كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

بىز - تىبابتمىز - تېرە مۈڭگۈزلىشىش سىزنىڭ ئورنىڭىز:

تېرە مۈڭگۈزلىشىش

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-25 12:08:05 كۆرۈلىشى: 15



  سەۋەبى:
  بۇ كېسەللىك، ئىرسىيەت ئامىلى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك،  غەيرىي تەبىئىي سەۋدا ۋە سەپرانىڭ قانغا تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
  ئالامىتى:
  تېرە قۇرغاقلىشىش، قۇرۇپ قىچىشىش، خۇددى چېتى ئاجرالغان بېلىق تەڭگىچىلىرىگە ئوخشاش قاسىراقسىمان كېپەكلىشىش، بۇ خىل ئەھۋال قىش پەسلىدە ئېغىرلىشىش، ئاخىرىدا مۈڭگۈز ماددىلىق تەڭگىچىلەر پەيدا بولۇپ، تېرە كەسلەنچۈك تېرىسىدەك بولۇپ قېلىش ۋە قېلىنلىشىپ قېلىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
   1 - رېتسېپ
  تەركىبى:
   قارا ھېلىلە، سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، بەلىلە پوستى، ئامىلە پوستى 15 گرامدىن، شاھتەررە، گۈلى بىنەپشە 20 گرامدىن، سانا 12 گرام، نېلۇپەر، ئارپىبەدىيان ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، بىستىپايەج، ئۈستقۇددۇس ھىندى، پىننە ئالتە گرامدىن، سوقا چىلان 20 گرام، كۆك كاسىنە يوپۇرمىقى 60 گرام، تەرەنجىبىن 90 گرام، پۇنۇس، تەمرى ھىندى 45 گرامدىن، ئەينۇلا 30 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  دورىلارنى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، ئەتىسى قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ.
  ئىشلىتىش مىقدارى:
  كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تەييارلانغان دورىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   2 -  رېتسېپ
  تەركىبى:
   سېرىق ھېلىلە پوستى 30 گرام، تەمرى ھىندى 60 گرام، ئەينۇلا 30 گرام، سەرپىستان، بىنەپشە، سېرىق ئوت ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى 15 گرامدىن، پۇنۇس 75 گرام، تەرەنجىبىن 60 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  دورىلارنى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ، ئەتىسى قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ.
  ئىشلىتىش مىقدارى:
  كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   3 - رېتسېپ
  تەركىبى:
   تازىلانغان گۈڭگۈرت، چۆپچىنى، نۆشۈدۈر، ئاقىرقەرھا تۆت گرامدىن، سەمغى ئەرەبى ئىككى گرام، شېكەر 10 گرام.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىمون سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا ھەب تەييارلىنىدۇ.
  ئىشلىتىش مىقدارى:
  كۈنىگە بىر قېتىم 4 ~ 8 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316