سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يېمەك - ئىچمەك، ھاۋا كىلىماتى، ئىرسىيەت قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار شۇنداقلا قان بۇزۇلۇش ۋە بەلغەمگە غەيرىي تەبىئىي سەۋدانىڭ قوشۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: يۈز، پېشانە، يوتا، يۇقىرىقى دۈمبە قاتارلىق ياغ بەزلىرى كۆپرەك ئورۇنلاردا پەيدا بولۇش بىلەن بىللە، دەسلەپتە تېرىدىن پەرقسىز دۆڭچە ئەسۋە كۆرۈلۈش، سىققاندا سۇس سېرىق ياغ نۆكچىسى چىقىش، كېيىنچە قىزىل مۇدۇرلار چىقىپ، تېرە يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇچى ئاقىرىشى، سىققاندا بەتبۇي پۇراقلىق، يىرىڭلىق ئۇيۇل ماددا چىقىش، سىققان جاي ئويمانلىشىش، بەزىدە يىرىڭلاش، قىچىشىش، ئاغرىش، بەزىلەردە يىرىڭلىق خالتىلىق ئىششىق شەكىللىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ تەركىبى: چىلان 50 دانە، ئىتئۈزۈمى 20 گرام، ئەينۇلا 30 دانە، سەرپىستان 50 دانە، تەمرى ھىندى 30 دانە، كاسىنە ئۇرۇقى 25 گرام، تەرەنجىبىن مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ بىر چىنە. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا تەرەنجىبىننى سېلىپ قوشۇپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ تەركىبى: سۇزاپ، مۇرمەككى، كىبرىت، سۆگەتگۈل تەڭ مىقداردا، سىركە مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. 3 - رېتسېپ تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە 15 گرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 21 گرام، سوقمۇنىيا 5.7 گرام، شاھتەررە 100 گرام، قىزىلگۈل 5.7 گرام، سانا ئالتە گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئەرىقى شاھتەررە بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 8 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ). |