سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ھەرخىل روھىي ئامىللار ۋە سوزۇلما كېسەللىك، كەم قۇۋۋەتلىك، بەدەننىڭ تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، نەملىكنىڭ ئېشىپ كېتىش ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: يامغۇر ياغقاندەك تەرلەپ، ئىچ كىيىمى نەملىشىپ، تېرە سۈركىلىپ قىزىرىپ كېتىش، ھەتتا بەزىدە جاراھەت ھاسىل بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ تەركىبى: قىزىلگۈل 15 گرام، قەلەمپۇر 20 گرام، سۇمبۇل بىر چىمدىم ئۈچ گرام، لاچىندانە 15 گرام، قوۋزاقدارچىن ئۈچ گرام، ئامىلە ئون دانە، جۇزبۇۋا ئىككى دانە، قاقىلە 17 گرام، خولىنجان ئۈچ گرام، قەنت بىر بولاق، ھەسەل ئىككى لىتىر. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل ۋە قەنتنىڭ قىيامىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ تەركىبى: زەمچە، مۇرمەككى، قىزىلگۈل تەڭ مىقداردا. سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا نەمدەپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم تەرلىگەن ئورۇنغا چېپىلىدۇ. 3 - رېتسېپ تەركىبى: ئاق سەندەل، زەمچە، دارچىن، سازەج، سۇمبۇل، مۇرمەككى، قىزىلگۈل تۆت گرامدىن، كاپۇر، مەدەستان ئىككى گرامدىن. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى گۈل بىلەن خېمىر تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم كۆپ تەرلىگەن ئورۇنغا سىرتتىن چېپىلىدۇ. |