كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

بىز - تىبابتمىز - چاچ بالدۇر ئاقىرىش سىزنىڭ ئورنىڭىز:

چاچ بالدۇر ئاقىرىش

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-25 12:09:37 كۆرۈلىشى: 222



  سەۋەبى:
  بۇ كېسەللىك، 50 ياشقا يەتمىگەن كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى تەسىردىن  خىلىتلاردا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، قاننىڭ تۇزلۇق تەرەپكە مايىل بولۇپ قېلىشى ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ يېتىشمەسلىكى ياكى ئىسسىقلىقنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى، ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىشىشى، ھەددىدىن زىيادە چارچاش، روھىي زەربە، غەم - قايغۇ، ھاياجانلىنىش، ئىچىملىك ۋە چېكىملىكلەر بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش  قاتارلىقلار سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
  ئالامىتى:
  چاچ ۋە ساقالنىڭ تېخى ئاقىرىش يېشىغا يەتمەي تۇرۇپلا مەزگىلسىز ئاقىرىپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
   1 - رېتسېپ
  تەركىبى:
   ياڭاق مېغىزى 250 گرام، قارا كۈنجۈت 250 گرام، قارا شېكەر 500 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  قارا شېكەرنى سۇدا قاينىتىپ، ياڭاق مېغىزى ۋە قارا كۈنجۈتنى قورۇپ، چۈچۈتۈلگەن قىچا مېيىنى تۆكۈلگەن تۈنكە لېگەنگە تۆكۈپ، يېيىتىپ قۇرۇتۇپ، ئاندىن ماشدەك پارچىلاپ تەييارلىنىدۇ.
  ئىشلىتىش مىقدارى:
  كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   2 -  رېتسېپ
  تەركىبى:
   ھېلىلە، بەلىلە، ئامىلە، نېلۇپەر يىلتىزى تەڭ مىقداردا، شېكەر قومۇش مۇۋاپىق مىقداردا.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  شېكەر قومۇشتىن دورىلارنى ئايرىم - ئايرىم سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، شېكەر قومۇشنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، سۈيىگە دورىلارنى سېلىپ، تۆمۈر قاچىغا قاچىلاپ 40 كۈن يەرگە كۆمۈپ تەييارلىنىدۇ.
  ئىشلىتىش مىقدارى:
  كۈنىگە بىر قېتىم چاچقا سۈرتۈلىدۇ.
   3 - رېتسېپ
  تەركىبى:
   لىمون سۈيى، ئاق قىچا يېغى، كۈنجۈت يېغى، ئامىلە يېغى، زەيتۇن يېغى، سىيادان يېغى تەڭ مىقداردا.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
  ئىشلىتىش مىقدارى:
  كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا سىرتتىن چېپىلىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316