سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، قاتتىق سوغۇق تەسىرىدە پۇت - قول ئۇچلىرى، قۇلاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قان تومۇرلار ئىنچىكە، تەبىئىي ھارارەت تەستىرەك يېتىپ بارىدىغان ئەزالارنىڭ توڭۇپ، توقۇلمىلارنىڭ زەخىمگە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كېسەللەنگەن ئەزا توڭلاپ، ئىششىش، قىچىشىش، توقۇلمىلار قارىداش، بەزىدە سېسىپ چۈشۈپ كېتىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ تەركىبى: قىزىلمۇچ 300 گرام، تەرخەمەك غولى 200 گرام، كاۋا شۆپۈكى 150 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تولۇق تەمىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم ئۈششۈك ئورۇن يۇيۇلىدۇ. 2 - رېتسېپ تەركىبى: قۇرۇتۇپ، سوقۇلغان قىزىلمۇچ 30 گرام، ئاق % 70 لىك ئىسپىرت مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى: قىزىلمۇچنى ئىسپىرتقا بىر ھەپتە چىلاپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 3 ~ 5 قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. 3 - رېتسېپ تەركىبى: قۇرۇتۇلغان لازا، ئارپىبەدىيان، زەنجىۋىل، قوۋزاقدارچىن، كاپۇر تەڭ مىقداردا، ئىسپىرت مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى ئىسپىرتقا چىلاپ، تولۇق تەمى چىققاندىن كېيىن سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا دورىنى يەرلىك ئورۇنغا تېمىتىپ، 3 ~ 5 مىنۇت ئۇۋۇلاپ بېرىلىدۇ. |