سەن بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغۇدەكمەن. بۇ ئۆي سېنىڭمۇ، مېنىڭمۇ ياكى باشقىلارنىڭمۇ بىلمەيمەن. ئىكىمىز بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يېدۇق. كېيىن ئۈستەلدە ناتونۇش كىشىلەر پەيدا بولدى. ئۇلارغا تونۇش كىشىلەردەك مۇئامىلە قىلدىم. ئۇلار مۇشۇ ئائىلىنىڭ ئادەملىرىدەك يېقىنچىلىق قىلاتتى. لېكىن ئۇلار ساڭا يېقىچىلىق قىلىۋاتمادۇ، ماڭىمۇ ياكى ئىككىملىمىزگىمۇ بىلەلمىدىم. مەن ئورۇنۇمدىن قوپۇپ كەڭ كارىدوردىن ئۆتۈپ، كىچىك بىر زالغا كىردىم. ئۇ يەردىكى پاكار ئۈستەلدە بىر ئەينەك قاچىدا تاماق تۇراتتى. ئۇ قورۇما ئىدى، لېكىن قانداق قورۇما ئىكەنلىكىنى ئۇقمايمەن. قوشۇق بىلەن ئۇنى ئارىلاشتۇرۇۋاتقىنىمدا، يېنىمغا بىر كىچىك بالا كەلدى. ئۇ ئۇيقۇدىن يېڭى ئويغانغاندەك تۇراتتى. سېنىڭ كىچىك ئوغلۇڭمۇ ياكى باشقا بىرىنىڭ ئورغلىمۇ، بىلەلمىدىم. - ياخشىمۇ سەن؟ - دەپ سورىدىم ئوغۇلدىن. - ياخشى ئەمەس، - دېدى ئۇ. - نېمە ئۈچۈن؟ - سائەت يەتتىدە يېتىپ، يەتتىدە تۇرسام ياخشى بولمايدىكەن. بۇ بالا نېمە دېمەكچىدۇ، دەپ ئويلىدىم. كەچ سائەت يەتتىدە يېتىپ، ئەتىگەن سائەت يەتتىدە ئورنىدىن تۇرۇش، يەنى ئون ئىككى سائەت ئۇخلاش نېمىدېگەن راەت، ئاھ، ماڭىمۇ شۇنداق ئۇيقۇ بولسا .... مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ يا؟ سائەت يەتتىدە يېتىپ، يەتتىدە تۇرۇش دېگىنى ياتا ياتماي ئورنىدىن تۇرۇش، يەنى زادىلا ئۇخلىماسلىق دېگەنلىكمىدۇ - يا؟ ئويغىنىپ كەتتىم. سېنى كۆرگەن چۈشۈم بۇزۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ ياتقان يېرىمدە كۆزلىرىمنى يۇمۇپ ئۆزۈمنى ئۇيقۇغا زولىدىم. ئىككىمىز كەڭ دالىدا تۇرغۇدەكمىز، بىر تۆپلىكتە تۆت بۇرجەك ياغاچ ئۈستەللەر قويۇلغان بىر دالا ئاشخانىسى بارمىش، ئىككىمىز بىر ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردۇق، ئەمما تاماق يېدۇقمۇ، يېمىدۇقمۇ بىلمەيمەن. ھېلىقى ئۈستەللەر رەندىلەنمىگەن تاختايلاردىن ياسالغانىكەن. ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قاراپ كەتتىم. ئۈستەلگە يا قېلىنىراق قەغەز، يا ئاق كىليونكا، يا باشقا داستىخان سېلىنمىغاچقا، تۆكۈلگەن نەرسىلەر قېتىپ قاسماق بولۇپ كەتكەن ۋە ماي دەسمال بىلەن سۈرتۈۋېرىپ، خورما رەڭ سىردەك پارقىراپ كەتكەنىدى، ئەمما كىشىلەرنىڭ قول ۋە جەينەكلىرىگە يۇقمايتتى. ئۈستەلە ئاۋۋال ئىككىيلەن ئىدۇق، كېيىن يەنە بىر نەچچە كىشى كەلدى. ئۇلار كىملەر؟ سېنىڭ يېقىنلىرىڭمۇ، مېنىڭمۇ ياكى ئىككىمىزنىڭ تونۇشلىرىمۇ ۋە ياكى باشقىلارمۇ؟ ئۇلار بىلەن سەن سۆزلەشتىڭ، مەن بولسا ..... سەن يېڭى بىر يۈرۈش چالغۇ ئەسۋابلىرى سېتىۋالغانلىقىڭنى، بۇنىڭدىن بەك خۇشاللىقىڭنى ئېيتتىڭ ۋە مېنىڭمۇ شۇنداق بىر يۈرۈش چالغۇ ئەسۋاب ئېلىشىمنى تەۋسىيە قىلدىڭ. مەن دەرھال ماقۇللۇق بىلدۈردۈم. بۇ يەردە تاپالمىسام ئامېرىكىدىن ئالدۇرىمەن دەپ ئويلايتتىم. ماركىسىنى يېزىۋېلىش ئۈچۈن قەغەز، قەلەم ئالدىم. ھىندىستان مېلىمۇ ياكى ئامېرىكا سېرىق تەنلىكلىرىنىڭمۇ، ئەيتاۋۇر سەن >ھىندىيان< ياكى >ھىندىستان< دېگەندەك ئىككى ئىسىمنى ئېيتتىڭ. ھىندىستان چالغۇ ئەسۋابلىرى سېنىڭ ماختىغىنىڭدەك ياخشىمىدۇ دەپ ئەجگبلىنىپ، قەغەزگە >ھىندىستان< دەپ يازدىم. سېنىڭ ئىككىنچى سۆزۈڭنى زادى چۈشەنمىدىم، بىراق بۇ شۇنداق ئېنىق، ھەممە كىشى بىلىدىغان ۋە بىلىشكە تېگىشلىك سۆز، ئۇنى چۈشەنمەسلىكىم ئەيىب دەپ سەندىن قايتا سورىمىدىم. لېكىن خاتا يېزىپ قويماي دەپ يېزىشتىن ۋاز كېچىپ، راست يازغاندەك قول ئىشارىتى قىلىپ قويدۇم... يەنە ئويغىنىپ كەتتىم. سەن بىلەن يەنە بىللە بولۇش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمدۇم. بۇ قېتىم ئۇيقۇمنىڭ كېلىشىنى تېخىمۇ ئۇزۇن كۈتتۈم. بىز يەنە ھېلىقى كېچە قونغان يېرىمىزدە، ھېلىقى دالىدىكى ئاشخانىدا تۇرغۇدەكمىز. باشقا ئۈستەللەردىكى قىزغىن كۈلكە چاقچاقلار قۇلىقىمغا كىرىپ تۇراتتى. تەخسەمدە بىر يالپاق مايلىق كۆش بار ئىدى، ئۇنى يېدىم، لېكىن نېمىنىڭ گۆشى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، بېلىق، توخۇ ياكى ئوۋلانغان ئۆردەك گۆشى بولۇشى مۇمكىن. ئىچىملىك ئىچتۇقمۇ، ئىچمىدۇقمۇ، ئېسىمدە يوق، بەلكىم، ئىچىمىگەندىمىز، چۈنكى بىز ھاراق ئىچمەيمىز - دە. سەن ۋە ھېلىقى كىشىلەر ئۈستەلدىن تۇردۇڭلار. مەن پۇلنى تۆلىۋېتىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇرۇۋىدىم، كۈتكۈچى ئالدىمغا كەلدى. ئۇ قولىدىكى كىرلىشىپ كەتكەن دەسمال بىلەن ئۈستەلنى دەسماللاپ، ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى يەرگە چۈشۈرەتتى. ئۇ چاغدا كىيمىگىنىمگە يىگىرمە ئۈچ يىل بولغان ياقىسىز بوزرەڭ قىسقا چاپىنىم بار ئىدى. چاپىنىمنىڭ سول يانچۇقىدىن قارا ھەميېنىمنى ئالدىم. بۇ چاغدا ئوڭ جەينىكىم ئۈستەلگە قويۇقلۇق بولغاچقا، كۈتكۈچى، ئۈستەلنى دەسماللىمىساممۇ بولامدۇ، دەپ قوپال چاقچاق قىلىپ مېنى ئەسكەرتتى. جەينىكىمنى ئۈستەلدىن كۆتۈرۈپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. سەن ۋە يېنىمدىكىلەر بارغانسېرى يىراقلاشتىڭلار. سېنىڭ ھەر ۋاقىتتىكىدەك جاراڭلىق كۈلكەڭنى ئاڭلىدىم. بىراق ئاۋازىڭ بارغانسېرى يىراقلىشاتتى. ھەميېنىمدىن پۇل ئېلىپ ساناۋاتىمەن، لېكىن قانچە پۇل تۆلەيدىغىنىمنى بىلمەيمەن. كۈتكۈچى ھېسابات قىلمىدى، ئۇياق - بۇياققا قارىدىم. ئەتراپتا كۈتكۈچى كۆرۈنمەيتتى. پۇلنى تۆلىۋېتىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەي دېسەم، سەن تېخىمۇ يىراقلاپ كېتىسەن، يتىشەلمىسەم سەندىن ئايرىلىپ قالغۇدەكمەن. ھېلىقى دالا ئاشخانىسى بىز پات پات كېلىپ تۇرىدىغان يەردەك بىلىنەتتى. گەرچە بىز بۇ يەرگە بىرىنچى قېتىم كەلگەن بولساقمۇ، كۈتكۈچىلەر، ئاشخانا خوجايىنى ۋە باشقىلار سېنىمۇ، مېنىمۇ تونۇيدىغاندەك قىلاتتى. پۇلنى كېيىن تۆلىۋەتسەممۇ بولار دەپ ئويلىدىم - دە، ھەميېنىمنى چاپىنىمنىڭ سول يانچۇقىغا سېلىپ، كەينىڭلاردىن شاپاشلاپ ماڭدىم. ماڭا - ماڭا، دالا بارغانسېرى تىكەشكىلى تۇردى. مەن توختىسام ئۇ تىكلىشىشتىن توختايتتى، مېڭىشقا باشلىساملا يەنە تىكلىشەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەر يول ئىزىمۇ چۈشمىگەن بو دالا ئىدى، ئەتراپ ئوتتەك قىزغۇچ لاۋۇلدايتتى. ئۇ يەردە بۇ يەردە قۇرۇپ بوزارغان پاكار ئوت - چۆپلەر كۆرۈنەتتى. ئاۋازىڭلارنىڭ پەسىيىپ كېتىۋاتقىنىدىن سىلەرنىڭ بارغانچە يىراقلىشىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلدىم. لېكىن جاراڭلىق كۈلكەڭنى خېلى ۋاقىتقىچە ئاڭلاپ تۇردۇم. ھەر بىر قەدەم باسقىنىمدا ئايىغىم تېگىدە تاش - شېغىللار شاراقلايتتى. ساڭا يېتىشىۋېلىشقا تىرىشقانسېرى داۋان تېخىمۇ تىكلىشەتتى. سىلەر بۇ تىك داۋاندىن قانداق مېڭىپ ئۆتتۈڭلاركىن تاڭ؟ دېمەك، مەن چارچاپ قالدىممۇ ياكى خېلىلا ياشىنىپ قالدىممۇ، ھېچ بىلەلمىدىم. نېمە ئۈچۈن مېنى كېچىكتىغۇ، نەدە قالغاندۇ، دەپ كەينىڭلارغا بۇرۇلۇپ قارىمايسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن مېنى كۈتمەيسىلەر؟ بارغانسېرى تىكلىشىۋاتقان ھېلىقى داۋاندىن تىرمىشىپ چىقىۋاتقىنىمدا مانا شۇنداق ئويلايتتى. ھېلىمۇ ياخشى، كەينىڭلارغا بۇرۇلۇپ قارىمىدىڭلار، قارىساڭلار مېنىڭ ھېلىقى داۋاندىن چىقالمايۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ قالاتتىڭلار. مەن يامىشىپ چىقىۋاتقان داۋاننىڭ ئوڭىمۇ، سولىمۇ ئويمان - دۆڭ، تىك قىيالىق ئىدى. ھەي .... يېتىشەلمىدىم، ئىشنىڭ چاتىقى ئەمدى چىقتى. پۇتۇمدىكى ئاياغ ياغاچ كەش بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بىلەن ھېلىقى تاشلىق تىك داۋاندىن چىقىشىم تېخىمۇ قىيىنلىشاتتى. بۇ داۋاننىڭ يانتۇلۇقى قانچە گرادۇس كېلىدىغاندۇ؟ دەسلەپتە يىگىرمە - ئوتتۇز گرادۇس بولسا كېرەك، كېيىن بارغانچە تىكلىشىپ قىرىق - قىرىق بەش گرادۇسقا يەتتى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ تىكلىشىپ كەتتى. پۇتۇم سەللا تېيىلىپ كەتكەنىدى، دومىلاپ چۈشكەن تاشلارغا قوشۇلۇپ مەنمۇ دومىلاپ كەتتىم. يەنە ئويغىنىپ كەتتىم، تەرگە چۆمۈپ كېتىپتىمەن، قانداقلا بولسۇن، ساڭا يېتىشىۋېلىشىم كېرەك ئىدى. بۇ چاغدا سەن بىلەن بىللە بولغان ھېلىقى ئۆينى، مەن قوشۇق بىلەنئارىلاشتۇرغان ھېلىقى ئەينەك قاچىدىكى تاماقنى، ھېلىقى ئوغۇل بالىنى، كېيىن ھېلىقى دالىدىكى ئاشخانىدا بولغىنىمىزنى، سەن ماڭا تەۋسىيە قىلغان چالغۇ ئەسۋابنىڭ ماركىسىنى ئەسلەپ ئويغا پاتتىم.... مانا، يەنە ھېلىقى تىك تۆپىلىكتىمەن. پۇتۇمدا ياغاچ كەش. بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقان ئاۋازىڭنى ۋە قاقاقلاپ كۈلۈشلىرىڭنى يەنە ئاڭلاۋاتىمەن... لەۋلىرىڭنىڭ ئارىسىدىن چىققان ھەر بىر قاقاقلاش رەڭگارەڭ ھاۋا شارى.... قاتتىق قاقاقلاشلىرىڭ قىپقىزىل شارلارغا، يېنىڭ كۈلۈشلىرىڭ ھاۋارەڭ شارلارغا، كۈلۈمسىرەشلىرىڭ سېرىق شارلارغا يەنى چوڭ - كىچىك ھەر خىل ئاۋازدا يېشىل، كۆك، كۈل رەڭ ئاق ھال رەڭ شارلارغا ئايلىناتتى. شامال كەينىڭ تەرەپتىن چىقىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ھېلىقى چوڭ - كىچىك رەڭگارەڭ شارلار ئوڭ يېنىمدا، سول يېنىمدا، ئۈستۈمدە لەيلىشىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلەتتى. كېيىن ئاسماندا پارتلىغاندا ھەر بىر شاردىن قاقاقلاپ كۈلۈشلىرىڭ، كۈلۈمسىرەشلىرىڭ جاراڭلىق ئەكس سادا بىلەن ياڭرايتتى. شارلارمۇ مەندىن يىراقلاشقانسېرى كىچىكلەيتتى. كېيىن كۆز ئالدىمدا خۇددى بالىلىق چاغلىرىمدا مېنى ئېلىپ بارىدىغان كونا مۇنچىلاردا ئالىقىنىمنى يۇمۇپ تۆشۈكىدىن پۈۋلەپ چىقىرىدىغان سوپۇن ماغزىپىنىڭ كۆپۈكچىلىرىدەك شارچىلار پەيدا بولدى. ھەر بىر سۈزۈك شاردا ھەر خىل رەڭلەر جۇلالىناتتى. تۆپىلىك تىكلەشكەنسېرى شارىلداپ چۈشۈۋاتقان شېغىللارغا تېيىلپ پەسكە سىيرىلاتتىم. بىردىن ئوڭ تەرىپىدە سوزۇلۇپ ياتقان ئويمانلىققا قاراپ ناھايىتى تېز سىيرىلىپ كەتتىم. بۇ ئويمانلىقتىن جەزمەن سىلەرگە يېتىشىۋالالىغۇدەكمەن، سىلەر يۇقىرىدا كېتىۋەرسەڭلارمۇ مەن بۇ يولدىن ئالدىڭلارغا چىقالىغۇدەكمەن. ساڭا يېتىشكەندە سىلەرگە قانداق يېتىشىۋالغانلىقىمنى ئېيتايمەن دەپ ئويلىدىم، راستىنى ئېيتسام، ھېلىقى تىك تۆپلىككە يامىشىپ چىقالمىغىنىمنى بىلىۋالىسەن. سول تەرىپىمدىكى دۆڭدە ئۈچتىن، تۆتتىن بولۇپ يرگەنلەرنى كۆردۈم. بۇلار بايا ھېلىقى دالا ئشاخانىسىدىن چىققان كىشىلەر بولۇپ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدىڭ. بىراق، سېنى كۆرەلمىدىم، يېقىنلاشقان ئاۋازىڭنى ۋە كۈلۈشلىرىڭنى ئاڭلىدىم، لېكىن ئەمدى قاقاقلاشلىرىڭ، رەڭگارەڭ شارلار ۋە سوپۇن كۆپۈكلىنىڭ شارچىلىرى يوق ئىدى. مېنى ئىزدىمىدىڭ. بەلكىم كەينىمدىن كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايدىغانسەن. بىر قىزىق ئىش بولدى، پۇتلىرىمدىكى >ياغاچ كەش< ھېلىقى تاشلىق تىك قىيالىقتا خۇددى قار ئۈستىدىكى چاڭغىدەك تېيىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۆۋەنگىلا ئەمەس ھەتتا تۆۋەنگە تېيىلغاندىكى تېزلىكىم بىلەن يۇقىرىغىمۇ تېيىلىپ چىقىدىغان بولدىم. شۇنداق قىلىپ، ھېلىقى ئويمان - دۆڭ يەرلەردىن بىر چىقىپ، بىر چۈشۈپ ئاخىرىدا ھېلىقى دۆڭدە كېتىۋاتقانلاردىن ئۆتۈپ كەتتىم، سەنمۇ كەينىمدە قالدىڭ. سېنى يەنە كۆرەلمىدىم، لېكىن خۇشال ئاۋازىڭ ۋە كۈلۈشلىرىڭدىن مەندىن ئارقىدا ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم. بىر ئازدىن كېيىن يېتىشىپ كېلىسەن. بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنى ۋە ساڭا يېىشىۋېلىش ئۈچۈن ېنمە كۈنلەرنى كۆرگىنىمنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. گويا باشتىن ئاخىر بىللە كېتىۋاتقاندەك مۇئامىلە قىلىمەن. بىللە پاراڭلىشىپ، بىللە كۈلۈشىمىز. كەينىمدىن كەلگەنلەر ئارىسىدىن سېنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر دۆڭگە ىقىپ ئۇياق بۇ ياققا قاراپ سېنى ئىزدىدىم.... يەنە ئويغىنىپ كەتتىم. ۋاقىتىسىز ئويغىنىپ كەتكىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈم غەش بولدى. كۆزلىرىمنى يۇمۇۋېلىپ يەنە ئۇخلىماقچى بولدۇم، بىراق ئەپلەشمىدى، ئۇيقۇم قاچقانىدى. چىراغنى ياقتىم. يورۇقتىن كۆزۈم قامىشىپ كەتتى. كۆزۈم يورۇققا كۆنگەندە سائەتكە قارىسام ئۈچتىن ئون توققۇز مىنۇت ئۆتۈپتۇ، ياتقىنىمغا ئىككى سائەت بوپتۇ. ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بىر كېچىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئورۇنغا كىرىپ ياتقانىدىم. بۇ كىچىنىڭ خۇشاللىقىنى بىر يار يەنى سەن بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم. بۇناق چوڭ خۇشاللىقلارنى سەندەك يار بىلەن ئورتاقلىشىش ئىككى جىنسنىڭ ئورتاقلىشىشىدىنمۇ ھاياجانلىنارلىق ئىش دەپ بىلەتتىم. پۈتۈن خۇشاللىقلىرىمغا ئورتاق بولىدىغان ھېچكىمىم بولمىغانلىقتىن، ھەمىشە مۇشۇنداق يالغۇزمەن. بەلكىم ئاشۇ زېرىكمەس، تەرسە مىجەزىم، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەتتا ئۆزۈمنىمۇ ھەيران قالدۇرغان سەۋر - تاقىتىم مۇشۇ يالغۇزلۇقۇمدىن كەلسە كېرەك. قايتا ئۇخلاشقا ىېلى ئۇرۇنۇپ كۆردۈم. ئاخىر ئۇخلاشتىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ بۇ ھېكايىنى يازدىم. دېرىزە پەردىسىنى ئاچسام، سىرتتا ھەممە يەرنى قار قاپلاپتۇ. سەھەرنىڭ بىلىنەر بىلىنمەس يورۇغان ئاسمىنى لەپىلدەپ يېقىۋاتقان قار بىلەن پۈركىلىپتۇ. شۇ ئەسناندا بىر نەچچە قاغا ئۆزلىرى قونغان دەرەخ شاخلىرىدىكى قارلارنى سىلكىپ چۈشۈرۈپ لەپپىدە ئۇچۇشتى. دېرىزىنى ئېچىۋىدىم، يالىڭاچ بەدىنىمگە سوغۇق ھاۋا ئۇرۇلدى. بىر ئازدىن كېيىن ئەتراپ خېلىلا يورۇيدۇ. بۇ ھېكايىنى بىر كونۋېرتقا سېلىپ پوچتىدىن ساڭا يوللايمەن. سەن بۇ ھېكايەمنى ئوقۇغىنىڭدا، سۆيگۈ ۋىسالىنىڭ، يەنە كېلپ ئۇزاق تەشنا بولغان سۆيگۈگە ئېرىشىشنىڭ نەقەدەر پەختىيارلىقىنى كۆرىسەن. يالغۇز بەختىيارلىقىنىلا ئەمەس، غۇرۇىنىمۇ كۆرىسەن ... غۇرۇرۇڭ ئىچىڭگە سىغمىغاندا، قانداق قىلىشىڭنى بىلەلمىگەن بىر ئىشنى قىلغۇڭ كېلىدۇ. بەلكىم ھۇجراڭدا ئۇياقتىن بۇياققا ماڭارسەن. جەزمەن تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرىسەن ۋە بەلكىم ئۇ چاغدا يېنىڭدا بولغانلار بىلەن كۈلۈشۈپ، بىمەنە چاقچاقلارنى قىلىشىسەن. نېمە قىلساڭ قىلغىنكى، خۇشلۇقىڭ ئىچىڭگە سىغماي قالىدۇ. كېيىنچۇ؟ ساڭا يېزىلغان بۇ ھېكايىنى باشقىالار ئوقۇۋېلىپ، چۈشۈمدىكى يارنىڭ سەن ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ قالمىسۇن دەپ ئۇنى يىرتىۋېتىپ پارچە - پارچە قىلىپ، كېرەكسىز قەغەز سېۋىتىگە ياكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايسەن. مېنىڭ قانچىلىك پىخسىقلىقىمنى سەنمۇ بىلىسەن، ئەلۋەتتە. لېكىن پىخسىق دەپ ئاتىلىشتىن تۈگىمەن لەززەت ئالىدىغانلىقىمنى بىلمەيسەن. ھەقىقەەن تەڭدىشى يوق بىر پىخسىقمەنكى، ھارپاگون ئەپەندىمۇ مېنىڭ يېنىمدا ئىنتايىن مەرد ھېسابلىنىدۇ. قايسى خىلدىكى پىخسىق ئىكەنلىكىمنى سەنمۇ بىلمەيسەن، باشقىلارمۇ چۈشەنمەيدۇ، ئۇلارنىڭ چۈشىنىشىنىمۇ ئۈمىد قىلمەيمەن. ئۆزۈم بىلىمەن، بولدى بەس.... ھەسرەتلىرىمنىڭ، مەھرۇملۇقلىرىمنىڭ، سەتچىلىكلىرىمنىڭ، خىجالەتچىلىكلىرىمنىڭ، خاتالىقلىرىمنىڭ، پۇشايمانلىرىمنىڭ، بەختسىزلىكلىرىمنىڭ، كېسەللىكلىرىمنىڭ، دەردلىرىمنىڭ، ئاچلىقلىرىمنىڭ، كۆز ياشلىرىمنىڭ، قارا كۈنلىرىمنىڭ، خاپلىلىقلىرىمنىڭ، يالغۇزلۇقلىرىمنىڭ، بىچارىلىقلىرىمىڭ پىخسىقىمەن. بۇلارنى پەقەت ئۆزۈمگىلا قالدۇرىمەن، باشقىلارغا بېرىش ۋە باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالىمايمەن. ھەۋەسلىرىمنى، ئىشتىياقلىرىمنى، مەجۇدىيەتلىرىمنى، گۈەللىكلىرىمنى، توغرىلىرىمنى، ئىشەنچىلىرىمنى، كەيپلىرىمنى، بەختىيالرىقلىرىمنى، سالامەتلىكلىرىمنى، كۈلۈشلىرىمنى مەندە قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىكىنى ئۆزلىرىدە بولمىغانلارغا ئۆتۈنۈشنى خالايمەن. باشقىلاrغا ئۆتۈنمىگۈچە ئۇلارنىڭ ماڭا تەئەللۇق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەيمەن. دۇنايدا تەڭداشسىز ۋە جۈپتى يوق پىخسىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن چۈشلىرىمنىڭمۇ زايە كېتىشىنى ياكى ئۆzۈمدە قېلىشىنى خالىمايمەن. ياخشى چۈشلىرىمدىن بىرىنىڭ كەيپىنى، مەن ئۆرۈپ بەرگەن بۇ چۈشەمدە سەن ئالىدىغان ھۇزۇرنى، ھېس قىلىدىغان بەخت ۋە غۇرۇرنى باشقىلار بىلەنمۇ ئورتاقلىشىشنى خالىغانلىقىم ئۈچۈن مانا بۇ ھېكايەمنى سەن يىرتىپ سېۋەتكە ياكى ئەخلەتكە تاشلاشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلدىم. ياق، ئۇنى ساڭا ئەۋەتمەيمەن. فرېئود ھايات بولسا ئىدى، لوندوندىكى ھەممە تەرىپى كېچىك ھەيكەللەر بىلەن تولغان ئۆيىگە بېرىپ، كارىۋىتىغا پۇتلىرىمنى ئۇزىتىپ يېتىپ بۇ چۈشۈمنى ئۆرۈپ بەرگەن بولسام، ئۇنىڭ چۈشىنىپ ماڭا مۇنداق دەيدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمەن: >مۇھەببەت ئېرىشكەن چېغىڭدا بۇزۇلىدىغان بىر سېھىردۇر. شۇ ۋەجىدىن سەن ئۆمۈر بويىچە ئېرىشمەن تۇرۇپ سۆيۈش پېشانەڭگە يېزىلغان ۋە شۇنىڭغا مەھكۈم بولغان قارغىش تەگكۈرلەردىن بىرىسەن! شۇنى ھەقىقىي ھايات دەپ بىلىپ، ھەمىشە بۇ چۈشنى كۆرىسەن ...< مەن ماڭ تېگىل بولغان ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ۋە بەختلىك ئاشۇ كېچەمنىڭ سەھىرىدىكى ئاشۇ دائىملىق يالغۇزلۇقۇمنىڭ كۈچى بىلەن سېنى قۇچاقلايمەن ۋە سۆيممەن. |