كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

بىز - تىبابتمىز - كۆپ شەكىللىك قىزىل داغ سىزنىڭ ئورنىڭىز:

كۆپ شەكىللىك قىزىل داغ

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-25 12:07:03 كۆرۈلىشى: 8



  سەۋەبى:
  بۇ كېسەللىك، سەپراغا ئارىلاشقان قويۇق بەلغەم خىلىتى ياكى ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تېرە ئاستى بەزلىرى ۋە قان تومۇرلارغا تەسىر قىلىپ چۆكمىگە چۈشۈشى ھەم غىدىقلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
  ئالامىتى:
  چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قىزىل داغلار تېرىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىش، قاتتىق قىچىشىش ۋە ئېچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
   1 - رېتسېپ
  تەركىبى:
   سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە 15 گرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 21 گرام، سوقمۇنىيا سەككىز گرام، شاھتەررە 100 گرام، قىزىلگۈل سەككىز گرام، سانا ئالتە گرام.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى شاھتەررە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
  ئىشلىتىش مىقدارى:
  كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 7 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   2 -  رېتسېپ
  تەركىبى:
   ئۇد ھىندى، دارچىن، بەسباسە، سۇمبۇل، ئاسارۇن، قەلەمپۇر، سۆرۈنجان مىسىرى، خولىنجان، سۆئدى كۇپى، پىلپىل، زەپەر، كۇندۇر، زەنجىۋىل، سەۋزە ئۇرۇقى، بوزىدان، جويۇز، شاقاقۇل، جۇۋىنە، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە، سېرىق ھېلىلە پوستى، ئامىلە، بەدىيان 10 گرامدىن، چۆپچىنى 30 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
  ئىشلىتىش مىقدارى:
  كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   3 - رېتسېپ
  تەركىبى:
   كاسىنە بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  كاسىنىنى تازىلاپ، پار قازىنىغا سېلىپ قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ ئەرەق تەييارلىنىدۇ.
  ئىشلىتىش مىقدارى:
  كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 50 گرامدىن ئىچىلىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316