سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، چاچ يىلتىزىنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى تەسىرگە ئۇچراش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كۆپىنچە بىر كېچىدىلا مەلۇم ئورۇننىڭ چېچى تەڭگىسىمان تۆكۈلۈش، چاچ چۈشكەن ئورۇن يۇمشاق، پارقىراق، سىلىق بولۇشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ تەركىبى: چىلان يەتتە دانە، گۈلى بىنەپشە، نېلۇپەر، شاھتەررە بەش گرامدىن، چالا سوقۇلغان كاسىنە يەتتە گرام، كاسىنە يىلتىزى، سېرىق ھېلىلە، رەيھانگۈل، قىزىلگۈل سەككىز گرامدىن، سۇ بىر لىتىر. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا بىرلەشتۈرۈپ سۇغا سېلىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قايناتقاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئىچىلىدۇ. 2 - رېتسېپ تەركىبى: ئاچچىق لازا، قىزىلۋاش سامساق 100 گرامدىن، شاپتۇل مېغىزى يېغىدىن 300 گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: لازا بىلەن سامساقنى ئايرىم - ئايرىم سوقۇپ، شاپتۇل مېغىزىنىڭ يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ بىر سوتكا تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ماتا بىلەن سىقىپ يېغىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم يەرلىك ئورۇن سىرتتىق ياغلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ تەركىبى: كۇندۇش، شاترەنج ھىندى بىر گرامدىن، كىرپە يېغى بەش گرام، قاغا مېڭىسىدىن ئىككى گرام، زەيتۇن يېغى 50 گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: كۇندۇش بىلەن شاترەنج ھىندىنى يۇمشاق سوقۇپ، كىرپە ۋە زەيتۇن يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە قاغا مېڭىسى بىلەن سوقۇلغان دورىلارنى سېلىپ، بىر سوتكا تۇرغۇزغاندىن كېيىن ماتا بىلەن سىقىپ يېغى سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: 2 ~ 3 كۈندە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇن سىرتتىن ياغلىنىدۇ. |