كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

بىز - تىبابتمىز - نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى سىزنىڭ ئورنىڭىز:

نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-25 12:05:38 كۆرۈلىشى: 16



  سەۋەبى:
  بۇ كېسەللىك، نېرۋىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى غىدىقلىنىشى ۋە روھىي ھالەتنىڭ ھەددىدىن زىيادە قوزغىلىشى  سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
  ئالامىتى:
  ئاساسىي بەلگىسى قىچىشىشتىن ئىبارەت. كۆپىنچە قۇلاق ئارقىسى، بويۇن ئارقىسى قاتارلىق جايلاردا دائىرىسى ئېنىق، چەكلىك دائىرىلىك ياپىلاق سەپكۈ كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇش، تىز ئاستى، چوڭ پاچاق ئىچكى قىسمى قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپلىگەن ياپىلاق ۋە قېلىن، شۇنداقلا پاراللېل ئورۇنلاشقان تېرە سەپكۈسى كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇش، قاشلىغاندا تېرىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان قېلىن سەپكۈ پەيدا بولۇش، قاتتىق قىچىشىپ ئۇخلىيالماسلىق، كېسەللىك ۋاقتى ئۇزاققا سوزۇلۇپ، ئاسان قايتىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
   1 - رېتسېپ
  تەركىبى:
   چىلان، شاھتەررە، نېلۇپەر، گۈلى بىنەپشە 18 گرامدىن، قىزىلگۈل 15 گرام، گاۋزىبان، پىرسىياۋشان، بادرەنجى بۇيا، ئۈستقۇددۇس ئالتە گرامدىن، سۇ ئىككى كىلوگرام.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  دورىلارنى سۇغا ئالتە سائەت چىلاپ، ئاندىن سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە سۇس ئوتتا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
  ئىشلىتىش مىقدارى:
  كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   2 -  رېتسېپ
  تەركىبى:
   پىلە مايىقى، بۇيا 200 گرامدىن، كاۋاۋىچىن، پەنجىئەنگوشت، ئەمەن 40گرامدىن، خەشخاش، شاھتەررە 30 گرامدىن، سۇ ئۈچ كىلوگرام.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  سۇغا دورىلارنى سېلىپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
  ئىشلىتىش مىقدارى:
  2 ~ 3 كۈندە بىر قېتىم بەدەن يۇيۇلىدۇ.
   3 - رېتسېپ
  تەركىبى:
   ئەمەن 30 گرام، مامرانچىنى 15 گرام، چىلان غازىڭى، سامساق 10 گرامدىن، ئاق بەزرۇلبەنجى 55 گرام، %75 لىك ئىسپىرت 500 مىللىلىتىر.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  دورىلارنى چالا سوقۇپ، ئىسپىرتقا بىر ھەپتە چىلاپ، سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
  ئىشلىتىش مىقدارى:
  كۈنىگە بىر قېتىم سىرتىدىن سۈركىلىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316