندا ئىلى دەرياسى بويىغا كۆچۈپ بالقاش ئەتراپلىرىغىچە تارالغان، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا غەربىي دىياردىكى 12 تۈمەن تۈتۈن، 630 مىڭ نوپۇس، 188800 ئەسكىرى بار چوڭ دۆلەت بولۇپ، مىلادىيە 5-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ئوغۇز خانلىقى بولسا ھازىرقى چۆچەك ئەتراپلىرىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالغان ھاكىمىيەت ئىدى. بىز مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن كروراننى ئەينى تارىخىي دەۋردىكى قۇدرەتلىك بىر ھاكىمىيەت بولسا كېرەك، دېگەن ئىلمىي پەرىزىمىزنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز. <تارىخىي خاتىرىلەر> 123 - جىلد <پەرغانە تەزكىرىسى> دە، <شەرقىدىكى رايونلاردا شەرققە ئېقىپ، لوپ كۆلىگە )盐泽> گە قۇيۇلىدىكەن، لوپ بىلەن چاڭئەننىڭ ئارىلىقى 5000 چاقىرىم كېلىدىكەن. ھۇنلارنىڭ غەربىدىكى قەبىلىلىرى لوپ كۆلىنىڭ شەرقىدە بولۇپ، لوڭشى سەددىچىنگە يېتىپ بارىدىكەن. جەنۇبى چاڭلار ئېلىگە تۇتىشىپ، خەن خاقانلىقىنىڭ پەرغانە ۋە ياۋچىلارغا بارىدىغان يولىنى توسۇپ تۇرىدىكەن… روران، قۇس قاتارلىق قاتناش يولىنىڭ ئاغزىدىكى كىچىك دۆلەتلەر خەن ئەلچىسى ۋاڭ خۇي قاتارلىقلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق بۇلاڭ - تالاڭ قىلىدۇ>سىماچيەن: <تارىخىي خاتىرىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 490 - بەت.دېيىلگەن. بۇ ئۇچۇرلار بىزگە كروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا، جۈملىدىن لوپ كۆلىگە يېقىن رايوندا ئۇنىڭ شەھەرلىرى بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بۇ ئۇچۇر بىزگە يەنە كروران شەھىرىنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، ئىلگىرى بەزى تەتقىقاتچىلار يۈزەكىي تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلىنىپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلمىدى ياكى ئاز دېگەن يەكۈننى چىقىرىپ، كروراننى مىلادىيىنىڭ بېشىدا ئاندىن شەھەر بولغان، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئەمەلىيەتتە بىز مۇناسىۋەتلىك ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارغا مۇراجىئەت قىلساق، كروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىنىڭ ناھايىتى قەدىمدىنلا كرورانلىقلارنىڭ پائالىيەت ئورنى بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. تارىخىي تېپىلمىلار كروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى جايلاردا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇ رايوندا ياشاش جەريانىدا تەدرىجىي كۈجۈم ئولتۇراقلىشىپ، تەدرىجىي ھالدا شەھەرلەرنى بەرپا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنىدى، ئەلۋەتتە شەھەرلەرنىڭ بەرپا بولۇش - بولماسلىقىنى ئۇنىڭ سېپىل - قورغانلىرىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى بىلەن ئۆلچەش مۇۋاپىق بولمىسا كېرەك، يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، كروران شەھىرى دەپ قارىلىۋاتقان قەلئەنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىلمىي يەكۈن يوق، يازما خاتىرە تېخىمۇ يوق. مۇشۇنداق ئىكەن، كروران شەھىرى خارابىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تارىخىي ئىزلارنىڭ دائىرىسى 100 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. بىز كروراننىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ئىككىنچى ئەسىردىن بۇرۇنقى تارىخىي ۋەقەلىرى ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيمىز، شۇنداقتىمۇ ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار بىزنى يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176 - يىلى كروران ئېلى ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ تېررىتورىيىسىگە ئۆتكەندىن كېيىن، خېلى مەزگىلگىچە ھۇنلارنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولغان، شۇنداقتىمۇ كروران ئېلى ھۇنلارغا تەۋەلىك بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ئولپان تۆلەپ ئۆزىنىڭ نىسپىي مۇستەقىللىقىنى، جۈملىدىن ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان. كروران ئەينى ۋاقىتتا شەرق ۋە غەربنىڭ سودا مەدەنىيەت ئالاقە لىنىيىسى بولغان يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇش بىلەن بىرگە، نىسبەتەن كۈچلۈك بىر ھاكىمىيەت بولغاچقا، شۇ ۋاقىتتىكى ئىككى كۈچلۈك دۆلەت خەن پادىشاھلىقى ۋە ھۇن تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ ئىشلىرىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەچكە، ئۇلار ھەر ئاماللار بىلەن كروراننى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان. بۇنىڭغا <تارىخىي خاتىرىلەر> دىكى <جاۋپونو 700 دىن ئارتۇق چەۋەنداز بىلەن ئالدىنئالا كېلىپ روران خانىنى ئەسىرگە ئالىدۇ ۋە ئارقىدىنلا قۇسنى ئالىدۇ> دېگەن بايانى بىلەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77- يىلى فۇجېزى باشچىلىقىدىكى خەن پادىشاھلىقىنىڭ خەنجەرۋازلىرىنىڭ كروران خاقانى ئامگوكانى خەنجەرلەپ ئۆلتۈرگەنلىكى بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ، چۈنكى كروران خەلقى ھۇنلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن ھەدېگەندە خەن پادىشاھلىقىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقان. جاڭ چيەن باكتېرىيە بىلەن بولغان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ يولدا غەربتىكى ئەل - يۇرتلارغا بارىدىغان ئەلچىلەرنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە غەربىي دىياردىكىلەرنىڭ ئېرىشىدىغىنى كۆپىيىپ سوۋغا - سالاملارغا ئانچە قىزىقمايدىغان بولۇپ قالغان، بۇ ھەقتە يەنە يۇقىرىقى ئەسەردە مۇنداق بايانلار بار: <… شىمالدىن جيۇچۈەن ئارقىلىق باكتېرىيىگە بارىدىغان يول راۋانلىشىپ، ئەلچىلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، نەتىجىدە چەت ئەللىكلەر خەن خاقانلىقىنىڭ سوۋغىلىرىغا، پۇل - ماللىرىغا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، بىلگە تۆرە چەت ئەلگە بارىدىغان يولنى ئېچىپ، ھۆرمەتلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغان كىچىك ئەمەلدار چەت ئەلدىكى ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلار ۋە ئۇنىڭ ئېلىمىزگە بولغان پايدىسى توغرىسىدا يۇقىرىغا مەكتۇپ سۇنۇپ، ئۆزىنىڭ ئەلچى بولۇشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. خاقان ۋۇدى ئەلچىلىك گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ ۋە ئادەتتىكى ئەمەلدار ۋە خەلقنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلماستىنلا ئۇلارغا ئادەم قوشۇپ چەت ئەلگە ئەۋەتىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئەلچىلەر ئالاقە باغلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بېرىشكېلىش جەريانىدا دۆلەتنىڭ پۇل - ماللىرىغا خىيانەت قىلىپ ئوردىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىدۇ. خاقان ۋۇدى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان مۇنداق ئەلچىلەرنى جازالىغان بولسىمۇ، يەنىلا پۇل تۆلەپ جىنايىتىنى يۇيۇشقا بۇيرۇپ، ئۇلارنى يەنە ئەلچى بولۇشنى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئەلچى بولۇش پۇرسىتى كۆپ بولغانلىقتىن جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن قورقمايدۇ، يەنە باشقا ئەمەلدار ۋە ئەسكەرلەرمۇ چەت ئەلنىڭ ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلىرىنى مۇبالىغە قىلىپ، كۆككە كۆتۈرىدۇ. ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ مۇبالىغىچىلەرگە رەسمىي ئەلچىلىك گۇۋاھنامىسى، كىچىكرەك مۇبالىغىچىلەرگە نائىپ ئەلچىلىك گۇۋاھنامىسى بېرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى قۇرۇق گەپ ساتىدىغان، پەزىلەتسىز كىشىلەر بەس - بەستە ئۇلارنى دوراشقا باشلايدۇ، چەت ئەللىكلەر ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەرخىل گەپلىرىدىن بىزار بولۇپ، ئارىلىق يىراق، خەن لەشكەرلىرى بۇ يەرگە يېتىپ كېلەلمەيدۇ دەپ قاراپ، خەن ئەلچىلىرىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىمەي قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرىدۇ، خەن ئەلچىلىرى ئاچ قېلىپ ئۇلاردىن نارازى بولىدۇ، ھەتتا ئۇلار بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدۇ. روران، قۇس قاتارلىق قاتناش يولىنىڭ ئاغزىدىكى كىچىك دۆلەتلەر خەن ئەلچىسى ۋاڭ خۇي قاتارلىقلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق بۇلاڭ - تالاڭ قىلىدۇ>.〖ZW>B〗سىماچيەن: <تارىخىي خاتىرىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 503 -، 504 - بەتلەر.〖ZW)〗مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا خەن پادىشاھلىقى غەربىي دىياردىكى كروران قاتارلىق ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىنىڭ كىچىك، ئاھالىسىنىڭ ئاز، ھەربىي كۈچىنىڭ ئاجىز، ئاسانلا يەڭگىلى بولىدىغانلىقتەك ئوبيېكتىپ ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 108 - يىلى خەن خاقانى ۋۇدى ئەگەشكۈچى بەگ جاۋ پونونى ھەربىي قوماندان قىلىپ غەربىي دىياردىكى ئەللەرگە تاجاۋۇز قىلىدۇ، جاۋ پونو 700 دىن ئارتۇق چەۋەنداز بىلەن كېلىپ كروران ۋە قۇس قاتارلىق ئەللەرگە ئالدىن يۈرەر قىسىم بولۇپ ھۇجۇم قىلىدۇ ھەمدە كروران خاقانىنى ئەسىرگە ئالىدۇ. ۋاڭ خۇي خەن خاقانىغا ئەرز- داد قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇمۇ ھوقۇققا ئېرىشىپ كرورانغا ئەسكەر باشلاپ ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىدۇ. ئۇلار غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جاۋ پونو ۋە ۋاڭ خۇيلارنىڭ مەنسەپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئەلچى سۇخەنچىلەرنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن پەرغانىنىڭ تۇلپارلىرىغا كۆزى قىزارغان خەن خاقانى پەرغانىگە قوشۇن ئەۋەتىدۇ، پەرغانىگە ھۇجۇمغا ماڭغان خەن پادىشاھلىقى قوشۇنى كروراندىن ئۆتكەندە، غەربىي دىياردىكى ئەللەر شەھەرلەرنىڭ قورغانلىرىنى مەھكەم ساقلاپ، ئۇلارغا ئاشلىق بېرىشنى رەت قىلىدۇ، شەھەرلەرنى ئالالىغانلارلا ئاشلىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئالالمىغانلىرى ئاشلىققا ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇلار بىرقانچە كۈن ئۇرۇشۇپ ئۆز يولىغا راۋان بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئارقا سەپتىن ئايرىلىپ قالغان خەن قوشۇنلىرى شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولۇپ قايتىدۇ. بۇ تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن خەن خاقانى <دۇنخۇاڭدا جيۇچۈەن تۇتۇق بېگى تەسىس قىلىپ غەربتە لوپ كۆلىگىچە مەنزىل - ئۆتەڭلەرنى قۇردى. بۈگۈردە بىر نەچچە يۈز چېرىك تۇرغۇزۇپ، تېرىقچىلىق قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەرلەرنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئەمەلدارلارنى بېكىتىپ، چەت ئەللەرگە بارىدىغان خەن ئەلچىلىرىنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئاشلىق توپلىدى>.سماچىيەن: <تارىخىي خاتىرىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 517 - بەت.يۇقىرىقىلارغا قارىغاندا، كروران ئېلى گەرچە ھۇنلارغا قارام بولغان بولسىمۇ يەنىلا ھە دېگەندە ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى ۋە خەن خاقانلىقى ئارىسىدا بېسىمغا ئۇچرىغان. خەن سۇلالىسى ھۇنلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن غەربتىكى ئەللەردىن ئىتتىپاقداش ئىزدەپ زور تۈركۈمدە ئەلچىلەرنى يولغا سالىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى، كروران قاتارلىق بۇ كىچىك ئەللەرگە كېلىدىغان بېسىم كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن ئىككى ئارىدا زىددىيەت پەيدا بولىدۇ، خەن خاقانلىقى ئەلچىلىرىدىن بەزىلەر ھەتتا ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغان كرورانلىقلارنى بۇلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىدۇ، نەتىجىدە كرورانلىقلار ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى توختىتىدۇ، خەن خاقانى لەشكەر ئەۋەتىپ بۇ ئەللەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، يوللارغا ئۆتەڭ، قورۇقچى مەھكىمىلەرنى تەسىس قىلىپ تېرىقچى ئەسكەرلەرنى تۇرغۇزىدۇ ۋە ئەلچىلىرىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. <تارىخىي خاتىرىلەر> دىن قالسا بىزگە يەنە قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى قالدۇرغان ئەسەر <خەننامە> دىن ئىبارەت. <خەننامە> مىلادىيە 32 - يىلىدىن 92 - يىلىغىچە ياشىغان بەن گۇ تەرىپىدىن يېزىلغان، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 206 - يىلىدىن مىلادىيە 23 - يىلىغىچە بولغان خەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ تارىخىدۇر. زور ھەجىملىك بۇ تارىخىي كىتابتا كرورانغا ئائىت قىممەتلىك ئۇچۇرلار ساقلانغان بولۇپ، <تارىخىي خاتىرىلەر>نىڭ داۋامى بولغان بۇ ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن ئۇچۇرلار ئوردا خاتىرىلىرىنى پايدىلانما قىلغاندىن سىرت، يەنە خەن سۇلالىسى ئادەملىرىنىڭ غەربىي دىيار ھەققىدە يەتكۈزگەن مەلۇماتلىرىدىن ئىبارەت. <خەننامە> 96 - جىلد <غەربىي يۇرت )قۇرىقار> تەزكىرىسى )1>> دە مۇنداق ئۇچۇرلار بار: <… شەرققە ئېقىپ لوپ كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. لوپ كۆلى <شورلۇق كۆل> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لوپ كۆلىدىن يۈمېن ۋە ياڭگۇەن قوۋۇقىغا 300 چاقىرىم كېلىدۇ. كۆلنىڭ سۈيى تۇراقلىق بولۇپ يازدا كۆپەيمەيدۇ، قىشتا ئازايمايدۇ… يۈمېن ۋە ياڭگۇەن قوۋۇقلىرىدىن چىقىپ غەربىي يۇرتقا بارىدىغان ئىككى يول بار: چەرچەندىن )鄯善 > قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالى بىلەن تارىم، ياركەنت دەريالىرىنى ياقىلاپ، غەرب تەرەپكە مېڭىپ ياركەنتكە بارىدىغان يول جەنۇبىي يول دەپ ئاتىلىدۇ… غەربىي يۇرتتىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەھەرلەرگە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۆرپ - ئادەتلىرى ھۇنلار ۋە ئاسىيۇلارغا ئوخشاشمىسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن ھۇنلارغا قارام بولۇپ كەلگەن. ھۇنلار ئۆزلىرىنىڭ باتىسقانى چاكارلار كاھبېگى ئارقىلىق غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلاتتى. چاكارلار كاھبېگى دائىم ئاگنى، چۇقۇ )باغراش> ۋە كۆنچى بەگلىرىنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ، ئۇ يەردىكى بەگلىكلەردىن باج ئالاتتى>بەن گۇ: <خەننامە>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993 - يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى 849 - بەت.دېيىلگەن. <خەننامە> دە يەنە < ياڭگۇەن قوۋۇقىدىن چىقىپ، ئالدى بىلەن بارىدىغان يېقىن جاي لوپ ~ نوپ )[HT4\",6]女[KG-*4]若[HT4\"]羌> بولۇپ، چاقىلىق بەگلىكىنىڭ بېگى ھۇنلاردىن يۈز ئۆرىگەن بەگ ئىدى. بۇ يەردىن ياڭگۇەن قوۋۇقىغا 1800 چاقىرىم، چاڭئەنگە 6300 چاقىرىم كېلىدۇ. چاقىلىق يولنىڭ ئۈستىدە بولماستىن، غەربىي جەنۇبقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاھالىسى 450 تۈتۈن، 1750 كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 500 نەپەر، چاقىلىقنىڭ غەرب تەرىپى سارمادان )且末>غا تۇتاشقان، ئاھالىسى ئوت - چۆپ، سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرىدۇ، دېھقانچىلىق قىلمايدۇ. ئاشلىقنى چەرچەن )鄯善> بىلەن سارمادانبالىقتىن ئالىدۇ. تاغلىرىدىن تۆمۈر چىققاچقا، ھەربىي قوراللارنى ئۆزلىرى ياسايدۇ. قوشۇنلىرى ئوقيا، نەيزە، قىلىچ، خەنجەر تۇتۇپ، ئىشمەك ساۋۇت كىيىدۇ. غەربىي شىمالدا چەرچەن بىلەن تۇتىشىدۇ. چەرچەن چوڭ يولنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان. چەرچەن )鄯善> بەگلىكىنىڭ ئەسلىي نامى كروران بولۇپ، بېگى قاغان شەھىرىدە )بۇ شەھەر تارىخىي كىتابلاردا [HT4\",6]扌[KG-*3]于[HT4\"]泥، [HT4\",6]扌[KG-*3]干[HT4\"]泥، 欢泥 دەپ خاتىرىلەنگەن، قارۇشتى پۈتۈكلىرىدىكى khani شەھىرىدۇر - ئاپتوردىن> تۇراتتى. بۇ يەردىن ياڭگۇەنگە 1600 چاقىرىم، چاڭئەنگە 6100 چاقىرىم كېلىدۇ. ئاھالىسى 1570 تۈتۈن، 14100 كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 2912 نەپەر. بىر نەپەر نائىپبەگ، ھۇنلاردىن قوغدانغۇچىبەگ، چەرچەن كاھبېگى، قۇس خانلىقىغا زەربە بەرگۈچى كاھبەگ، سولقول قۇتقۇ، ئوڭ قول قۇتقۇ، قۇس خانلىقىغا زەربە بەرگۈچى ئىنانچى قاتارلىق ئەمەلدارلىرى بار بولۇپ، تىلماچ بەگلىككە ئىككى كىشى قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي شىمالىدىن قورۇقچىبەگ بەگلىكىگە 1365 چاقىرىم، يەنە غەربىي شىمالدىن قۇس بەگلىكىگە 1890 چاقىرىم كېلىدۇ. يېرى قۇم ۋە شورلۇق بولۇپ، تېرىلغۇ يەرلىرى ئاز بولغاچقا، قوشنا ئەللەرنىڭ يېرىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئاشلىق تېرىيدۇ ھەم باشقىلاردىن ئاشلىق ئالىدۇ، بەگلىكتىن قاشتاش چىقىدۇ. يېكەن، قومۇش، يۇلغۇن، توغراق، چىغ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر كۆپ ئۆسىدۇ. ئاھالىسى كۆچمەن بولۇپ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئات، ئېشەك، تۆگە كۆپ بولۇپ، ھەربىي قوراللارنى ياساش جەھەتتە چاقىلىققا ئوخشايدۇ.]بىز بۇ بايانلار بىلەن ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، زور پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ كۆچمەن ئاھالە ئەمەس، بەلكى مۇقىم ئولتۇراقلاشقان شەھەر مەدەنىيىتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى نامايان بولىدۇ[. باشتا خەن ۋۇدى جاڭ چيەننىڭ مەلۇماتىدىن تەسىرلىنىپ، پەرغانە قاتارلىق ئەللەر بىلەن ئالاقە باغلاشقا بەل باغلىغان. شۇنىڭ بىلەن غەربىي يۇرتقا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن. بىر يىل ئىچىدە غەربىي يۇرتقا ئون نەچچە قېتىم ئەلچى ئەۋەتىلىپ تۇرغان. كروران ۋە قۇس بەگلىكلىرى يول ئۈستىدە بولغانلىقتىن يولدىن ئۆتكەن ئەلچىلەرنى تەمىنلەشتە كۆپ چىقىم تارتقاچقا، خەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى ۋاڭ خۇي قاتارلىقلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى بۇ بەگلىكلەر ھۇنلارغا كۆپ ئايغاقچىلىق قىلىپ، ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسى ئەلچىلىرىگە توسۇپ زەربە بېرىشى ئۈچۈن قوشۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. خەن سۇلالىسى ئەلچىلىرى: <بۇ شەھەر بەگلىكلىرىنىڭ شەھەر قورغانلىرى بولسىمۇ، لېكىن قوشۇنلىرى ئاجىز، ئۇلارنى تارمار قىلىش ئاسان> دەپ مەلۇمات بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خەن ۋۇدى يانداش چاپاۋۇل جاۋ پونونى بېقىندى ئەللەرنىڭ چەۋەندازلىرى ۋە ۋىلايەت قوشۇنلىرىدىن بولۇپ بىر نەچچە تۈمەن ئەسكەر بىلەن قۇس بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. ۋاڭ خۇي كروران بەگلىكىدىن بىر نەچچە قېتىم ئازار يېگەنلىكى ئۈچۈن، خان ۋاڭ خۇينى جاۋ پونو بىلەن بىللە كرورانغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغان. جاۋ پونو ئالدى بىلەن يېنىك قوراللانغان 700 چەۋەنداز بىلەن كرورانغا بېرىپ، ئۇنىڭ بېگىنى ئەسىرگە ئالغان. ئارقىدىنلا قۇس بەگلىكىنى تارمار قىلغان … قايتقاندىن كېيىن جاۋ پونوغا جويى بېگىلىكى، ۋاڭ خۇيغا سەلتەنەتلىك تۆرە ئۇنۋانى بېرىلگەن. شۇنداق قىلىپ خەن سۇلالىسىنىڭ يول بويلاپ سالغان قونالغۇلىرى يۈمېنگىچە يېتىپ كەلگەن. كروران خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇپ تارتۇق يوللاپ تۇرغان، بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان ھۇنلار قوشۇن ئەۋەتىپ كرورانغا ھۇجۇم قىلغان. كروران بېگى بىر ئوغلىنى ھۇنلارغا، يەنە بىر ئوغلىنى خەن سۇلالىسىگە تۇرغاق قىلىپ ئەۋەتكەن. … ھۇنلار كرورانغا چەۋەندازلارنى ئەۋەتىپ، ئارقىدىن كېلىدىغان خەن سۇلالىسى ئەلچىلىرىنىڭ يولىنى ئۈزۈپ قويماقچى بولغان. بۇ چاغدا خەن سۇلالىسى قوشۇنىدىكى ھەربىي ھەكەم رېن ۋېن باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم قوشۇنلار يۈمېندا سۇتېرىشىنا سانغۇنى لى گۇاڭلى قوشۇنلىرى ئۈچۈن ئارقا قاراۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇلار قولغا چۈشكەن ئەسىرلەر ئارقىلىق كروراننىڭ ھۇنلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، دەرھال خانغا مەلۇم قىلغان. خەن ۋۇدى رېن ۋېنغا يېقىن ئۇدۇل يول بىلەن قوشۇن باشلاپ بېرىپ، كروران بېگىنى تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. قولغا چۈشكەن كروران بېگى ئوردىغا كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ خاتالىقلىرى سۈرۈشتۈرۈلگەندە، ئۇ جاۋاب بېرىپ: <كىچىك ئەللەر چوڭ ئەللەرنىڭ ئارىسىدا قالغانلىقتىن، ئىككى تەرەپكە تەڭ بويسۇنمىسا ھېچبىر ئامال تاپالمايدىكەن. مەن پۇقرالىرىمنى خەن سۇلالىسى زېمىنىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى خالايمەن> دېگەن. خەن ۋۇدى كروران بېگىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئېيتقان سۆزىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنى ئۆز ئېلىگە قايتۇرغان ھەمدە ئۇنىڭغا ھۇنلارنىڭ ھەرىكىتىنى چارلىغاچ مېڭىشنى تاپشۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلار كرورانلىقلارغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 92 - يىلى كروران بېگى ئاغرىپ قېلىپ قازا قىلغان. كرورانلىقلار خەن سۇلالىسىدە تۇرغاق بولۇپ تۇرۇۋاتقان كروران بەگزادىسىنى بەگ قىلىش ئۈچۈن ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن كروران بەگزادىسى خەن سۇلالىسىنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاختىلاش جازاسىغا تارتىلغان، شۇڭا كرورانلىقلارغا قايتۇرۇپ بەرمەي ئۇلارغا: <تۇرغاق ئوغۇلنى خان ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كرورانغا قايتۇرۇلمايدۇ، باشقا بەگزادىلەردىن بىرىنى بەگ قىلىۋېلىڭلار> دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇڭا كرورانلىقلار باشقا بىر بەگزادىنى بەگلىككە ئولتۇرغۇزۇپ، خەن سۇلالىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئۇلار خەن سۇلالىسىگە يەنە بىر تۇرغاق ئوغۇل، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۇنلارغىمۇ بىر تۇرغاق ئوغۇل ئەۋەتكەن. كروراننىڭ كېيىنكى بېگى ئۆلگەندىن كېيىن بۇ ئىشتىن ئاۋۋال خەۋەردار بولغان ھۇنلار كروراننىڭ ئۆزلىرىدىكى تۇرغاق بەگزادىسىنى قايتۇرۇپ بەگلىككە ئولتۇرغۇزغان. خەن سۇلالىسى كروراننىڭ يېڭى بېگىنى چاقىرتىپ كېلىش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا ناھايىتى نۇرغۇن ئىنئام بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ چاغدا كروران بېگىنىڭ كىچىك خوتۇنى )ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئۆگەي ئانىسى>بەگكە: <مەرھۇم بېگىمىز ۋاقتىدا خەن سۇلالىسىگە تۇرغاق قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئىككى بەگزادىمىز تېخى قايتىپ كەلمىسە، نېمە ئۈچۈن سىلى يەنە ئۇ يەرگە بارىدىلا؟> دېگەن. بەگ ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە خەن سۇلالىسى ئەلچىسىگە ئۆزرە ئېيتىپ: <مەن يېڭىدىن بەگ بولدۇم، ئەل ئىچى تېخى تىنچلانمىدى، شۇڭا يەنە بىر يىلى بېرىپ خانغا كۆرۈنۈش قىلارمەن> دېگەن. كروران بەگلىكى غەربىي يۇرتنىڭ ئەڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، خەن سۇلالىسىگە يېقىن ئىدى. قۇمتاغ دېگەن جايدا سۇ، ئوت - چۆپ قىس بولغانلىقتىن، كرورانلىقلار دائىم ئۆتكۈنچىلەرگە يول باشلىغۇچى بولاتتى. ئۇلار خەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىلىرىنى سۇ ۋە ئاشلىق ئاپىرىپ قارشى ئالاتتى ۋە ئۇزىتىپ قوياتتى. لېكىن كۆپ قېتىم خەن سىپاھ بەگلىرى تەرىپىدىن بۇلاڭتالاڭ قىلىنغاچقا، خەن سۇلالىسى بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ پايدىسى يوق ئىكەن، دەپ قارىغانىدى. كېيىن يەنە ھۇنلارغا پايلاقچىلىق قىلىپ، بىرقانچە قېتىم خەن سۇلالىسى ئەلچىلىرىنى توسۇپ ئۆلتۈرۈشكەن. خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان كروران بېگىنىڭ ئىنىسى ئۇتۇش يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى خەن پادىشاھلىقىغا مەلۇم قىلغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلى ئۇلۇغ سانغۇن خۇگۇاڭ پېڭلى قەسىرى نازارەتچى بېگى فۇجېزىنى كروران بېگىنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتىش توغرىسىدا خانغا مەلۇمات سۇنغان. شۇنىڭ بىلەن فۇجېزى يەڭگىل قوراللىق باتۇر جەڭچىلەرنى باشلاپ، ئىنئام قىلىش نامىدا كۆپلىگەن پۇل - ماللارنى ئېلىپ يولغا چىققان. ئۇ كرورانغا يېتىپ كەلگەندە كروران خانىنى ئالداپ، ئۇنىڭغا ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كروران بېگى خۇشاللىقىدا فۇجېزى بىلەن شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ قالغاندا. فۇجېزى ئۇنى يۆلەپ خالىي يەرگە ئېلىپ بارغان. شۇ چاغدا ئىككى پالۋان ئارقا تەرەپتىن كېلىپ ئۇنى خەنجەرلەپ ئۆلتۈرگەن. بۇنى كۆرگەن كروران ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى پىتىراپ كەتكەن. فۇجېزى: <كروران بېگى خەن خانىغا ئاسىيلىق قىلىپ، چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەچكە، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن خان مېنى ئەۋەتتى، ئۇنىڭ ئورنىغا خەن سۇلالىسى ئوردىسىدا تۇرۇۋاتقان ئىنىسى ئۇتۇش كرورانغا بەگ بولىدۇ، خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، قىمىر قىلماڭلار، بولمىسا پۈتۈن ئېلىڭلار ھالاك بولىدۇ> دەپ جار سالغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئەنقۇينىڭ )ئامگوكا — ئاپتور> كاللىسىنى كېسىۋېلىپ چاڭئەنگە تېز قايتىپ كېلىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان. ئەنقۇينىڭ كاللىسى ۋىياڭ ئوردىسىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا ئېسىپ قويۇلغان. خەن جاۋدى فۇجېزىغا يىياڭ بەگلىك مەرتىۋىسىنى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇتۇش كرورانغا بەگ بولغان. بەگلىكنىڭ نامى چەرچەنگە )鄯善> ئۆزگەرتىلىپ، تامغا ئويدۇرۇپ بېرىلگەن. ئوردا ئايىملىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىنغان. ئۇتۇش بەگنىڭ يولغا چىقىشى ئۈچۈن ئات ھارۋا، يۈك - تاق تەييارلاپ، باش ۋەزىر )سانغۇن> لەر باشچىلىقىدا نۇرغۇن ئەمەلدارلار ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەگنى پايتەختتىكى گۇاڭمىن دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغىچە ئۇزىتىپ چىققان. بەگ خانغا: <مەن خەن سۇلالىسىدە ئۇزۇن تۇردۇم، مانا ئەمدى قايتىپ كېتىۋاتىمەن. ئۆزۈم يالغۇز ھەم ئاجىز، ئۇ يەردە سابىق بەگنىڭ ئوغلى بار، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن. بەگلىكتە يىشۈن )伊循> شەھىرى بار، بۇ جاينىڭ يەرلىرى مۇنبەت، مەن خەن سۇلالىسىنىڭ شۇ يەرگە ئادەم ئەۋەتىپ تېرىقچىلىق قىلىپ، ئاشلىق جۇغلاتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پېقىر شۇلارغا يۆلىنىپ بىخەتەرلىكىمنى ساقلىسام> دەپ ئىلتىماس سۇنغاچقا، خەن خانى بىر ئەمىر لەشكەر، سىپاھ بەگلەردىن 40 ئادەم ئەۋەتىپ، يىشۈن )伊循> شەھىرى ئەتراپىدا تېرىقچىلىق قىلدۇرۇپ، يەرلىك خەلقنى خاتىرجەم قىلغان. كېيىن ئۇ يەرگە كاھبەگ قويغان. چەرچەن دەل خەن سۇلالىسى يولىنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئۇنىڭ غەربىدىن سارمادانغا 720 چاقىرىم كېلىدۇ. سارماداندىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇ يېقىدىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاشلىق تېرىلىدۇ. يەر ۋە ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخلىرى، چارۋا مەھسۇلاتلىرى، ھەربىي قورال - ياراغ ئىشلەپچىقىرىشى خەن سۇلالىسىگە سەل ئوخشاپ كېتىدۇ.>بەن گۇ: <خەننامە>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993 - يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، <غەربىي يۇرت )قۇرىغار> تەزكىرىسى)1>> گە قاراڭ. <خەننامە> دە يەنە مۇنداق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان: <مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 108 - يىلى جاۋ پونونىڭ ھۇن دەرياسى سانغۇنلۇقىغا تەيىنلىنىپ، كروران ئېلىگە ھۇجۇم قىلىپ، خىزمەت كۆرسىتىپ جويى بېگىلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن، ئۇ ئەسلىدە خەن ۋۇدى دەۋرىدە قىران چەۋەنداز سانغۇن، لەشكەر بېشى بولۇپ، كروراننى ئىشغال قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنىدى، كېيىن پېرىخونلۇق قىلغانلىقتىن پۈتۈن جەمەتى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. فۇجېزىنىڭ كروران خاقانىنى ئۆلتۈرۈپ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلى يىياڭ بېگىلىك مەرتىۋىسى بېرىلىپ 739 ئۆيلۈك يەر سۇيۇرغال قىلىنغان>. ئۇ 13 يىل بەگلىك قىلىپ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6 - يىلى ئۆلگەن. ئەسەردە يېزىلىشىچە، مىلادىيە 9 - يىلىدىن 23 - يىلىغىچە دەۋر سۈرگەن شىن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ۋاڭ ماڭ شۇ چاغدىكى لوپ خاقانى تاڭدۇرنى ئۆلتۈرۈپ غەربىي دىياردىكىلەرگە ھەيۋە كۆرسەتكەن. بىز <تارىخىي خاتىرىلەر> دە <خەننامە> دىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلاردىن ئازدۇر - كۆپتۇر بولسىمۇ كروران ئېلىنىڭ تارىخىدىن خەۋەر تاپالايمىز. مىلادىيىدىن خېلى بۇرۇنلا تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنى ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىنى ئۆز تېررىتورىيىسى قىلغان كروران ئېلى بار بولۇپ، مۇشۇ دەۋردە چاقىلىق ناھىيىسى دائىرىسىدە لوپ ئېلى )[HT4\",6]女[KG-*4]若[HT4\"]羌> بار ئىدى، بۇ ئەللەردىن لوپ ئېلىنىڭ نوپۇسى ئاز، يەنە كېلىپ چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان. ھازىر كۆپىنچە ماتېرىياللاردا لوپ ئېلى چاقىلىق بازىرى ئەتراپلىرىدا ئىدى دەپ قارىلىۋاتىدۇ. كروران ئېلى بىر قەدەر چوڭراق بولۇپ، ئاھالىسى نەچچە 10 مىڭغا يېتىدۇ، ئۇ شۇ ۋاقىتتا غەربىي دىياردىكى كۈچلۈك ئەللەردىن بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغانلىقى، نوپۇسىنىڭ خېلىلا كۆپلۈكى، ئەڭ قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بولغانلىقىدىن قارىغاندا بۇ يەردە شەھەر - بازارلارنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا شەرقتە كۈچلۈك ئىككى ھاكىمىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى خەن سۇلالىسى )مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 207 - يىلىدىن مىلادىيە 8 - يىلىغىچە> ۋە ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى ئىدى. ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى تۈركىي تىللىق خەلق ھۇنلارنىڭ دۆلىتى ئىدى، ئۇلار جەڭگىۋار چارۋىچى خەلقلەرنى ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، خەن سۇلالىسىنى پات - پات بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان ھەمدە ئۇلاردىن ئېغىر ئولپان ئالغان، خەن سۇلالىسى پادىشاھلىرى قىزلىرىنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بېرىپ، تىنچ - ئاسايىشلىق ئىزدىسىمۇ ئىمكانىيەتلەر ئاز بولغان. خەن سۇلالىسى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاپەت بولۇۋاتقان ھۇنلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن چارە - تەدبىر ئىزدىگەن، ئۇلار دۇخان ئەتراپىدا ھۇنلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، كۆچۈپ كەتكەن ياۋچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ھۇنلارغا زەربە بەرمەكچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ھۇنلارنى پارچىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. كروران ۋە قۇسقا ئوخشاش ئىستراتېگىيىلىك جايلار ھە دېگەندىلا ھەر ئىككى تەرەپ كۆز تىكىدىغان مۇھىم ئورۇن بولۇپ قالغان. يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان كروران مانا مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176 - يىلى ھۇنلارنىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئۆتۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىدىغان، خاقانلىرىنى ساقلاپ قالىدىغان، ئولپان تۆلەيدىغان نىسپىي مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلانغان. بۇ ۋاقىتتا غەربىي دىياردىكى، بولۇپمۇ تارىم ۋادىسىدىكى بۇ شەھەر - دۆلەتلەر ئايرىم - ئايرىمدىن مۇستەقىل ھاكىمىيەتلەر بولۇپ شەكىللەنگەن، نوپۇسى كۆپلىرىنىڭ ئون مىڭ ياكى نەچچە ئونمىڭلا ئاھالىسى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىي كۈچىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ئىدى. بۇلارنىڭ ھەربىي كۈچىنى خەن ۋە ھۇن سۇلالىرىنىڭ كۈچى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى، مىلادىيىدىن 100 يىللار بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ھۇنلار پارچىلىنىپ كۆپ ئاجىزلاشقان، بۇ ۋاقىتتا خەن سۇلالىسى ۋە ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى كۈچ جەھەتتە تەڭپۇڭلىشىپ قالغاچقا، كروران دەسلەپتە ھۇنلارغا قارام بولۇپ، تېگىننى ھۇنلارغا تۇرغاقلىققا ئەۋەتكەن. خەن سۇلالىسىنىڭ غەربكە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەنپەئەت زىددىيىتى كېلىپ چىققان، بۇ زىددىيەتلەر بارا - بارا ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن. كروران ئېلى بۇ ئىككى كۈچلۈك ھاكىمىيەت ئالدىدا ئامالسىز ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىككى ئەلگە بىردىن تېگىن ئەۋەتىپ تۇرغاق قىلىپ بىتەرەپ تۇرماقچى بولغان، لېكىن ئارىدىكى زىددىيەت بۇ بىتەرەپلىكنى ساقلاشقىمۇ ئىمكان بەرمىگەن، نەتىجىدە ئۇلار ھۇنلار تەرەپكە ئۆتكەن، شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسى دەسلەپتە كروران خاقانىنى تۇتقۇن قىلىپ ئەكەلگەن ۋە سوراق قىلغان، ئەمما كېيىنكى ۋەزىيەتلەر ئۇلارنىڭ كۆزلىگەن يېرىدىن چىقمىغان. بۇ ۋاقىتتا يالغۇز كروران خاقانىلا ئەمەس، كۈسەن، قۇس ۋە باشقىلارمۇ خەن ئەلچىلىرىنى قارشى ئالمايدىغان، ئوزۇق - تۈلۈك ۋە باشقا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەيدىغان بولۇۋالغان. خەن سۇلالىسى ئۆزلىرىنى كۆزگە ئىلمايۋاتقان، ئۆزىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى تونۇمايۋاتقان بۇ كىچىككىنە شەھەر - دۆلەتلىرىنى چۆچۈتۈش، ئۆزىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، دەسلەپتە كروران خاقانىنى تۇتقۇن قىلغان بولسا، كېيىن كروران ۋە كۈسەن قاتارلىق ئەللەرنىڭ خاقانلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، باشقىلارغا ئىبرەت قىلماقچى بولغان. خەن سۇلالىسى كرورانغا، توغرىراقىنى ئېيتقاندا يىپەك يولىغا بولغان كونتروللۇق ھوقۇقىنى ساقلاش ۋە ئاداققى ھۆكۈمران بولۇش نىيىتىدە خەن سۇلالىسى تۇرغاق بولغاندا تەربىيىلەنگەن ئۇتۇشنى )كروران خاقانى ئامگوكانىڭ ئىنىسى> خاقانلىققا كۆتۈرگەن، ئۇنى تېخىمۇ ياخشىراق تىزگىنلەش ئۈچۈن خەن ئوردىسىدىكى قىزدىن بىرىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلغان، ئۇتۇش تەختكە چىققىنىدا، خانىدانلىق نامىنى چەرچەن )鄯善> گە ئۆزگەرتكەن، ئۇ گەرچە تەختكە چىققان بولسىمۇ كرورانغا كىرىشكە پېتىنالماي، ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ئەتراپىنى پايتەخت قىلغان. ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن خەۋپ ھېس قىلىپ، خەن سۇلالىسىنىڭ ھازىرقى مىرەن ئەتراپىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، مۇھاپىزەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەنە شۇنداق قىلىپ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان كروران ئېلى پارچىلىنىپ كەتكەن. بىز ئۇتۇشنىڭ كرورانغا كىرەلمىگەنلىكىگە ئاساسەن كروراننىڭ مەلۇم ۋاقىت يەنىلا ئامگوكا ئەۋلادلىرىنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. خەن سۇلالىسى بەزى جايلاردا مەھكىمىلەرنى قۇرۇپ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ تېرىقچىلىق قىلىپ، ئۆز ئەلچىلىرىنى ئوزۇقتۈلۈك بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇر بولغان، بۇلارنىڭ رولىنى مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھازىرقى كونسۇلخانىلارغا ئوخشىتىش مۇمكىن. كروران خانلىقى مىلادىيە 3 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەرچەن خانلىقىنىڭ پۈتۈنلەي تىزگىنىلىشىگە ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن، خەنزۇچە مەنبەلەردە، چەرچەن خانىدانلىقى تىكلەنگەندىن كېيىن چەرچەن خانىدانلىقىغا ئائىت ئىشلارنىلا خاتىرىلەپ، كروران خانلىقىنى خاتىرىلىمىگەن، خانلىقنىڭ نامىنى چەرچەن دەپ قوللانسىمۇ ئۇنىڭغا ئەسلىدىكى كروران ئېلىدۇر، دېگەن ئىلاۋە بىلەن ئېنىقلىما بېرىلگەن، مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا كروراننىڭ شانۇ شۆھرىتىنىڭ ئەينى زاماندىمۇ چەرچەندىن ئىبارەت بۇ خانلىق نامىغا قارىغاندا كۆپ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇ چاغدىكى خانىدانلىقنىڭ ھاكىمىيەت تىل - يېزىقى بولغان قارۇشتى تىل - يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردىمۇ چەرچەن دېگەن نام تىلغا ئېلىنماستىن كروران نامى تىلغا ئېلىنغان. تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، كروران نامى جاي نامى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالماستىن، چەرچەن نامى ئەينى ۋاقىتتىكى سارمادان، يەنى ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسىگە نام بولۇپ ساقلىنىپ قالغان. بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلىنى ئىزاھلاپ قويۇش زۆرۈركى، كىتابىمىزنىڭ قەدىمكى زامانغا بېغىشلانغان بايانلاردا ئۇچرايدىغان چەرچەن ھازىرقى چەرچەننى ئەمەس، بەلكى چاقىلىقنى، چاقىلىقتا قۇرۇلغان بىر خانىدانلىقنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىلگىرى بىز كىتابلاردا كۆرگەن پىشامشان، يەنى 鄯善 نىڭ تەڭدىشىدۇر. ھازىرقى چەرچەننىڭ ئەينى ۋاقىتتا چالمادانا ~ سارمادان دەپ خاتىرىلەنگىنىنى ئاساس قىلىپ سارمادان دەپ ئالدۇق. ئەمدى ئەسلىي مەسىلىگە كەلسەك، خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي دىيارغا بولغان كونتروللۇقى مىلادىيىنىڭ باشلىرىدا سەل بوشاپ قالغان، چۈنكى ئىچكى ئىشلىرى ئۇلارنىڭ بۇ تەرەپلەرگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىغا يېتىشەلمەيدىغان قىلىپ قويغان، بۇ ۋاقىتلاردا كروران چەرچەن خانلىقلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە پۇرسەت ياراتقان بولۇشى مۇمكىن، فەن يى ۋە سىمابياۋلار يازغان <كېينكى خەننامە> دە بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار قالدۇرۇلغان. ئاپتورلار فەن يى )398 - 446>، سىمابياۋ )? - 306> شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ 195 يىللىق تارىخىنى كىتابىدا خاتىرىلىگەن. كروران ۋە تارىم ۋادىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ مۇناسىپ خاتىرىلەنگەن. ئۇلارنى بەن چاۋ ۋە بەن يۇڭ قاتارلىقلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن پايدىلانغان دېيىشكە بولىدۇ. بەن گۇ بىلەن بەن چاۋ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بەن يۇڭلار بىر جەمەتتىن، ئۇلار غەربىي دىياردا پائالىيەت قىلغان مەزگىللەردە كۆرگەن - بىلگەنلىرىگە ئاساسەن كىتاب يازغان، ئەنە شۇ ماتېرىياللار بەن گۇنىڭ ماتېرىيال مەنبەسىنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقى ئۈچۈن، ماتېرىياللىق قىممىتىنى خېلىلا يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ. بەن چاۋدىن كېيىن غەربىي دىيارنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور تۆھپە كۆرسەتكەن تارىخىي شەخس بەن چاۋنىڭ ئوغلى بەن يۇڭ بولۇپ، <بەن يۇڭ ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى غەربىي دىياردا ئۆتكۈزگەن، ئۇنىڭ ئىزلىرى غەربىي دىيارنىڭ ھەممە يېرىگە چۈشكەن. <غەربىي دىيار خاتىرىلىرى> ئۇنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈشى ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرى ئاساسىدا يېزىلغان… فەن يى ئۇنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى <كېيىنكى خەننامە> گە كىرگۈزگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.> <كېيىنكى خەننامە> 47 - جىلدقا ئەينى ۋاقىتتىكى تارىم ۋادىسىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئاجايىپ زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن بەن چاۋنىڭ تەرجىمىھالى كىرگۈزۈلگەن، بىز ئۇنىڭدىن شۇ ۋاقىتتىكى چەرچەن خانىدانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ھايات كارتىنىلىرىنى كۆرۈۋالالايمىز. <بەن چاۋنىڭ يەنە بىر ئىسمى بەن جوڭشېڭ بولۇپ، فۇفېڭ ۋىلايىتى پىڭلى ناھىيىسىدىن. ئۇ سۆزمەن، زوكۇنچى كىشى بولۇپ، كىتابنى ناھايىتى كۆپ ئوقۇغان، مىلادىيە 62 - يىلى ئۇنىڭ ئاكىسى بەن گۇ )<خەننامە> نىڭ ئاپتورى> ئوردىغا چاقىرتىلىپ، مۇھەررىر بەگلىككە تەيىنلەنگەن. بەن چاۋ ئانىسى بىلەن بىللە لوياڭغا كەلگەن. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، بەن چاۋ دائىم يامۇلنىڭ خەت - ئالاقىلىرىنى كۆچۈرۈپ بېرىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان. ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق جاپالىق ئىشلىگەچكە، ئۇ قەلىمىنى تاشلىۋېتىپ، ئاھ ئۇرۇپ تۇرۇپ <قولىدىن ئىش كېلىدىغان بىر ئادەمنىڭ باشقا ئىنتىلىشى ۋە پاراسىتى بولمىغان تەقدىردىمۇ فۇجېزى، جاڭ چيەنلەردەك يات ئەللەردە خىزمەت كۆرسىتىپ تۆرە بولۇشى مۇمكىنغۇ، قانداقمۇ بىر ئۆمۈر يېزىش - كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتكىلى بولسۇن؟> دېگەنىدى… خەن مىڭدى بەن گۇدىن <ئىنىڭىز نەدە تۇرۇۋاتىدۇ؟> دەپ سورىدى، بەن گۇ: <يامۇلنىڭ خەت - ئالاقىلىرىنى كۆچۈرۈپ بېرىپ، تاپقان پۇلى بىلەن ياشىنىپ قالغان ئانىمىزنى بېقىۋاتىدۇ> دەپ جاۋاب بەردى. خەن مىڭدى بەن چاۋنى مىرزا بەگ قىلىپ تەيىنلىدى… مىلادىيە 73 - يىلى مىراقۇلبېگى دۇگۇ لەشكەر چىقىرىپ ھۇنلارغا تېگىش قىلغاندا، بەن چاۋ پەخرىي ئەمىر لەشكەر بولدى ۋە بىر تۈركۈم لەشكەرنى باشلاپ ئېۋىرغولغا ھۇجۇم قىلىپ، بارىكۆل ئەتراپلىرىدا ھۇنلار بىلەن جەڭ قىلدى، نۇرغۇن دۈشمەننىڭ كاللىسىنى ئالدى. دۇگۇ ئۇنى ناھايىتى قابىلىيەتلىك ئىكەن دەپ بىلىپ، گۇشۇن بىلەن بىللە غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى>. بەن چاۋنىڭ غەربىي دىياردىكى ھاياتى شۇنىڭ بىلەن باشلىنىدۇ. <كېيىنكى خەننامە> دە يەنە مۇنداق خاتىرىلىنىدۇ: <بەن چاۋ چەرچەنگە يېتىپ كەلگەندە چەرچەن خانى گۇاڭ دەسلەپتە ئۇنى ناھايىتى قائىدە - يوسۇنلۇق كۈتۈۋالدى. ئەمما كېيىن تۇيۇقسىز سوغۇق مۇئامىلە قىلدى، بەن چاۋ قول ئاستىدىكىلەرگە <سىلەر گۇاڭنىڭ بىزگە بولغان ئەدەپ ۋە ھۆرمىتىنىڭ سۇسلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟ بۇ چوقۇم شىمالىي ھۇنلاردىنمۇ ئەلچى كەلگەنلىكىنىڭ، شۇنىڭ بىلەن چەرچەن خانىنىڭ ئىككىلىنىپ، قايسى تەرەپكە بويسۇنۇشنى بىلمەي قالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەقىللىق ئادەم ۋەقە تۇغۇلماستىنلا ئالدىن سېزىۋالالايدۇ، ھالبۇكى ھازىر ئەھۋال ئىنتايىن روشەن تۇرۇپتۇ> دېدى. ئارقىدىن ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقان چەرچەنلىكلەرنى چاقىرىپ ھىيلە ئىشلىتىپ: <ھۇن ئەلچىسىنىڭ كەلگىنىگە بىر نەچچە كۈن بولدى، ھازىر نەدە تۇرۇۋاتىدۇ؟> دەپ سورىدى، كۈتۈۋاتقانلار ھودۇقۇپ كېتىپ راستىنى دەۋەتتى. بەن چاۋ بۇ چەرچەنلىكلەرنى سولاپ قويۇپ، ئۆزى باشلاپ كەلگەن 36 ئەمەلدار ۋە لەشكەرنى يىغىپ بىرلىكتە شاراب ئىچىشتى، شاراب ئىچىلىپ خېلى بىر يەرگە بارغاندا، بەن چاۋ ئۇلارنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىش ئۈچۈن: <كۆپچىلىك مېنىڭ بىلەن بىللە يىراق ئەلگە كېلىپ، چوڭ خىزمەت كۆرسىتىپ، دۆلەتمەن بولۇشنى ئارزۇ قىلغانتىڭلار، بىراق بۈگۈنكى كۈندە شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئەلچىسى كېلىپ، نەچچە كۈن بولمايلا، چەرچەن خانى گۇاڭنىڭ بىزگە بولغان ئەدەپ - ھۆرمىتى سۇسلاپ كەتتى، مۇبادا چەرچەنلىكلەر بىزنى ھۇنلارغا تۇتۇپ بېرىدىغان بولسا، ئۆلۈكىمىز چىلبۆرىلەرگە يەم بولىدۇ، سىلەرچە ئەمدى قانداق قىلساق بولار؟> دېدى. كۆپچىلىك بىر ئېغىزدىن <ھازىر ھايات - ماماتلىق گىردابىدا تۇرۇپتۇق، مەيلى ھايات قالايلى ياكى ئۆلەيلى، پۈتۈنلەي ئۆزلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىمىز> دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن بەن چاۋ: <يولۋاس ئۇۋىسىغا كىرمەي تۇرۇپ، يولۋاس بالىسىنى تۇتقىلى بولمايدۇ، ھازىرقى بىردىنبىر چارە قاراڭغۇلۇقتىن پايدىلىنىپ، شىمالىي ھۇن ئەلچىسىگە ئوت بىلەن ھۇجۇم قىلىش، شۇنداق قىلساق، ئۇلار بىزنىڭ قانچىلىك ئادىمىمىز بارلىقىنى بىلەلمەي ئالاقزادە بولۇپ كېتىشىدۇ - دە، بىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى تولۇق يوقىتالايمىز. ھۇن ئەلچىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن چەرچەنلىكلەر قورقۇپ كېتىپ، ياۋاشلىق بىلەن خەن سۇلالىسىگە بېقىنىدۇ. بىزمۇ غەلىبە قازىنىپ خىزمەت كۆرسىتىمىز> دېدى. كۆپچىلىك يەنە مۇلازىم گوشۈن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كۆرۈشنى ئېيتىۋىدى، بەن چاۋ ئاچچىقى بىلەن: <بىزنىڭ ئۆلۈم - كۆرۈمىمىز بۈگۈن بەلگىلىنىدۇ. مۇلازىم گوشۈن بىر چاكىنا تالىپ ئەمەلدار، بۇ پىلاننى ئاڭلىسا قورقۇپ كېتىپ، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ، بۇ ھالدا قەھرىمان بولماقتا يوق، قەدىرسىز ئۆلىمىزدە، نامىمىزمۇ چىقمايدۇ> دېدى. كۆپچىلىك <دۇرۇس> دېيىشتى. كەچ بولغاندا بەن چاۋ ئەمەلدار ۋە لەشكەرلىرىنى باشلاپ ھۇنلارنىڭ بارگاھىغا باردى، بۇ چاغدا قاتتىق بوران چىقتى. بەن چاۋ ئون ئادەمنى دۇمباقلارنى ئېلىپ ھۇنلار قارارگاھىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇشقا بۇيرۇدى ۋە ئوت تۇتاشقان ھامان دۇمباق چېلىپ چۇقان سېلىشقا كېلىشىۋالدى. قالغانلار قولىغا قورال - ياراغ ئېلىپ قارارگاھ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى يېنىغا مۆكۈندى. بەن چاۋ دەرھال شامالنىڭ يۆنىلىشىگە بېقىپ ئوت ياقتى، قارارگاھنىڭ ئالدى - كەينىدىكىلەر دۇمباق چېلىپ، قىيقاس كۆتۈرۈۋىدى، ھۇنلار ساراسىمىگە چۈشتى، بەن چاۋ ئۆز قولى بىلەن ئۈچ ئادەمنى ئۆلتۈردى، ئەمەلدار ۋە لەشكەرلىرى ھۇن ئەلچىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن 30 نەچچىسىنىڭ كاللىسىنى ئالدى، قالغان 100 نەچچە ھۇن ئوتتا كۆيۈپ ئۆلدى. ئۇلار ئەتىسى قايتىپ كېلىپ، بۇ ئىشنى گوشۈنگە دېدى. ئۇ قاتتىق قورقۇپ كەتتى، ئەمما بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن چىرايىنى ئۆزگەرتتى، بەن چاۋ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، دەرھال قولىنى كۆتۈرۈپ: <ئۆزلىرى گەرچە بۇ ئىشقا قاتناشمىغان بولسىلىمۇ، پېقىر ھەرگىز بۇ تۆھپىنى يالغۇز ئۆزۈمنىڭ قىلىۋالماقچى ئەمەس> دېدى. گوشۈن بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇپ كەتتى. بەن چاۋ چەرچەن خانى گۇاڭنى چاقىرىپ كېلىپ، ھۇن ئەلچىسىنىڭ كاللىسىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىۋىدى، پۈتۈن ئەل چۆچۈپ ۋەھىمىگە چۈشتى، بەن چاۋ چەرچەن خانىغا چۈشەنچە بېرىپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلدى، چەرچەن خانى ئوغلىنى بەن چاۋغا تۇرغاق قىلىپ بەردى. ئۇ قايتىپ كېلىپ، ئەھۋالنى دۇگۇغا مەلۇم قىلىۋىدى، دۇگۇ ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ، بەن چاۋنىڭ تۆھپىلىرىنى تەپسىلىي پۈتۈپ ئوردىغا مەلۇماتنامە سۇندى ھەم غەربىي يۇرتقا يېڭىۋاشتىن ئەلچى تەيىنلەپ ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. خەن مىڭدى بەن چاۋنى قالتىس قەھرىمان ئىكەن دەپ قاراپ، دۇگۇغا: <بەن چاۋدەك ئەمەلدارىمىز تۇرسا، يەنە نېمە ئۈچۈن باشقىدىن ئادەم تاللاپ ئەۋەتتۇق، بەن چاۋنى دالا لەشكەر بېگى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش ۋەزىپىنى ئورۇندىشىغا بۇيرۇق بېرىلسۇن> دەپ يارلىق چۈشۈردى. دۇگۇ ئۇنىڭغا لەشكەر كۆپەيتىپ بەرمەكچى بولغاندا، بەن چاۋ: <ئەسلىدىكى 30 نەچچە ئادىمىم بولسىلا كۇپايە، ئەگەر بىرەر خېيىمخەتەر تۇغۇلۇپ قالسا، كۆپ ئادەم ئوشۇقچە يۈك بولىدۇ> دېدى. بۇ چاغدا ئۇدۇن خانى گۇاڭدى ساكارائۇل )ياركەنت> بەگلىكىنى يېڭىپ، جەنۇبىي يولدا زومىگەر بولۇۋالغانىدى. ھۇنلارمۇ ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ خانلىقىنى نازارەت قىلىۋاتاتتى ۋە قوغداۋاتاتتى. بەن چاۋ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە چىقىپ، ئالدى بىلەن ئۇدۇنغا كەلدى، گۇاڭدى ئۇنىڭغا ناھايىتى سوغۇق مۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇدۇنلۇقلار خۇراپىي بولۇپ، داخان - باخشىلارغا ئىشىنەتتى. داخان: <ئىلاھنىڭ غەزىپى تېشىۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن خەن سۇلالىسىگە مايىل بولىسىلەر؟ خەن ئەلچىسىدە بىر قارا تۇمشۇقلۇق قۇلان ئات بار، شۇنى ئەكېلىپ، نەزىر قىلىپ ماڭا بېرىڭلار> دېدى. گۇاڭدى دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ بەن چاۋنىڭ ئېتىنى سورىدى، بەن چاۋ بۇ ئىشلارنى ئاستىرتتىن بىلىپ بولغانىدى، شۇڭا ئاتنى بېرىشكە قوشۇلدى، بىراق داخاننىڭ ئۆزى كېلىپ ئەكېتىشنى ئېيتتى، بىردەمدىن كېيىن داخان كەلدى، بەن چاۋ داخاننىڭ كاللىسىنى ئېلىپ گۇاڭدىغا تاپشۇرۇپ بەردى ھەم ئۇنىڭغا قاتتىق كايىدى. گۇاڭدى بۇرۇنلا بەن چاۋنىڭ چەرچەندە ھۇن ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى. شۇڭا قاتتىق قورقۇپ، بەن چاۋغا ئەل بولغانىدى. بەن چاۋ نۇرغۇن سوۋغاتلارنى ئېلىپ ئۇدۇن خانى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارنى تارتۇقلىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇدۇن خانلىقىنى خاتىرجەم قىلدى.>بەن گۇ: <خەننامە>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993 - يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، <غەربىي يۇرت )قۇرىغار> تەزكىرىسى )1>> گە قاراڭ. يېزىلىشچە، <مىلادىيە 94 - يىلى كۈزدە بەن چاۋ كۈسەن، چەرچەن قاتارلىق سەككىز ئەلنىڭ لەشكىرىدىن جەمئىي 70 مىڭ ئادەمنى ۋە ئۆز قارىمىقىدىكى سىپاھ - بەگ، سودىگەر قاتارلىقلاردىن 1400 ئادەمنى يۆتكەپ، كىنگىتكە جازا يۈرۈشى قىلدى>، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا قاتناشقان بەن چاۋ خەن سۇلالىسى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۈچۈن <يىراقنى تىنچلاندۇرغۇچى بەگ> )بىز بۇ 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى تارىم ۋادىسىدىن تەشكىل قىلغان دەپ قارايدىغان بولساق، مىلادىيە 1 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى تارىم ۋادىسىنىڭ ئاھالىسىنىڭ 700 مىڭدىن تۆۋەن ئەمەسلىكى ئېھتىمالغا يېقىن بولۇشى مۇمكىن> دېگەن ئۇنۋاننى بېرىش بىلەن بىرگە 0010 تۈتۈنلۈك سۇيۇرغال يەر بېرىلدى. ئۇ مىلادىيە 100 - يىلى خانغا مەلۇماتنامە يوللاپ، ئۆزىنىڭ قېرىپ قالغانلىقىنى <جۇ چۇەن ۋىلايىتىگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىشقا پېتىنالمايمەن، پەقەت يۈمېن )قاشقۇۋۇقتىن> گە ھايات چېغىمدا كىرەلىسەملا بولاتتى دەپ ئۈمىد قىلىمەن> دەپ يازىدۇ. بەن چاۋ شۇنداق قىلىپ، مىلادىيە 102 - يىلى غەربىي دىياردا 31 يىل تۇرۇپ خەن خانلىقى ئۈچۈن تېررىتورىيە كۆپەيتىپ، تۆھپە يارىتىپ قايتىپ كېتىدۇ. بەن چاۋ كېتىپ رېن شياڭ مەنسەپكە تەيىنلىنىپ كېلىدۇ، لېكىن، غەربىي دىياردا ئىسيان كۆتۈرۈلىدۇ. رېن شياڭمۇ گۇناھكار بولۇپ قايتۇرۇلىدۇ. مىلادىيە 107 - يىلى غەربىي دىياردىكىلەر ئىسيان كۆتۈرگەنلىكتىن خەن سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. مىلادىيە 119 - يىلى چەرچەن خانى ھۇنلاردىن ئەنسىرەپ، دۇخان ۋالىيسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ، مۇشۇ ۋاقىتتا خەن ئوردىسىدا غەربىي دىيارنى قايتا ئىشغال قىلىش - قىلماسلىق مەسىلىسىدە مۇنازىرە بولىدۇ، بەزىلەر يۈمېن قوۋۇقىنى تاقاپ غەربىي دىيار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشىدۇ. ئوردا كېڭىشىدە بەن چاۋنىڭ ئوغلى بەن يۇڭنىڭ تەكلىپى بىلەن قايتىدىن غەربىي دىيارنى تىزگىنلىمەكچى بولىدۇ. مىلادىيە 110 - يىللىرى چەرچەن خانىدانلىقىنىڭ خانى يۈخۇەن بولۇپ، ئاپىسى خەن سۇلالىسىنىڭ ئوردا قىزلىرىدىن ئىدى، ئۇ ھۇنلارنىڭ ئىدارە قىلىشىغا چۈشۈپ قالسام ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيمەن دەپ ئويلىغاچقا، خەن سۇلالىسىدىن ياردەم تىلەيدۇ. مىلادىيە 125 - يىلى بەن يۇڭ 0006 لەشكەر يۆتكەپ كېلىپ، چەرچەن، سۇلى، ئالدى قۇس خانلىقىنىڭ لەشكەرلىرىنى ئېلىپ، ئارقا قۇس خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ 8000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈرىدۇ. بەن چاۋ ۋە بەن يۇڭلارنىڭ خەن سۇلالىسى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئېلىمىزدە يېقىنقى يىللاردا تەڭرىتاغ چوققىسىغا بەن چاۋنىڭ ھەيۋەتلىك ھەيكىلى تۇرغۇزۇلدى. <كېيىنكى خەننامە> 88 - جىلد <غەربىي يۇرت تەزكىرىسى> دە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ: <… ئەندىر )小宛国>، نىيا )精绝国>، يول ئارىش بەگلىكى )戎卢国>، سارمادان )且末国> لار چەرچەن بەگلىكى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىندى>.فەن يى، سىما بياۋ: <كېيىنكى خەننامە>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 175 - بەت.شۇ ۋاقىتلاردا تارىم ۋادىسىدا چەرچەن خانلىقى بىلەن ئۇدۇن خانلىقى ئەڭ كۈچلۈك ھېسابلىناتتى. بىز <خەننامە> ۋە <كېيىنكى خەننامە> قاتارلىق ئەسەرلەردىن چاقىلىقنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1 - ئەسىردىن مىلادىيە 2 - ئەسىرگىچە بولغان تارىخىدىن ئازراق بولسىمۇ خەۋەر تېپىشقا مۇۋەپپەق بولىمىز، كروران ئېلى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلى پارچىلانغان، كروراننىڭ ئەسلىدىكى خاقانى ئامگوكا خەن سۇلالىسىنىڭ خەنجەرۋازلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇتۇش خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن خان قىلىپ تىكلەنگەن، ئەمما ئۇ كرورانغا كىرىشكە پېتىنالماي، ھازىرقى چاقىلىق ۋە مىرەن تەرەپلەرنى مەركەز قىلغان بولسىمۇ، خەۋپسىرەپ خەن سۇلالىسىنىڭ لەشكەر تۇرغۇزۇپ، مۇھاپىزەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ ۋاقىتلاردا كروران ۋە چەرچەن دېگەن ئىككى خانلىق پەيدا بولغان، مۇشۇ چاغدا چاقىلىق تاغلىرى ئارىسىدا بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىنراق بولغان نوپ ~ لوپ ئېلىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى نامەلۇم. يۇقىرىقى ئىككى ھاكىمىيەت كروران خارابىسىنى ۋە چاقىلىق بازىرى ئەتراپىدىكى قاغان )خان> شەھىرىنى مەركەز قىلىپ، خەن سۇلالىسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. بۇ دەۋرلەردە ئۇتۇش، ئەن، يۈ خۇەن قاتارلىقلار خان بولۇپ ئۆتكەن. ئۇتۇش مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلى خان بولغان ۋە چەرچەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ قالغان، خان ئەن ئاز دېگەندىمۇ مىلادىيە 38 - يىلىدىن 46 - يىلىغىچە خان بولغان، ياركەنت خانى چەرچەن ئېلىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ قايتقاندىن كېيىن ئەن داۋاملىق خان بولغان. مىلادىيە 110 - يىلى ئەتراپىدا چەرچەنگە خان بولغىنى يۈخۇەن بولۇپ، ئۇنىڭ قانچە ئۇزۇن خان بولغىنى نامەلۇم، ئۇنىڭ ئاپىسى خەن سۇلالىسىنىڭ قىزلىرىدىن بولغىنىغا قارىغاندا دادىسىنىڭ خان بولغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئۇتۇشقا ئوخشاش خەن سۇلالىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ خان ئەننىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن. مۇشۇنداق بولغاندا چەرچەن خانلىقىنىڭ خانلىرى ئۇتۇش ~ ئەن ~ يۈ خۇەننىڭ ئاتىسى ~ يۈ خۇەن ئىكەنلىكىنى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلىدىن مىلادىيە 101 - يىلىغىچە تۆت ئەۋلاد خاننىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. مىلادىيە 46 - يىلىدىن كېيىن چەرچەن خانلىقى كۈچىيىش باسقۇچىغا كىرگەن، بۇ يىللاردىن باشلاپ تارىم ۋادىسىدىكى خانلىقلاردا كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىققان، مىلادىيە بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى ئىككىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئۇلار كۈچىيىپ قوشنىلىرىدىن بىر قانچىنى قوشۇۋالغان ۋە خانلىق يىمىرىلگەن 5 - ئەسىرگىچە ھازىرقى چەرچەن، چاقىلىق، نىيا دائىرىسىدىكى بوستانلىقلارنى ئىدارە قىلغان. <ۋېي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى> نىڭ 03 - جىلدىدا يېزىلىشىچە، <جەنۇبىي يولدىكى سارمادان ئېلى، ئەندىر ئېلى، چادوتا )نىيا> ئېلى، كروران ئېلى قاتارلىقلارنى چەرچەن ئېلى ئۆز ئىدارىسىگە ئالغان>. <… قۇملۇقنىڭ غەربىي قوۋۇقىدىن غەربىي شىمالغا بۇرۇلۇپ، قۇمتاغدىن ئۆتۈپ، سابىق كروران بەگلىكىگە بارغاندىن كېيىن يەنە غەربكە بۇرۇلۇپ كۈسەنگە بارغىلى… جەنۇبىي يول بىلەن غەربكە قاراپ ماڭغاندا جەزمەن بەگلىكى، ئەندىر بەگلىكى، نىيا بەگلىكى، كروران بەگلىكىنىڭ ھەممىسى چەرچەن بەگلىكىگە تەۋە ئىكەن><ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 146 - بەت.دېيىلگەن، بىز <ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى> دىكى يۇقىرىقى بايانلاردىن كونكرېت يىل دەۋرىنى ئېنىقلاشقا مۇۋەپپەق بولالمىدۇق، ئەمما بۇ ئەسەرنىڭ غەربىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان چېن شۈ )233 - 297> تەرىپىدىن يېزىلغىنىغا قارىغاندا، مىلادىيە ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەرچەن خانلىقىنىڭ ئاللىبۇرۇن يۇقىرىقى خانلىقلارنى ئۆز ئىدارىسىگە ئېلىپ بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئەمما شۇ دەۋردىكى شەھەر - دۆلەتلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇچۇرلارغا ئىگە ئەمەسمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن بەن گۇ يازغان <خەننامە> دىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلاردىن پايدىلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بەن گۇ بۇ شەھەر - دۆلەتلىرى ھەققىدە مۇنداق بايانلارنى يازغان: سارمادان )且末国> بەگلىكى: مەركىزى سارمادان )چالمادانا> شەھىرى. بۇ يەردىن چاڭئەنگە 0682 چاقىرىم كېلىدۇ، ئاھالىسى 230 تۈتۈن، 1610 كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 032 نەپەر. بىر نەپەردىن نائىپبەگ، ئوڭ، سول قول سەركەردە، تىلماچ قاتارلىق ئەمەلدارلىرى بار. شىمال تەرىپى كۆنچى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى ئەندىرگە ئۈچ كۈنلۈك يول. ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەر چىقىدۇ. غەربىدىن نىيىغا 2000 چاقىرىم كېلىدۇ. سارمادان بەگلىكى بۈگۈنكى كۈندىكى چەرچەن ناھىيىسى تەۋەسىدە بولۇپ، خەنزۇچە كلاسسىك مەنبەلەردە 且末 دەپ يېزىلغان، قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە calmatana,Calmadana دېگەندەك يېزىلغان، بۇ نام ئۇلۇغ ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامىنىڭ <تارىخى ھەمىدىي> دېگەن كىتابىدا يازغان شەھىرى چەمەن دېگەن ئاتالغۇغا يېقىن كېلىدۇ. پارسچە ئەسەر <ھۇدۇدۇل ئالەم> دە بولسا J.R.MANGAN دېگەن جاي نامى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەلەپپۇز جەھەتتىن يېقىنلىشىدۇ. تاڭ راھىبى شۇەنزاڭ غەربكە نوم ئالغىلى ماڭغىنىدا غەربىي دىياردىكى جاي ناملىرىنى سانسكرېتچىلاشقان شەكلى بويىچە تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلىپ خاتىرىلىگەن بولۇپ، چالمادانانى 折摩驮那 دەپ يازغان. 10 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئالىمى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ <شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى> نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا، بۇ ئاتالغۇنى سارمادانبالىق دەپ ئالغان، مانجۇلار دەۋرىدىكى خەنزۇچە مەنبەلەردە 策尔满 دېگەن نام ئۇچرايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر مەنبەدىن يەنى <چەمەن> دىن كېلىپ چىققان بولۇشى، 且末 مۇ شۇنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن، قالغان خاتىرىلەردىكى يېزىلىشى ئېھتىمال بۇددىزىمنىڭ تەسىرىدە سانسكرېتچىلاشقان شەكلى بولسا كېرەك. ئەمدى چەرچەن نامىغا كەلسەك، بۇ نام مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلى چاقىلىق ناھىيىسىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان خانلىقنىڭ نامىدىن كەلگەن، 5 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان چەرچەن خانلىقىنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى چوڭ چەرچەن، كىچىك چەرچەنلەردىكى 4000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ خانلىق تەۋەسىدىكى چالماداناغا كۆچۈشى بىلەن تەدرىجىي چالمادانا ~ سارمادان دېگەن ناملارنى سىقىپ چىقىرىپ شۇ جاينىڭ نامىغا ئايلانغان، بۇ نام 01 - ئەسىرلەرگە بارغاندا تامامەن ئومۇملىشىپ بولغان، ئەسلىدىكى چالمادانا دېگەن نامىمۇ ئۇنتۇلغان بولۇپ، مەھمۇد قەشقەرى <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا <چۇرچان> دەپ خاتىرىلىگەن، 1276 - يىلى بۇ يەردىن ئۆتكەن ماركوپولو CHARCHAN دەپ يازغان. تۈبۈتچە مەنبەلەردىمۇ cercen ~ carcan دەپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۈگۈنگىچە قوللىنىلماقتا، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىتابلاردا 车尔臣 دەپ ناھايىتى توغرا تەلەپپۇز تەرجىمىسى قوللىنىلغان. ھازىرقى چەرچەنمۇ قەدىمدىن باشلاپ ئەجدادلىرىمىز ياشاپ كېلىۋاتقان قەدىمىي يۇرتلاردىن بىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن 4000 يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بۇ يۇرتنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى ۋە تارىخىدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇرماقتا. چەرچەن ناھىيىسى تەۋەسىدە لەلىلىك قەدىمكى شەھەر خارابىسى، چالمادان قەدىمكى شەھەر خارابىسى، ئوييايلاق قەبرىستانلىقى، زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقى، يوغان دۆڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قەبرىلەر، تاتراڭدىكى تۇر قاتارلىق يادىكارلىق ئىزلىرى بار. ئەندىر )小宛国> بەگلىكى: مەركىزى 扦零城 شەھىرىدۇر. بۇ يەردىن چاڭئەنگە 7210 چاقىرىم كېلىدۇ. ئاھالىسى 150 تۈتۈن، 1050 كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 200 نەپەر. بىر نەپەردىن نائىپبەگ، ئوڭ، سول تۇتۇق بەگلىرى بار. شەرق تەرىپى چاقىلىق بىلەن تۇتىشىدۇ، ئورنى جەنۇبتىراق بولۇپ، يولدىن چەتتە قالىدۇ. <小宛> دېگەن بۇ قەدىمىي ئەل ھازىرقى نىيا ناھىيە ئەندىر چارۋىچىلىق رايونىغا توغرا كېلىدىغان خار, ابە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بەزى مەنبەلەردە ئۇچرايدىغان saca ۋە خەنزۇچە كىتابلاردا ئۇچرايدىغان 舍凯 نىڭ مۇشۇ خارابىلىكنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئىسپاتلانماقتا. ھازىرقى نامى ئەندىر كېيىن ئومۇملاشقان بولۇپ، تىلىمىزدىكى ئەن + دىر سۆزىدىن ياسالغان، ئەن — سۇ تېز ئاقىدىغان يەرنى كۆرسەتسە، دىر — بىر خىل جۇغراپىيىلىك شەكىلنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بەلكىم ئېغىزنى كۆرسەتسە كېرەك. دېمەك، بۇ نام كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ رايونغا چارۋىچىلىق قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ دەريانىڭ ئېقىش ھالىتى ۋە جۇغراپىيىلىك شەكلىگە ئاساسەن قويغان نامى بولۇپ، ئەن ئاقىدىغان ئېغىز دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ جايلار مىلادىيە 1 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ 5 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە چەرچەن خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. بۇ خارابىلىك قايتا بايقالغاندىن كېيىن، ستەيىن ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن قېتىم ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ ھەقتىكى بايقاشلار دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇردى. نىيا بەگلىكى )精绝国>: مەركىزى نىيا شەھىرىدۇر. بۇ يەردىن چاڭئەنگە 8820 چاقىرىم كېلىدۇ، ئاھالىسى 480 تۈتۈن، 3360 كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 500 نەپەر، بىر نەپەردىن نىيا كاھبېگى، ئوڭ قول سەركەردە، سول قول سەركەردە، تىلماچ بەگ قاتارلىق ئەمەلدارلار بار. جەنۇبىدىن روڭلۇ بەگلىكىگە تۆت كۈنلۈك يول، ئۇنىڭ غەربىدىن ئۇزۇن تېتىر بەگلىكىگە 460 چاقىرىم كېلىدۇ. ]بۇ شەھەر مىلادىيىنىڭ بېشىدا 精绝国 دەپ ئاتالغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە 尼嚷城 دەپ يېزىلغان. تۈز سىزىق بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ قەدىمكى نىيا خارابىسى ھازىرقى نىيا بازىرىنىڭ 120 كىلومېتىر شىمالىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان، مىلادىيىدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى چاغلاردىن تارتىپلا تۇپرىقى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك، ئوتچۆپلىرى بولۇق ئۆسىدىغان، بۈك - باراقسان ئورمان بىلەن قاپلانغان باغۇ بوستانلىق شەھەر بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز يۇرتنى گۈللەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ياراتقان. بۇ شەھەر خارابىسى جەنۇبتىن شىمالغا 25 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە يەتتە كىلومېتىر دائىرىگە سوزۇلغان. خارابىنى ھىلال ئاي شەكلىدە قۇم بارخانلىرى ئوراپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ نامى قارۇشتى يېزىقىدىكى 14-،188-،436-،500-،518-،685-نومۇرلۇق پۈتۈكلەردە nina دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ نام ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان نىنا ~ نىيا نامىنىڭ ئەسلىدۇر. مانا مۇشۇلارغا قارىغاندا، نىيا نامى كېيىن دېگەندىمۇ مىلادىيىنىڭ بېشىدىلا مەۋجۇت ئاتالغۇ بولالايدۇ. نىيا خارابىسى ئۈستىدە يېقىنقى يىللاردا كۆپ قېتىملىق ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، قەدىمكى مەدەنىيىتىمىزنىڭ پارلاق ئىزلىرى خەلقئالەمگە نامايان بولدى.[ روڭلۇ )戎卢国>: مەركىزى بېيپىن )卑品城> شەھىرى. بۇ يەردىن چاڭئەنگە 8300 چاقىرىم كېلىدۇ. ئاھالىسى 240 تۈتۈن، 1610 نوپۇس، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 300 نەپەر. شەرق تەرىپى ئەندىر، جەنۇب تەرىپى چاقىلىق بىلەن چېگرىلىنىدۇ. غەربىي تەرىپى بولسا چىرا بىلەن تۇتىشىدۇ. ئورنى جەنۇبتىراق بولۇپ، يولدىن چەتتە قالىدۇ. بۇ كىچىك ئەل يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي لىنىيىسىگە جايلاشقان بولۇپ، كونكرېت ئورنى مەلۇم ئەمەس، لېكىن تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا چەرچەن ناھىيىسى بىلەن نىيا ناھىيىسى ئارىسىدىكى تاغلىققا جايلاشقان. بىز بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈركى، بۇ مەلۇماتلار مىلادىيىنىڭ ھارپىسىغا ياكى مىلادىيىنىڭ بېشىغا مەنسۇپ، بۇ شەھەر دۆلەتلىرى مۇشۇ دەۋردىن تەخمىنەن 150 يىل ئۆتكەندە چەرچەن خانىدانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسىگە ئۆتكەن. بىز يۇقىرىقى مەلۇماتلارنى يىغىنچاقلايدىغان بولساق، مىلادىيىنىڭ بېشىدا 3120 تۈتۈن، 23480 نوپۇس، 4732 نەپەر ئەسكەرلىككە ياراملىق ئادەم بار بولغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلار كروران نوپۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى كروران خانلىقى مىلادىيە 2 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى 3 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاندىن چەرچەن خانلىقىنىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئۆتكەن، قارۇشتىشۇناس لىن مېيسۇن <كروران> ناملىق كىتابىدا <چەرچەن خانلىقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە بۇ ئەلنىڭ نوپۇسى 84579 غا يەتكەن> دەپ يازىدۇ. تارىختىكى كروراننىڭ ناھايىتى شانۇ شەۋكەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىگە، تېررىتورىيىسىنىڭ چوڭلۇقىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ چەرچەن خانلىقىنىڭ نوپۇسىدىن كەم ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. مەن چەرچەن خانلىقىنىڭ مىلادىيىنىڭ بېشىدىكى ئاھالىسىنى 15~20 مىڭغىچە دەپ قارايمەن، بۇ ۋاقىتتا كروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا بىرقانچە شەھەر بولغان، كىچىك دەريا بويلىرىدىمۇ مەلۇم ساندا ئاھالە ياشىغان بولۇپ، كروراننىڭ تېررىتورىيىسىدە بولغانلىقى مەلۇم. يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن مىلادىيىنىڭ ھارپىسى ياكى بېشىدا بۇ دائىرىدە 5 - 6 مىڭ تۈتۈن، 40 مىڭ ئەتراپىدا نوپۇس، 10 مىڭغا يېقىن ئەسكەرلىككە ياراملىق ئادەمنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىر ئەسىردىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن كېيىن، چەرچەن خانلىقى بۇ تېررىتورىيىگە ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەندە ئائىلە سانى 10 مىڭغا، نوپۇسى 70 ~ 80 مىڭغا يەتكەن. بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە ئىسپاتلانغۇسى. بۇ ۋاقىتتا چەرچەن خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى ھازىرقى چاقىلىق، چەرچەن، نىيا ناھىيىلىرىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى، لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ قىسمەن زېمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. چەرچەن خانلىقىنىڭ كېيىنكى سىياسىي تارىخى ھەققىدە ئىگىلىگەن ماتېرىياللىرىمىز كەمچىل بولسىمۇ، ئەمما قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە بۇ جايدىكى ئىجتىمائىي ھايات توغرىسىدا كەڭ ئۇچۇر بېرىلىشى بىزنىڭ چۈشەنچىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. كروران ھەققىدىكى ئۇچۇرلار يازما ماتېرىياللاردا ھەرخىل خاتىرىلەنگەن، يەنى خەنزۇچە ماتېرىياللاردا 楼兰، قارۇشتى پۈتۈكلىرىدە kroraina، سوغداقچە پۈتۈكلەردە Kr'wr'n، ئۇدۇن يېزىقىدا raurana دەپ خاتىرىلەنگەن. ھازىر ئۇيغۇرچە ماتېرىياللاردىمۇ لولان، كروران دەپ ئېلىنماقتا. 伊循 نامىنى بولسا شەھىرى ئىشەم دەپ ئالغۇچىلارمۇ، پىتولمىنىڭ كىتابىدىكى issedon بىلەن تەڭلەشتۈرگۈچىلەرمۇ بولدى، مەن تەلەپپۇز يېقىنلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ ئىشەم دەپ ئېلىپ تۇردۇم، ئەمما بۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر. 鄯善 نامى بۇرۇن ئۇيغۇرچە ماتېرىياللاردا پىشامشان دەپ ئېلىنغانىدى، ئەمما ھازىرقى تەتقىقاتلاردا ئۇنىڭ چەرچەن نامىنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، بۇ نام ئەينى دەۋرلەردە تۈبۈتچە يادىكارلىقلاردا cercen دەپ ئېلىنغان بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە كۆرىدىغان پىشامشان نامى بىلەن تەڭداشتۇر. شۇڭا بۇ كىتابتا ئىزچىل تۈردە چەرچەن نامىنى قوللاندىم، باشقا كىتابلاردا ئۇچرايدىغان پىشامشان دەل مانا مۇشۇ چەرچەن نامىنىڭ ئۆزى بولۇپ، ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسى ئەينى ۋاقىتتا سارمادان ~ چالمادانا دەپ ئاتىلاتتى. 400 - يىلى ئەتراپىدىكى كروران توغرىسىدا <فاشەن تەزكىرىسى> ياكى <بۇددا ئەللىرى تەزكىرىسى> ناملىق ئەسەردە قىممەتلىك ئۇچۇرلار بار. بۇ ئەسەر 400 - يىلى چاڭئەندىن يولغا چىققان راھىبلار — فاشەن )337 - 422> ۋە خۇيجىڭلارنىڭ ئەنەتكەك ئېلىگە بۇددا نومى ئالغىلى ماڭغاندا كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن يېزىلغان بولۇپ، ئىشەنچلىك مەنبەدۇر. ئەسەر گەرچە 414 - يىلى يېزىلغان بولسىمۇ كرورانغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى 400 - يىلىنىڭ ئاخىرى ياكى 401 - يىلىنىڭ بېشىغا مەنسۇپ دېيىشكە بولىدۇ. ئەسەردە مۇنداق دېيىلگەن: <17 كۈن 1500 چاقىرىم يول يۈرسە چەرچەن ئېلىگە بارغىلى بولىدۇ… خاقانى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، 4000 دىن ئارتۇق راھىب بار بولۇپ، كىچىك كۆلۈڭگۈ مەزھىپىگە تەۋە. بۇ ئەلدىكى ئاۋام ۋە راھىبلار ئەنەتكەك تىلى ئۆگىنىدۇ، ئەمما پەرق بار. بۇ يەردىن غەربكە يۈرسە، ئۇ ئەللەرمۇ ئاساسەن ئوخشاش، بۇ ئەللەرنىڭ تىلى بىلەن ئوخشىمايدۇ )唯国国胡语不同>. بۇ ئەلدىكىلەر ئەنەتكەك يېزىقى ۋە ئەنەتكەك تىلى ئۆگىنىدۇ. بۇ يەردە بىر ئاي تۇردۇم><قەدىمكى دەۋردىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىلىرى ھەم شەرھى>، نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، 1987 - يىلى خەنزۇچە نەشرى 32 - بەت.دېيىلگەن. بۇ مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم ئۇچۇر شۇكى، يەرلىك خەلقنىڭ تىلى ھەرگىزمۇ ئەنەتكەك تىلىغا ئوخشىمايدۇ، بۇ تىل خور ~ غۇر )胡语> تىلى دەپ ئاتالغان، لېكىن يەرلىك خەلق دىنىي ئېتىقاد تۈپەيلى ئەنەتكەك تىل - يېزىقىنى ئۆگەنگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ خارابىلىكلەردە بايقالغان قارۇشتى يېزىقىدىكى يادىكارلىقلار بۇ بايانلارنىڭ ناھايىتى توغرا بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. يەرلىك ئاھالە بۇددا دىنىنىڭ كىچىك كۆلۈڭگۈ مەزھىپىگە تەۋە بولۇپ، 4000 دىن ئارتۇق راھىبنىڭ بارلىقى بىزنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا چەرچەن ئېلىنىڭ پايتەختىدە قانچىلىك ئاھالىنىڭ بارلىقىنى بىلىشىمىزدە قىممەتلىك ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا بىز ھەر 01 ئادەمدىن بىرىنى راھىب دېسەك، ئومۇمىي ئاھالىسى 40 مىڭغا بارىدۇ، دېيەلەيمىز. ئەمەلىيەتتە نوپۇس بۇنىڭدىن كۆپ بولسا باركى ھەرگىزمۇ كەم ئەمەس، چۈنكى 4000 دىن ئارتۇق راھىب، ھۆكۈمران سىنىپ ۋە ئۆز ئەمگىكى بىلەن ئۆزىنى باقالمايدىغانلارنى بېقىش ئۈچۈن خېلى ساندا ئاھالە بولۇشى كېرەك. ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق مىرەن خارابىسىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭلا 17 مىڭ مودىن ئاشىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. بىز بۇلارنى كېيىنكى مەنبەلەردىكى، يەنى 442 - يىلى چەرچەن خانى بەگ روڭنىڭ 0004 ئائىلە، يەنى پۈتۈن پايتەخت ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنى باشلاپ سارمادانغا كۆچكەنلىكىنى ئويلىشىپ كۆرىدىغان بولساق، ئومۇمىي ئائىلە سانىنىڭ 8000 دىن ئاشىدىغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، ئەگەر بىز ھەر ئائىلىدە بەشتىن نوپۇس بار دېسەك، جەمىئىي 40 مىڭ نوپۇس بار بولغان بولىدۇ. يازغۇچى ياڭ نيەن مۇشۇ ۋاقىتتىكى نوپۇسنىڭ 80 مىڭغا بارىدىغانلىقىنى يازىدۇ. بىز ھازىرچە 40 مىڭ دېگەن نوپۇسنى توغرا تېپىپ تۇرساق ھەمدە بۇنى مىلادىيىنىڭ بېشىدىكى چەرچەن ئېلىنىڭ نوپۇسى بىلەن نىسبەتلەشتۈرىدىغان بولساق، 400 يىلدا نوپۇس ئۈچ ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن، مانا مۇشۇ نىسبەت بويىچە مىلادىيە 440 - يىلى ئەتراپىدا پۈتۈن چەرچەن خانلىقىنىڭ نوپۇسىنى 120 ~ 150 مىڭ ئەتراپىدا بولغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇمات بۈگۈنكى كۈندىكى مۇشۇ دائىرىنىڭ نوپۇسى بىلەن يېقىنلىشىدۇ، بۇ ساننى كۆرگەنلەر بۇ نوپۇسقا شۈبھىدە بولىدىغانلىقى شەكسىز، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى بوستانلىقلاردىن خەۋىرى بار كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشنىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە بىز تۆۋەندە چەرچەن خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى ھەققىدىكى بايانىمىزدا چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. تۇيغۇنلار سىيانپىيلاردىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ غەربكە كۆچكەن بىر تارمىقىدۇر. 313 - يىلى قۇرۇلغان تۇيغۇن خانلىقى 663 - يىلى تۈبۈتلەر تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان. تۇيغۇنلارنىڭ ئالتاي تىللىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىدە پىكىر بىرلىكى بولسىمۇ، موڭغۇل تىللىرى ئائىلىسى، توڭغۇس تىللىرى ئائىلىسى ياكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋەلىكى ھەققىدە مۇنازىرە بار. بارتولد قاتارلىق بەزى ئالىملار سۆزلەملىرىدە ئۇلارنىڭ ساقلىنىپ قالغان تۈركىي ئىبارىلەرگە ئاساسەن تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە، دەپ قارايدۇ. تۇيغۇنلار چارۋىچىلىقنى ئاساس، دېھقانچىلىقنى قوشۇمچە قىلىپ ھايات كەچۈرىدىغان مىللەت بولۇپ، 452 - يىلىدىن 635 - يىللىرىغىچە چاقىلىق رايونى قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. تۈبۈتلەرنىڭ كۈچىيىپ چىقىشى بىلەن تۇيغۇن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ تۈبۈتلەر ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. رورەنلەر توڭغۇسلارنىڭ ئەۋلادى، سىيانپىيلارنىڭ ئەۋلادى، ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى ئارىلاشما غۇزلاردىن ئىبارەت دېگەندەك قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنە ئۇلارنى ئاۋارلار بىلەن بىر مىللەت دېگۈچىلەرمۇ بار، ئۇلار چوڭ ھىنگان تاغلىرىدىن بايقال ئەتراپلىرىغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيىدە پائالىيەت قىلغان. رورەنلەر كۈچەيگەن چاغلاردىمۇ ئۇنىڭ تەركىبىدە 60 تىن ئارتۇق ئۇرۇق ۋە قەبىلە بولۇپ، ئاساسلىقى سىيانپىي، تېلى )چىلى> ۋە ھۇنلاردىن ئىبارەت، بەزى پىكىرلەرگە قارىغاندا، رورەن ئاقسۆڭەكلىرى سىيانپىي توبالىرىدىن ئايرىلىپ چىققان دەيدۇ. رورەنلەر ئەسلىدە ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاساسەن ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ خېتاۋ رايونىنىڭ چوغاي تاغلىرى ئەتراپلىرى، ئېچىنا ئەتراپلىرىدا چارۋىچىلىق قىلغان. جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى لياڭ خانلىقىدىن شېن يۈې )441 - 513> يازغان <سۇڭنامە> 98 - جىلد <دى غۇزلىرى ھەققىدە قىسسە> دىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلار بىزنىڭ چەرچەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىمىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە، <مىلادىيە 441 - يىلى 10 - ئايدا، شەھەردە ئوزۇق - تۈلۈك ئۈزۈلۈپ قالغاچقا، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ كەتتى. جۇرچى تارگو ئۆز خوتۇنىنى ئۆلتۈرۈپ لەشكەرلىرىگە ئوزۇق قىلىپ بەردى. گۆش يېيىلىپ بولغاندا شەھەر ئىشغال قىلىندى. توغبات تاۋ جۇرچى تارگونى تىرىك تۇتۇپ، پىڭچىڭ قەلئەسىگە ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ چاغدا چېچىنى ئۆرۈگەن ياتلارنىڭ خورىكى بەكمۇ ئۆسۈپ كەتكەن. جۇرچى ئۇرغۇ لەشكەرلىرىنىڭ ئاچارچىلىقتا قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت تۇتالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، كۆپچىلىكنى باشلاپ كۈنپېتىشقا كەتمەكچى بولدى. 11 - ئايدا، جۇرچى ئۇرغۇ ئىنىسى جۇرچى ئارگۇنى 5000 لەشكەر بىلەن چەرچەنگە يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەرنى ئىگىلىيەلمىدى. مىلادىيە 442 - يىلى 4 - ئايدا جۇرچى ئۇرغۇ 01 مىڭدىن ئارتۇق تۈتۈننى باشلاپ كۈنپېتىشقا يۈرۈش قىلىپ، جۇرچى ئارگۇنىڭ قېشىغا كەتمەكچى بولدى. ئۇلار چەرچەنگە يېتىپ كەلگەندە، چەرچەن بېگى بىلۇڭ )بەگروڭ> 4000 دىن ئارتۇق تۈتۈننى باشلاپ قېچىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن جۇرچى ئۇرغۇنى چەرچەننى ساقلاشقا قالدۇرۇپ، ئۆزى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئېلىپ لەشكەرلىرى بىلەن قۇچۇغا ياردەمگە ماڭدى>.〖ZW>B〗<ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 712 - بەت.〖ZW)〗يۇقىرىقى خاتىرىلەردىن چەرچەن خانىدانلىقىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا مىلادىيە 5 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھەرگىزمۇ ئىچكى نىزاھ ياكى باشقا سەۋەبتىن ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك ياۋ ئالدىدا ئاجىز كېلىپ قېلىپ يىمىرىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. <جەنۇبىي چى سۇلالىسى تارىخى>دىكى بايانغا ئاساسلانغاندا، چەرچەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى دىڭلىڭلار تەرىپىدىن ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىنغان، خەلقمۇ تارقاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ قېتىمقى ۋەيرانچىلىقنى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان، چەرچەنگە 452 - يىلى تۇيغۇنلار بېسىپ كىرگەن. 460 - يىللىرى رورەنلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان، رورەنلەرنىڭ دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئۇرۇش دىڭلىڭلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇرۇش ئوتى بۇ يۇرتقىچە تۇتاشقان. خەلقمۇ يۇرت - ماكانىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن. بۇ ھەقتە تارىخشۇناس دۇەن ليەنچىن <چەرچەن دىڭلىڭلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، خەلقى پۈتۈنلەي تارقىلىپ كەتكەن، قاڭقىللار كىنگىتنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، يەنە جەنۇبقا بېسىپ بېرىپ، چەرچەننىمۇ ئىشغال قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ> دەپ يازىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان دىڭلىڭلار بىلەن قاڭقىللار بىر نامنىڭ ئىككى خىل تەلەپپۇزىدىن ئىبارەت. دۇەن ليەنچىن ئەپەندى قاڭقىللارنىڭ چەرچەننى ئىشغال قىلغان ۋاقتىنى مىلادىيە 492 - يىلى 8 - ئايدىن 493 - يىلىغىچە، دېگەن يەكۈننى چىقارغان. قاڭقىللاربۇ يەرگە 497 - يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، مىلادىيە 500 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇيغۇنلار چەرچەننى ئىشغال قىلىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن. مىلادىيە 519 - يىلى ئەتراپىدا چاقىلىقتىن ئۆتكەن بۇددا راھىبى سۇڭ يۈن يازغان <سۇڭ يۈن سەپەر خاتىرىلىرى> دە، <تۇيغۇندىن 0503 چاقىرىم غەربكە يۈرسە چەرچەن شەھىرىگە بارغىلى بولىدۇ. شەھەردىكىلەر ئۆزلىرى تەختكە چىقارغان خانىنى تۇيغۇنلار بېقىندۇرغان. ھازىر شەھەردە تۇيغۇنلارنىڭ غەربنى تىنچلاندۇرغۇچى سانغۇنى تۇرىدۇ… چەرچەندىن غەربكە 1640 چاقىرىم يۈرسە، سارمادان شەھىرىگە بارغىلى بولىدۇ، شەھەردە 100 تۈتۈن بار><قەدىمكى دەۋردىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىلىرى ھەم شەرھى>، نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، 1987 - يىلى خەنزۇچە نەشرى، 47 -، 104 - بەت.دېيىلگەن. بىز يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن 6 - ئەسىرنىڭ بېشىدا تۇيغۇنلارنىڭ چەرچەن ئېلىنى مۇنقەرز قىلىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ بولغانلىقىنى كۆرىمىز، مانا مۇشۇلارغا ئاساسەن كروران خانلىقى، جۈملىدىن كېيىنكى چەرچەن نامىدىكى خانلىقنىڭ 5 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. مۇشۇ خاتىرىدە يەنە چەرچەندە 0030 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالە بارلىقى خاتىرىلەنگەن، مانا مۇشۇلار ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىنىڭ ناھايىتى ئېغىر بولغانلىقىنى، كۆپلىگەن ئاھالىنىڭ قىرىلىپ تۈگىگەنلىكىنى ياكى يۇرتىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. سارماداندا 100 ئائىلە بارلىقى سەل گۇمانلىق، چۈنكى 442 - يىلى كۆچۈپ بارغان چەرچەنلىكلەرنىڭ 4000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى ماتېرىياللاردا مەلۇم. سۇڭ يۈندىن كېيىن بۇددا راھىبى شۈەنزاڭ چەرچەن ئېلى، كروران ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرغان. شۈەنزاڭ )600 - 664> تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن بۇددا راھىبى بولۇپ، غەربكە، يەنى ھىندىستانغا نوم ئالغىلى ماڭغىنىدا 629 - ياكى 630 - يىلى كروران دىيارىدىن ئۆتكەن. ئۇ <بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت> دېگەن ئەسەردە )بۇ ئەسەر شۈەنزاڭنىڭ ئېغىز بايانىغا ئاساسەن 646 - يىلى يېزىلىپ، تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى لى شىمىنغا تەقدىم قىلىنغان> <400 چاقىرىمدىن ئارتۇق يۈرسە قەدىمكى توخرى ئېلىگە بارغىلى بولىدۇ، بۇ ئەل ۋەيران بولغان بولۇپ، شەھەرلىرى چۆلگە ئايلانغان. بۇ يەردىن شەرققە 600 چاقىرىمدىن ئارتۇق يۈرسە قەدىمكى چالمادانا )سارمادان>غا بارغىلى بولىدۇ، بۇ يەردە ئادىمىزات قالمىغان. يەنە شەرقىي شىمالغا مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق يۈرسە قەدىمكى نوپ ئېلى)纳缚波故国>، يەنى كرورانغا بارغىلى بولىدۇ><قەدىمكى دەۋردىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىلىرى ھەم شەرھى>، نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، 1987 - يىلى خەنزۇچە نەشرى، 47 -، 104 - بەت.دېيىلگەن. بۇ يەردە 故国 خېتى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ ئەلنىڭ ئاللىبۇرۇنلا ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك ئالتىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە قەدىمكى چەرچەندىن تارتىپ تاكى دۇخانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەھەرلەر ۋەيران بولۇپ بولغان. <جۇنامە> دە <چەرچەن — قەدىمكى كروران ئېلىدۇر، شەرقتىكى چاڭئەنگە 5000 چاقىرىم كېلىدۇ. يېرى قۇملۇق، سۇ، ئوتلاقلىرى ئاز. شىمالدا بەيلوڭدۇي يولى بار. ۋېي سۇلالىسىنىڭ تەيۋۇ يىللىرى جۇرچى )قۇتقۇ> ئەنجۇ ھۇجۇم قىلغان، خانى غەربتىكى سارمادانغا قاچقان. غەربىي شىمالىدا نەچچە يۈز چاقىرىم ئاقار قۇم بولۇپ، ياز كۈنلىرى ئىسسىق شامال چىقىپ يولۇچىلارنى كېسەلگە دۇچار قىلىدۇ… داتۇڭنىڭ 8 - يىلى خان ئىنىسى شەنمى ئاھالىنى باشلاپ تەۋەلىك بىلدۈرگەن> دەپ يېزىلسا؛ <سۈينامە>نىڭ 15 - جىلدىدا <دايېنىڭ 5 - يىلى تۇيغۇنلار چەرچەن شەھىرىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ قەدىمكى كروراندۇر… پىچان كۆلى، چەرچەن دەرياسى بار> دەپ يېزىلىدۇ. <يېڭى تاڭنامە> نىڭ 43-جىلدىدا <… پىچان )蒲昌海> كۆلىنىڭ جەنۇبى قىرغىقى بىلەن غەربكە يۈرسە قۇتۇم )七屯> شەھىرىگە، يەنى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىشەم )伊修> شەھىرىگە، يەنە غەربكە 80 چاقىرىم يۈرسە تاشبالىق )石城镇> يەنى خەن دەۋرىدىكى كرورانغا بارغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى نامى چەرچەن بولۇپ، پىچان كۆلىنىڭ 003 چاقىرىم جەنۇبىدا. يەنە غەربكە 200 چاقىرىم يۈرسە ياڭىبالىق )新城> )بۇرۇن نوپ )弩支城> دەپ ئاتالغان بولۇپ كاڭ يەندەن قۇرغان> قا بارغىلى بولىدۇ> دېيىلگەن. <كونا تاڭنامە> دە <لاپچۇق )纳职> جىڭگۇەننىڭ 4 - يىلى )مىلادىيە 630 - يىلى> چەرچەن ئۇيغۇرلىرى )鄯善胡> قۇرغان شەھەر بولۇپ، لاپچۇق ناھىيىسى دەپ ئاتالغان> دەپ يېزىلسا، <سۇ ئىشلىرى تەپسىراتى> نىڭ 2 - جىلدىدا <)سارماداندىن> شەرققە 720 چاقىرىم يۈرسە چەرچەنگە بارىدۇ… جۇبىن )注滨> دەرياسى شەرققە ئېقىپ چەرچەن ئېلىنىڭ شىمالىدا پايتەخت ئىشەم، يەنى قەدىمكى كروراندىن ئۆتىدۇ… دەريا شەرققە ئېقىپ كۆلگە قۇيۇلىدۇ، كۆل كروران دەرياسىنىڭ شىمالىدا. خان شەھىرى ئاۋام تىلىدا شەرقىي كونا شەھەر دەپ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي دەريا ئۇدۇندىن 3000 چاقىرىم شەرققە ئېقىپ شىمالدىكى چەرچەنگە كەلگەندە كروران )牢兰海> كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. شىمالىي دەريا قۇملۇقىنىڭ شەرقىدە جەنۇبىي دەريا بىلەن ئايرىلىپ… چەرچەن )禅善> ئارقىلىق كروران كۆلىگە قۇيۇلىدۇ> دېيىلگەن. كروران ئېلىنىڭ مانا مۇشۇ داۋالغۇشلىق يىللىرى ھەققىدە لى يەنشۇ مىلادىيە 659 - يىلى يېزىپ تاماملىغان <شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى> ناملىق ئەسەردىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ساقلىنىپ قالغان. 97 - جىلد <غەربىي يۇرت تەزكىرىسى> دە مۇنداق يېزىلغان: <چەرچەن )鄯善>، ئاستانىسى قاغانبالىق )[HT4\",6]扌[KG-*3]于[HT4\"]泥>، قەدىمىي كروران خانلىقى، دەي خانلىقىغا 7600 چاقىرىم كېلىدۇ. ئاستانىسىنىڭ دائىرىسى بىر چاقىرىم بولۇپ، يېرىنىڭ كۆپى قۇملۇق ۋە شورلۇق، ئوت - سۈيى ئاز. شىمال تەرىپى قۇمتاغقا بارىدىغان يول. تەييەن يىللىرى )مىلادىيە 435 - يىلىدىن 439 - يىللىرىغىچە> نىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئاندىن خاننىڭ ئىنىسى سۇيانشىنى ئوردىغا تۇرغاقلىققا ئەۋەتتى. ۋېي پادىشاھى تەيۋۇدى لىڭجۇنى تىنجىتقاندا، جۇرچى مۇقاننىڭ ئىنىسى جۇرچى ئۇرغۇ دۇنخۇاڭنى بېسىۋالدى. كېيىن جۇرچى ئۇرغۇ قۇملۇقتىن ئۆتمەكچى بولۇپ، ئىنىسى جۇرچى ئەنجۇنى چەرچەنگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. چەرچەن خانى بەگ روڭ قورقۇپ تەسلىم بولماقچى بولغاندا، ۋېي سۇلالىسى ئەلچىلىرى ئەنەتكەك، كەشمىردىن قايتىپ كېلىپ، چەرچەنگە يىغىلدى. ئەلچىلەر بەگ روڭنى جۇرچى ئەنجۇغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلدى. بەگ روڭ جۇرچى ئەنجۇ بىلەن داۋاملىق جەڭ قىلدى. جۇرچى ئەنجۇ غەلىبە قىلالماي چېكىنىپ، شەرقىي شەھەرنى قوغدىدى. كېيىن بەگ روڭ قورقۇپ ئادەملىرىنى باشلاپ غەربتىكى سارمادانغا قاچتى. ئۇنىڭ چوڭ خوتۇنىدىن تۇغۇلغان چوڭ ئوغلى جۇرچى ئەنجۇنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋېي سۇلالىسى غەربىي يۇرتقا ئەلچى ئەۋەتتى، ئەلچىلەر چەرچەندىن ئۆتكەندە، چەرچەنلىكلەر ئۇلارنى بۇلاپ ئۆتكۈزمىدى. ۋېي پادىشاھى تەيۋۇدى چەۋەنداز مەھرەم چىڭجۇ گۇڭى ۋەن دۇگۇينى تۆت ئاتلىق پوچتا ھارۋىسى بىلەن بېرىپ، لياڭجۇدىن قوشۇنلىرىنى چەرچەنگە ئەكېلىشكە بۇيرۇدى. ۋەن دۇگۇي دۇنخۇاڭغا بېرىپ ھەربىي ئەشيالارنى قالدۇرۇپ قويدى ھەمدە يېنىك جابدۇنغان 5000 چەۋەندازنى باشلاپ قۇملۇقتىن ئۆتۈپ، چەرچەن تەۋەسىگە كىردى. شۇ چاغدا چەرچەن خەلقى دالىغا تارىلىپ كەتكەنىدى… چەرچەن خانىمۇ قولىنى ئارقىسىغا باغلاپ چىقىپ ئەل بولدى… چېندا بىلەن ئاستانىگە كەلدى. پادىشاھ تەيۋۇدى خۇش بولۇپ، چېنداغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدى. شۇ يىلى جياۋجى گۇڭى خەنبانى مۇۋەققەت ئەلچى، غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى سانغۇن، غەربىي رۇڭلارنى قوغدىغۇچى چېرىكچى، چەرچەن بېگى قىلىپ تەيىنلەپ چەرچەننى ساقلاشقا، چەرچەن خەلقىدىن ۋىلايەت، ناھىيە تەسىس قىلىنغان جايلارغا ئوخشاش باج، ئالۋان - ياساق يىغىشقا ئەۋەتتى>.〖ZW>B〗لى يەنشۇ: <شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 409 - بەت.〖ZW)〗مانا مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بەگ روڭ سارمادانغا كۆچكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى چېندا )真达> خاقان بولغان، ئەمما ئۇ ۋېي سۇلالىسى ئەسكەرلىرىگە تەسلىم بولۇپ ئاستانىگە بارغاندىن كېيىن خەنبا ئىسىملىك بىرەيلەن چەرچەن خانلىققا تەيىنلەنگەن. <شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى> ناملىق كىتابتا چەرچەن خانىدانلىقى مىلادىيە 354 -، 438 -، 439 - يىللىرى ئولپان تاپشۇرۇش نامىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن سودا - تىجارەت قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن. مىلادىيە 442 - يىلى يازدا جۇرچى ئۇرغۇ چەرچەنگە كېلىۋالغان. 445 - يىلى كۈزدە چەرچەن خاقانى چېندا ۋېي سۇلالىسى چېرىكلىرى تەرىپىدىن ئەسىر قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن. ئەسەردە مىلادىيە 541 - يىلى چەرچەن خانىنىڭ ئاكىسى شانجۇنا قوۋمىنى باشلاپ ئىچكىرىگە كۆچۈپ بەيئەت قىلغانلىقى، مىلادىيە 531 - يىلى ئەتراپىدا چەرچەن قاتارلىق جايلارنىڭ بەيئەت قىلغانلىقى يېزىلغان. <يۈنخې يىللىرىدا يېزىلغان ۋىلايەت - ناھىيىلەر تەزكىرىسى> دە <ئېۋىرغول … ئەتراپىدا چەرچەندىن كەلگەنلەر بار… لاپچۇق ناھىيىسى جېڭگۇەننىڭ 4 - يىلى )630 - يىلى> تەسىس قىلىنغان بولۇپ، چەرچەنلىكلەر قۇرغان، ئۇيغۇرلار )胡> چەرچەننى نوپ )纳职> دەپ ئاتىغاچقا، شۇنداق ئاتالغان> دېيىلگەن. <شۇچاڭ ناھىيىسىنىڭ ھۇدۇدلىرى> ناملىق ئەسەردە <… تاشبالىق خەن دەۋرىدىكى كروران ئېلىدۇر> دېيىلگەن. <خەننامە. غەربىي دىيار تەزكىرىسى> دە، <تاشبالىق چاڭئەنگە 0061 چاقىرىم، يېرى كۆپ ئەمما قۇملۇق، تېرىلغۇسى ئاز، ئەمما قاشتېشى چىقىدۇ. فۇجېزى كروران خانىنى ئۆلتۈرگەن، خەن سۇلالىسى ئۇنىڭ ئىنىسىنى خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزغان، خانلىق نامى چەرچەنگە ئۆزگەرتىلگەن. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە چەرچەن بازىرى تەسىس قىلىنغان. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە يېغىلىق بولغاندا شەھەر ۋەيران بولغان. جېڭگۇەن يىللىرى سەمەرقەنتلىك سەردار كاڭ يەندەن شەرققە كەلگەندە ئۇيغۇرلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، شەھەر شىڭگۇ شەھىرى دەپ ئاتالغان. تۆت تەرىپى قۇملۇق بولۇپ، شاڭيۈەننىڭ ئىككىنچى يىلى )675 - يىلى> نامى تاشبالىققا ئۆزگەرتىلگەن ۋە شاجۇغا تەۋە بولغان، شەرقتىكى شاجۇغا 1580 چاقىرىم كېلىدۇ> دەپ يېزىلغان. قۇتۇم شەھىرى: )屯城> غەربتىكى تاشبالىققا 018 چاقىرىم، چەرچەن خانىنىڭ تۇرغاقى ئۇتۇش تەۋەلىك بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئاجىز بولغاچقا، خەن خانىغا: ئېلىمدە ئىشەم شەھىرى بار، يەرلىرى مۇنبەت، لەشكەر ئەۋەتىپ تېرىقچىلىق قىلدۇرغاچ ئېلىمنى قوغدىغان بولسىلا، دېگەن تەلىپىنى ئېيتقان. خەن سۇلالىسى سىما باشچىلىقىدا لەشكەر ئەۋەتىپ ئىشەمدە تېرىقچىلىق قىلغان. بۇ يەر چوڭ چەرچەن نامىغا تەقلىد قىلىپ كىچىك چەرچەن دەپ ئاتالغان، بۇ قۇتۇم شەھىرىدۇر. ياڭىبالىق: كاڭ يەندەن چەرچەندە تۇرۇپ ئاۋۋال مۇشۇ شەھەرنى گۈللەندۈرگەن. خەن دەۋرىدە نوپ دەپ ئاتالغان. شەرقتىكى چەرچەنگە 330 چاقىرىم كېلىدۇ. بوربالىق <蒲桃城>: كاڭ يەندەن قۇرغان. تاشبالىقنىڭ تۆت چاقىرىم شىمالىدا، ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، تولىمۇ گۈزەل ئىدى، ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەنلىكتىن بوربالىق دەپ ئاتالغان. شەھىرى سابىز: شەھەرنىڭ 480 چاقىرىم شەرقىي جەنۇبىدا بولۇپ، كاڭ يەندەن قۇرغان، سابىز شەھىرى كۆلگە يېقىن، تۇيغۇنلار كېلىپ كېتىپ تۇرىدۇ. چەرچەن شەھىرى: شەھەرنىڭ ئايلانمىسى 1630 چامدام. خەن دەۋرىدىكى چەرچەن شەھىرى تاشبالىقنىڭ 20 چامدام شەرقىدە. <شاجۇ ۋە ئېۋىرغولنىڭ جۇغراپىيىلىك تەزكىرىسى> دىكى بايانلارمۇ يۇقىرىقىلار بىلەن ئوپئوخشاش بولۇپ، بۇ مەزمۇنلاردا ئەكس ئەتكىنى 630 - يىللىرى ئەتراپىدىكى چاقىلىقنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بۇ ۋاقىتتا سەمەرقەنتلىك سەردار كاڭ يەندەن ئۇيغۇرلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، بوستانلىقلارنى قايتىدىن گۈللەندۈرگەن. بىز مۇشۇ دەۋردە گۈللىنىپ تۇرغان چاقىلىقنى پۈتۈنلەي ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەكچى بولساق، يەنە شەھىرى كىتىك، مەردەك ۋە كىچىك دەريا بويىدىكى گۈللىنىشنى تەتقىق قىلىشىمىز لازىم، ئۇنداق بولمايدىكەن، شۇ دەۋر ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇ قېتىمقى گۈللىنىش چاقىلىق تارىخىدىكى بىر قېتىملىق كۆلىمى چوڭ، ئەمما ۋاقتى قىسقا بولغان گۈللىنىش ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە لوپ كۆلى بويىدىكى كروران قاتارلىق شەھەرلەر ۋەيران بولغان، ئەمما كىچىك دەريا بويىدا خېلى تۈركۈمدە ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. مىلادىيە 8 - ئەسىردىن باشلاپ چاقىلىقنىڭ تارىخىي تەقدىرى ئاۋۋال تۈبۈتلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن، تۈبۈتلەر 7 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تارىم ئويمانلىقىغا قاراپ كېڭەيمىچىلىك قىلغان، 8 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تامامەن ئىستېلا قىلىپ بولغان، 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. تۈبۈتلەر خەنزۇچە مەنبەلەردە 吐蕃 دەپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئادەتتە تىبەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ھازىرقى زاڭزۇ مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى بولۇپ، ئەينى تار ىخىي دەۋرلەردىمۇ ھازىرقى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنى مەركەز قىلىپ ياشىغان. تۈبۈتلەر 336 - يىلى لاسانى پايتەخت قىلىپ تۈبۈت خانىدانلىقىنى قۇرغان، بۇ خانىدانلىقنىڭ قۇرغۇچىسى چىسوڭزەننى زاڭزۇ خەلقىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىنى مەدھىيىلەپ <سوڭزەن گەنبۇ> دەپ ئاتىغان. سوڭزەن گەنبۇ تۈبۈتلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىنى تىنچلاندۇرغاندىن كېيىن دۆلىتىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ئاشقان. 634 - يىلى ئۇ تاڭ سۇلالىسى مەلىكىلىرىدىن بىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ ئەلچى ئەۋەتكەن. ئەمما تاڭ سۇلالىسى قوشۇلمىغان. شۇ يىلى تۈبۈتلەر ئىككى سۇلالە ئارىسىدىكى تۇيغۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغان. 640 - يىلى تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى مەلىكە ۋېنچىڭنى سوڭزەن گەنبۇغا ياتلىق قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن تۈبۈتلەر بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ياخشىلىنىپ، تۈبۈتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە شارائىت ھازىرلانغان. تۈبۈتلەر تۇيغۇنلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچى ئېشىپ نەزىرىنى چاقىلىققا قاراتقان. ئۇلار 662 - يىلى ئۇدۇن، يەنى خوتەننى، كېيىنكى يىلى چەرچەننى، يەنى ھازىرقى چاقىلىق - چەرچەن دائىرىلىرىنى ئىشغال قىلغان، تۈبۈت قوشۇنلىرى ئالتۇنتاغدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئالدى بىلەن چاقىلىق ناھىيىسىدىكى ئاياغقۇم كۆلى بويىغا جايلاشقان شەھىرى سابىزنى ئىگىلىگەن ۋە ئۇنى ھەربىي مەركەز قىلىپ، بۇ رايونغا 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. تۈبۈتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى خېلى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلغانلىقتىن، مىرەن كونا شەھەر خارابىسىدىكى تۈبۈت قەلئەسىدىن شۇ چاغدىكى ئسىتېلانىڭ ئىزنالىرى قالغان بولسا، چىمەنتاغ رايونىدىن بىر تۈركۈم تۈبۈت يېزىقىدىكى تاش پۈتۈكلەر تېپىلغان، بۇ تاش پۈتۈكلەر شۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلىمۇ ياكى كېيىنكى دەۋرلەرنىڭ مەھسۇلىمۇ تېخىچە تۈبۈتشۇناس ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى كۆرمىدىم. تۈبۈتلەر ئىشغال قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە ھازىرقى چاقىلىق يەنى ئەينى ۋاقىتتىكى چەرچەن ۋە لوپ دائىرىسىدە مۇنۇ شەھەر - بازارلار بار ئىدى: Nob ched po بۇ نام چوڭ لوپ دېگەنلىك، بۇ نام ئىچىدە Nob تىلىمىزدا ھازىرمۇ قوللىنىۋاتقان لوپ نامىنىڭ دەل ئۆزى، بۇ ئاتالغۇنى تۈبۈتلەر يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلغان بولۇپ، ھازىرقى چاقىلىق بازىرىنى كۆرسىتىدۇ. — Nob chel po بۇ نام كىچىك لوپ دېگەنلىك بولۇپ، مىرەن كونا شەھەر خارابىسىنى كۆرسىتىدۇ. <يۈنخې ئايمىقىنىڭ ناھىيىلەر تەزكىرىسى>، <كونا تاڭنامە>، قاتارلىق ئەسەرلەردىكى <ئۇيغۇرلار چەرچەننى لوپ )纳职> دەيدۇ> دېگەن بايانلار ھەمدە چەرچەن ئۇيغۇرلىرى ئىۋرىغۇلدا بەرپا قىلغان يېڭى يۇرتىنى ئەسلىدىكى يۇرتىنىڭ نامىدا لوپچۇق ~ لاپچۇق )بۇ كىچىك لوپ دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك> دەپ ئاتىغانلىقىدىن نوپ - لوپ نامىنىڭ تۈبۈتلەر تىلىدىن ئەمەس، يەرلىك تىلدىن كەلگەنلىكىنى، بۇ نامنىڭ تۈبۈتلەر بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇنلا بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مىرەن بوستانلىقى ئەينى ۋاقىتتا يەنە Ketsemtong دەپمۇ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇ نام خەنزۇچە ماتېرىياللاردىكى 屯七،屯古، 头海 ناملىرىنىڭ تەلەپپۇزىغا يېقىنلىشىش بىلەن بىرگە، خوتەن ساك يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە كۆرۈلگەن قېتىم ~ ھۈتىم ناملىرىنىڭ تەلەپپۇزىغا يېقىنلىشىدۇ. بۇلار ئەمەلىيەتتە قۇتۇم ~ قېتىم دېگەن جاي ناملىرىنىڭ ھەرخىل تەلەپپۇز تەرجىمىلىرى بولسا كېرەك. — Kadag بۇ كېيىنكى مەزگىللەردە مەشھۇر بولغان شەھىرى كىتىك بولۇپ، بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەر تاكى ھازىرغىچە تارقىلىپ يۈرمەكتە. بۇ شەھەر ھەققىدە Mliu101 نومۇرلۇق تۈبۈتچە پۈتۈكتە <چوڭ لوپتا تۇرغان … بىلەن Kadag تىكى زاپاس ئەسكەرلەر يىغىلىپ … چوڭ ۋە كىچىك لوپقا راباتلار ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى> دېيىلگەن. 982 - يىلى يېزىلغان پارسچە ئەسەر <ھۇدۇدۇل ئالەم> دە دېيىلگەن بايانلارمۇ بار. يەنە Klurtse، دېگەن جاي نامىمۇ بار بولۇپ، ئالىملار بۇ جاينى ۋاششەھىرى دەپ قارايدۇ. — Carcan بۇ ئاتالغۇ ئەسلىدە خاقان بەگ روڭنىڭ 4000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالىنى باشلاپ چالمادانا ~ سارمادان دەپ ئاتالغان ھازىرقى چەرچەنگە كۆچۈشى، كۆچكەن ئاھالىنىڭ سانىنىڭ مۇشۇ يەردىكى ئەسلىي ئاھالىدىن زور دەرىجىدە كۆپ بولۇشى سەۋەبلىك تەدرىجىي ئەسلىدىكى نامنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ھازىرقى چەرچەنگە نام بولۇپ قالغان ھەمدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان. ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ نام تۈبۈتلەر ئىشغال قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە ئومۇملىشىپ بولغان بولسا كېرەك. — Tshal byi بۇ بىز تىلغا ئالغان ئاياغقۇم كۆلى بويىغا جايلاشقان شەھىرى سابىزنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ ناممۇ تۈبۈتلەر كېلىشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى، خەنزۇچە مەنبەلەردە 萨毗 دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ جاي تۈبۈتلەرنىڭ ھەربىي مەركىزى بولغان بولۇپ تۈبۈت سانغۇنى تۇرغان، ھېچ بولمىغاندىمۇ چاقىلىق رايونىنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارى مۇشۇ جايدا تۇرغان. تۈبۈتلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان ۋاقىتلاردا چاقىلىق دائىرىسىدە يەرلىك ئاھالە ئۇيغۇرلار ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەندىن سىرت، يەنە تۇيغۇن )تۇيغۇن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندا ئاز ساندىكى تۇيغۇن پۇقراسى قالغان>، خەنزۇ )ئاساسەن سودىگەرلىك قىلىپ كەلگەنلەر>، تۈرك، سوغدى )سودىگەرلەر> ئاھالىلىرى بولغان، ئەلۋەتتە يەنە تۈبۈت ھۆكۈمدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قەبىلىلىرىمۇ بار. ئۇيغۇرلاردىن باشقا خەلقلەر ئىچىدە تۇيغۇنلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان، ئۇلارنىڭ ئاساسىي پائالىيەت دائىرىسى يەنىلا ئالتۇنتاغ ئىچىگە جايلاشقان. تۈركلەر ئادەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاتالغان، بەزى پۈتۈكلەردە پەرقلەندۈرۈلۈپ تۈركلەر drug دەپ، ئۇيغۇرلار hor دەپ خاتىرىلەنگەن. تۈبۈتچە پۈتۈكلەردە تۈركچور، ئۈستۈن تۈرك، تۈرك بودۇنى، خەنزۇرلارغا تەۋە تۈرك دېگەندەك ئاتالغۇلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانىنىڭمۇ ئانچە ئاز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۈبۈتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ھەربىي - مەمۇرىي ئىشلار بىرلىكتە يۈرگۈزۈلىدىغان بىر ھاكىمىيەت بولۇپ، باشقۇرغۇچى ئەمەلدار تۈبۈتچە Khrom دەپ ئاتالغان. ئالىملارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، چاقىلىق رايونىنى ئىدارە قىلغۇچى ئەمەلدار Khrom شەھىرى سابىزدا تۇرۇپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. مىرەندىن تېپىلغان تۈبۈتچە يازمىلارغا قارىغاندا، Khrom دىن تۆۋەن مەنسەپدارلاردىن تۈمەن بېشى ) شەھىرى سابىز ۋە چوڭ چەرچەن ~ چوڭ لوپتا بىردىن تەسىس قىلىنغان>، rbe rje )چوڭ لوپ، كىچىك لوپ، سابىز قاتارلىق جايلاردا تەسىس قىلىنغان>، خەزىنىچى بەگ )clgra byon>، rbe rje ياردەمچىسى، ئىچكى ئىشلار بېگى، مىڭبېشى، ياردەمچى بەگ، ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرى بېگى، مالىيە ئەمەلدارى، كۈزلۈك يىغىم نازارەتچىسى، كىچىك مىڭبېشى، باجگىر، ئەدلىيە ئىشلىرى ئەمەلدارى قاتارلىقلار بولغان. تۈبۈتلەر چاقىلىق دىيارىدا يۇقىرىقىدەك ھەربىي - مەمۇرىي مەنسەپلەرنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزگەن. ئۇلار بۇ يەردە خانلىق يەرلەرنى ئايرىش بىلەن بىرگە سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، زېمىنلارنى ھەربىي - مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا، قەبىلە باشلىقلىرىغا ئايرىپ بەرگەن. تۈبۈتلەرنىڭ ئىشغالىيىتى 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋام قىلغان، 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا موڭغۇلىيە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى تاڭ سۇلالىسى بىلەن قىرغىزلارنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمى ئارقىسىدا يىمىرىلىپ پۈتۈن تېررىتورىيىدىكى ئاھالە پىتىراپ كەتكەن. ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىش بىلەن خەلق تۆتكە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بىر تۈركۈمى قىرغىزلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قالغان، بۇلار قىرغىزلارنى ئۇيغۇر خانلىقىغا باشلاپ كەلگەن ئۇيغۇر ۋەزىرى كۇلباغا تەرەپدارلىرىدىن ئىبارەت ئىدى. ئىككىنچى تۈركۈمى ئۈگە تېگىن باشچىلىقىدا جەنۇبقا، يەنى تاڭ سۇلالىسى تېررىتورىيىسىگە كۆچكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئورموزد تېگىن قاتارلىق بەش تېگىنمۇ ئۇرۇق قەبىلىلىرىنى باشلاپ كۆچكەنىدى. تاڭ سۇلالىسى تېررىتورىيىسىگە كۆچكەن بۇ ئىككى توپ )بۇلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئىككى - ئۈچ يۈز مىڭ ئەتراپىدا> ئارىسىدىمۇ ئۆتكۈر زىددىيەتلەر بار ئىدى. يەنە بىر توپتىكىلەر ئەسلىدە بىر توپ بولۇپ، ئۇلار گەنسۇ ئەتراپلىرىغا كەلگەندە ئۈچ - تۆت توپقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇلار ئەسلىدە 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ تەخمىنەن يېرىمى گەنسۇ ئەتراپلىرىدا قېلىپ شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. قالغان يېرىمى، يەنى تۆتىنچى توپ پان تېگىن باشچىلىقىدا داۋاملىق كۆچۈپ قۇمۇل، تۇرپان، قاراشەھەر ئەتراپلىرىنى ئىگىلەپ ھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسىدىكى قېرىنداشلىرى، غەربىي ئۇيغۇرلار )تۈبۈتچە پۈتۈكلەردە خور، دۇرگو دەپ يېزىلغان> بىلەن بىرلىشىپ كەسكىن كۈرەشلەر ئارقىلىق تۈبۈتلەرنى ئانا يۇرتىدىن قوغلاپ چىقارغان ھەمدە بەش ئەسىرگە يېقىن داۋام قىلغان ئۇيغۇر )ئىدىقۇت> ئېلى )بۇ خانلىقنى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئۇرخۇن ئېلىنىڭ بىۋاسىتە داۋامى دېيىشكىمۇ بولىدۇ، مۇشۇ دەۋرلەرنى قۇرۇلغان ۋاقىت دەپ قارىساقمۇ مىلادىيە 840 - يىلى قۇرۇلۇپ 1368 - يىلى تەلتۆكۈس يىمىرىلگەن> نى قۇرغان. ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى كېيىنكى ۋاقىتلاردا تەخمىنەن 10 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىككىگە پارچىلىنىپ خاقانىيە ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى بۇددا ۋە قامان دىنىنى ئاساس قىلغان بولسا، خاقانىيە ئاھالىلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى قۇرۇلغاندا، چاقىلىق دائىرىسىدىكى تۈبۈتلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئالغان، بۇ ۋاقىتلاردا خوتەندىن چەرچەنگىچە بولغان ئالتۇن ئىل ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى چېگرا تاكى 11 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ياكى 12 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ساقلىنىپ قالغان. ئومۇمەن ئالغاندا، 12 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چاقىلىق دائىرىسىدىكى لوپ شەھىرى )ۋاششەھىرى خارابىسى> خاقانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن، لېكىن زادى قانداق سەۋەبلەر بىلەن خاقانىيىگە تەۋە بولغىنى نامەلۇم. مۇشۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇقلاشقان ياكى مۇشۇ لىنىيە بىلەن سودا - تىجارەتكە بارغانلار ئەتراپتىكى ئاھالىنىڭ سېرىق ئۇيغۇر دېيىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، مەنبەلەردە خاتاراق مەنە تەرجىمىسى بىلەن تەلەپپۇز تەرجىمىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، بۇ يەرلىك ئاھالىنى سېرىق باش ئۇيغۇر )黄头回纥> دەپ ئاتىغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، جۈملىدىن موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان 13 - ئەسىردە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە بۇ نام توغرىلىنىپ撒里畏兀儿 دەپ ئېلىنغان، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يادىكارلىقلاردا <سارىغ ئۇيغۇر> دەپ خاتىرىلەنگەن. مەنمۇ بەزىلەرگە ئوخشاش دەسلەپتە غەربكە كۆچكەنلەرنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىغانىدىم، ئەمما كېيىنكى ئىزدىنىشلەرگە ئاساسلانغىنىمدا بۇلار كۆچۈپ كەلگەنلەر بولماستىن، كرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، دەسلەپكى مەنبەلەردە 胡، تۈبۈتچە مەنبەلەردە hor دەپ ئاتالغان يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. خەنزۇچە ۋە تۈرك - رونىك يېزىقىدىكى يازمىلارغا قارىغاندا، ئۇ ئەتراپلاردا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىغا ئائىت ئۇچۇر يوق، لېكىن 5 - ئەسىردىكى غەرب يازمىلىرىغا قارىغاندا، ياۋروپاغا كۆچكەن تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئون ئۇيغۇر، سېرىق ئۇيغۇر قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ بارلىقى خاتىرىلەنگەن. 14 - ئەسىرلەردە يۇرت ماكانى ۋەيران بولۇپ شەرققە، يەنى ھازىرقى گەنسۇ دائىرىسىگە بىر تۈركۈم ئاھالە كۆچكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرىمۇ ئۆزلىرىنى سېرىق ئۇيغۇر ~ سارىغ يۇغۇر دەپ ئاتايدۇ. 1950 - يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇلار گەرچە ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر، شىنجاڭدىن كۆچۈپ كەلگەن دەپ قارىغان بولسىمۇ، دىنىي ئېتىقادى ۋە ياشايدىغان رايونىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن يۇغۇر نامىنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە يۈگۇ ) 裕固> دەپ نام قويغان ۋە شۇ بويىچە ئومۇملاشقان. ئالىملار يۇغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەربكە كۆچكەن تۈركىي خەلق ئارىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى ناخشا، مۇزىكا ۋە ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى يېقىنلىق ئارقىلىق بايقىغان، جۈملىدىن ۋېنگىرىيە خەلق مۇزىكىلىرى بىلەن سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا باغلىنىش بارلىقى بايقالغان. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ۋېنگرىيە نامىمۇ ئەسلىدە <ھۇنگېرىيە> نامىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدىن ئىبارەت ئىكەن. 1209 - يىلى ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېگىن كىدانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن موڭغۇل ھۆكۈمدارى چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلغان، چىڭگىزخانمۇ ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەتتە ئالدىدا كېتىۋاتقان خەلقنىڭ بىلىمىدىن پايدىلىنىش ۋە بارچۇق ئارت تېگىننىڭ بەيئەت قىلغانلىقىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۆز ئوغۇللىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشنى ئەھد قىلغان ھەمدە قىزى ئالتۇن بىكەنى ياتلىق قىلغان. مۇشۇلاردىن قارىغاندا، چاقىلىق دائىرىسىدىكى كىتىك، مەردەك قاتارلىق ئوتتۇرا ئەسىر شەھەرلىرى داۋاملىق ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلىنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولغان، ئەمما خاقانىيە تېررىتورىيىسىگە كىرگەن لوپ شەھىرى موڭغۇل سانغۇنىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، موڭغۇل سانغۇنىغا مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچە پۈتۈكنىڭ لوپ < ۋاششەھىرى خارابىسى>شەھىرىدىن تېپىلىشى بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. موڭغۇللارنىڭ بۇ جايدا يۈرگۈزگەن ھۆكۈمرانلىقى تىنىچلا ۋۇجۇدقا كەلگەنمۇ - يوق؟ بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات يوق، ماركوپولونىڭ چەرچەن ھەققىدىكى بايانلىرىدا ئاھالىنىڭ موڭغۇللاردىن بەك قورقىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىسا قېچىپ پىنھانلارغا يوشۇرۇنىدىغانلىقى يېزىلغان. شەھىرى مەردەك ئەتراپىدا <موڭغۇل ئۆلگەن> دېگەن بىر جاي بار بولۇپ، بۇ يەردە بىر ياكى بىر نەچچە قېتىم جەڭ بولغانمۇ قانداق، كۆپلىگەن ئۇستىخانلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بار. ئۇنىڭدىن باشقا لوپلۇق ناخشىچى موماي موڭغۇل چېرىكلىرىنىڭ بۇ يەردىكى مۇسۇلمان ئېلىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتنى فرانسىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى بونۋالوتقا سۆزلەپ بەرگەن. مانا مۇشۇلاردىن قارىغاندا چاقىلىق رايونىدا موڭغۇل ئىستېلاسىنىڭ بولغانلىقى ۋە تالاپەتكە دۇچار بولغانلىقىنى چۈشىنىش مۇمكىن. ئومۇمەن ئالغاندا، موڭغۇللار قان تۆكۈشلەر ئارقىلىق چاقىلىقتىكى بەزى شەھەر - بازارلارنى ئۆز ئىستېلاسىغا ئالغان بولسا، بىر قىسىم شەھەلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى تېررىتورىيىسىدىكىلەر ئۇرۇش قىلمايلا موڭغۇل ھاكىمىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى شەرتلىك ھالدا ئۆزىنىڭ نىسپىي مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان. <يۈەن سۇلالىسى تارىخى> 211 - جىلد <سۇبۇتاي تەزكىرىسى> دە يېزىلىشىچە، سېرىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىستېلا قىلىنغان، موڭغۇللارنىڭ بۇ ئىستېلاسىنى غەرب مۇئەللىپلىرىدىن پولان كاربىن <چىڭگىزخان تەرسا ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن سېرىق ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئىستېلا قىلدى> دەپ يازغان. موڭغۇللار سېرىق ئۇيغۇرلارنى ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن مەھكىمە تەسىس قىلىپ ئىدارە قىلغان، <يۈەن سۇلالىسى تارىخى> دىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 500 دىن ئارتۇق لەشكەر تۇرغۇزۇپ تۈبۈتلەرنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن ساقلانغان، بىر تۇتاش باج - سېلىق يىغقان ھەمدە ئالتۇن قېزىپ تاپشۇرۇش مەھكۇم مىللەتنىڭ تاپشۇرىدىغان سېلىقىنىڭ بىر قىسمى بولغان. موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە سېرىق ئۇيغۇرلارغا 1304 - يىلى ئەتراپىدا كىپەك ئىسىملىك كىشى شىنىڭ ۋۇۋېي خانى نامىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى نەنقۇلى ھۆكۈمدار بولغان. 1332 - يىلى شىنىڭ ۋۇۋېي خانى بولغان كىشى بۇيان تەمۈردۇر. بۇيان تەمۈر يۈەن سۇلالىسىنىڭ سېرىق ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان، بۇيان تەمۈر قەبىلىلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن. 1340 - يىللىرى ئەتراپىدا سۇلايمان ئىسىملىك بىرەيلەن شىنىڭ خانى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوقۇلغان بەزى مەدھىيىلەر دۇخان مۇگاۋ غارلىرىدا زامانىمىزغىچە ساقلىنىپ قالغان. 1370 - يىللىرى ئەتراپىدا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىدىن سانچىس قاتارلىقلار مىڭ سۇلالىسىگە سوۋغا يوللاپ تەۋەلىك بىلدۈرگەن، مىڭ سۇلالىسى دۇخان ئەتراپلىرىغا كۆچۈپ بارغان سېرىق ئۇيغۇرلار رايونلىرىدا قورۇل تەسىس قىلىپ، ھۆكۈمرانلىقىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈشكە يول ھازىرلىغان، دەسلەپكى قەدەمدە سانچىسنىڭ قەبىلىسىنى ئاساس قىلىپ كۈسەن )曲先卫> قورۇلىنى تەسىس قىلغان. بىر قانچە يىلدىن كېيىن بۇيان تەمۈرمۇ تەۋەلىك بىلدۈرگەن بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى پادىشاھى تەيزۇڭ ئۇنىڭغا تىنچلاندۇرغۇچى خان )安定王> نامىنى بەرگەن ھەمدە سېرىق ئۇيغۇرلارنى تۆت قورۇلغا بۆلۈپ، كۈسەن )苦先 >، ئالتۇنتاغ )阿真>، ئۇدۇن )阿端> ۋە تارىم )帖里> قاتارلىق قەبىلىلەر تۇرۇشلۇق جايلاردا باشلىق تەسىس قىلىپ تامغا بەرگەن. 1376 - يىلى تۈبۈتلەر ئىسيان كۆتۈرگەندە سېرىق ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ قوزغىلاڭ بولغان، شۇ ۋەقەلەردە بۇيان تەمۇر شارا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، بۇيان تەمۈرنىڭ ئوغلى بەنزاشىرى شارانى ئۆلتۈرگەن ۋە ئاتا قىساسىنى ئالىمەن دەپ شارا قەبىلىلىرى ئىچىدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. 1377 - يىلى سېرىق ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىق، يەنى ئىچكى ماجىرالاردىن پايدىلانغان تۈبۈتلەر سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان. بۇ بالايىئاپەتلەر تۈپەيلى سېرىق ئۇيغۇرلار تىرىپىرەن بولۇپ كەتكەن. 1392 - يىلىغا كەلگەندە مىڭ سۇلالىسى لەشكەر ئەۋەتىپ سېرىق ئۇيغۇر رايونىنى ئىستېلا قىلىپ، ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان. 1396 - يىلى گەرچە ئەندىڭ قورۇلى قۇرۇلۇپ بۇيان تەمۈرنىڭ نەۋرىسى باشلىق بولغان بولسىمۇ، تۈرلۈك قالايمىقانچىلىق تۈپەيلى ئۇلار 20 نەچچە يىل كۆچۈپ يۈرۈپ 1406 - يىلىغا كەلگەندە گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ تۇتىشىدىغان رايونغا كېلىپ توختىغان. چاقىلىق دىيارىدا موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلاشقان ۋاقتى ئەنە شۇ شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى بىلەن تاماملانغان بولسا كېرەك. 1368 - يىلى يۈەن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلۇپ مىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان بولسىمۇ، موڭغۇللارنىڭ، جۈملىدىن چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزۇن داۋام قىلغان ھەمدە ئۇلار مۇشۇ ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن. 14 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ياكى 15 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدىكى شەھەر - بازارلار ئارقا - ئارقىدىن ۋەيران بولغان. مىلادىيە 10-ئەسىرلەردە قۇتۇم )مىرەن كونا شەھىرى>، قاغانبالىق )چاقىلىق بازىرى> ۋەيران بولغان بولسا، 14 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شەھىرى كىتىك ۋە شەھىرى مەردەك ۋەيران بولغان. مۇسۇلمان ئاھالىلەر كۆچۈپ ئاقسۇ ۋە كۇچالارغىچە كەتكەن، مۇسۇلمان بولمىغان ئاھالە شەرققە كۆچۈپ دۇخان )دۇنخۇاڭ>، گەنسۇ ئەتراپلىرىنى يۇرت - ماكان قىلغان، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ ئۆزلىرىنى سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئاتىشىدۇ. لوپ دەپ ئاتالغان بۇ يۇرتنىڭ قايتا گۈللەنگەندە چاقىلىق دەپ ئاتالغانلىقى مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى، مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، گەرچە شەھەرلەر ۋەيران بولسىمۇ، دەريا - ئېقىن، كۆللەرنى مەركەز قىلىپ بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن بىر قىسىم ئاھالە داۋاملىق تۈردە سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارىخنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن، ئۇلار مىلادىيىنىڭ بېشىدىكى يۇرتىنىڭ نامى لوپنى ھازىرغىچە ئۇنتۇماستىن ئۆزلىرىنى يۇرتىنىڭ نامى بىلەن لوپلۇق دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. |