كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

بىز - تىبابتمىز - بەھەق سىزنىڭ ئورنىڭىز:

بەھەق

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-25 12:02:17 كۆرۈلىشى: 18



  سەۋەبى:
  بۇ كېسەللىك، خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي بۇزۇلۇشى ۋە باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
  ئالامىتى:
  تېرە رەڭگى ھەرخىل بولۇش، ئازراق كېپەكلىشىش، تەرلىگەندە يەڭگىل قىچىشىش، ئۇۋۇلىسا كېپەككە ئوخشاش قاسىراقچىلار ئاجرىلىپ چۈشۈش، ئاۋۋال كىچىك دائىرىدە پەيدا بولۇش، كېيىنچە بىر - بىرىگە    تۇتىشىپ چوڭىيىش، لېكىن كېسەللەنگەن ئورۇندىكى تۈكلەر ئاقارماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
   1 - رېتسېپ
  تەركىبى:
   كابۇل ھېلىلىسى پوستى 60 گرام، بەلىلە پوستى، ئامىلە مۇقەششەر، سېرىق ئوت، بەرەڭگى كابىلى 30 گرامدىن، تۇربۇت 45 گرام، ئۈستقۇددۇس، بىستىپايەج 20 گرامدىن، غارىقۇن 15 گرام، كۇندۇر، قۇستە، سۆئدى كۇپى، زەنجىۋىل، زۇپا توققۇز گرامدىن، شاترەنج ھىندى، سازەج ھىندى، مەستىكى رۇمى، رۇمبەدىيان، قەلەمپۇر، ھاشا ئالتە گرامدىن، پىلپىل، قارىمۇچ، نارمىشىك 12 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
  ئىشلىتىش مىقدارى:
  كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
   2 -  رېتسېپ
  تەركىبى:
   سېرىق ئوت، ئۈستقۇددۇس 03 گرامدىن، ھېلىلە پوستى 60 گرام، شاھتەررە، بىستىپايەج، سانا، بادرەنجى بۇيا 15 گرامدىن، غارىقۇن، تۇربۇت ئالتە گرام، سىركە 300 گرام، ئۆچكە سۈتى 400 گرام، شېكەر 201 گرام، تەرەنجىبىن 60 گرام، بادام مېغىزى 30 گرام، سۇ 500 گرام.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  شېكەر، سىركە، سۈت، تەرەنجىبىن باشقا دورىلارنى سۇنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە ئاۋۋال سۈتنى قۇيۇپ، ئازراق قاينىتىپ، ئاندىن سىركە ۋە شېكەر، تەرەنجىبىننى سېلىپ بىرلا ئۆرلىتىپ تەييارلىنىدۇ.
  ئىشلىتىش مىقدارى:
  كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.
   3 - رېتسېپ
  تەركىبى:
   ئاقىرقەرھا، بۆرە سويمىسىنىڭ يىلتىزى، شاترەنج ھىندى يىلتىزى بەش گرامدىن، سىركە مۇۋاپىق مىقداردا.
  تەييارلاش ئۇسۇلى:
  دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
  ئىشلىتىش مىقدارى:
  كۈنىگە بىر قېتىم تېرە سىرتىدىن چېپىلىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316