كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

دانىشمەن بېغى - ھېكايىلەر - ئاجرىشىش سىزنىڭ ئورنىڭىز:

ئاجرىشىش

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-24 13:48:09 كۆرۈلىشى: 30



 «بۇ قانۇن ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يەنە بىرخىل ۋاسىتىسى»
  - ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، ئۇلار ئېلىشىپ قاپتۇ.
  - نېمە بوپتۇ؟
  - بۇنىڭغا قاراڭ.
  - ئۇلارنىڭ دېگىنىچە بولغاندا بىز جەزمەن ئاجرىشىشىمىز كېرەككەن - دە؟
  - ھەئە، شۇنداقكەن .... توي قىلغانلارنىڭ ھەممىسى بەش يىلدىن كېيىن ئاجرىشىشى كېرەككەن. ناۋادا، ئىككىلا تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ يەنە بەش يىل بىللە ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، ئۇ باشقا گەپ.
  - بۇنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟
  - ئادۋوكاتىڭىز ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭدا دېيىلىشىچە، بارلىق ئەر - خوتۇنلار جەزمەن سوتتا ئۆز ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىشى كېرەككەن. بىزمۇ ئادۋوكات چاقىرمىساق بولمىغۇدەك.
  - قۇرۇق گەپ! ئەگەر، بىز ئاجرىشىشنى خالىمىساق نېمە قىلالايدۇ؟ بىز بارمىساق ئۇلار نەدىن بىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ كۈرمىڭلىغان ئائىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
  - ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشى ھاجەتسىز. باش شىتابنىڭ ھېسابلاش ماشىنىسى بۇ ئىشنى ئورۇندىيالايدۇ.
  - قانداق ئورۇندايدۇ؟
  - مەن بۇنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلىنى بىلىمەن.
  - قانداق ئۇسۇلىنى؟
  - ئالايلۇق، بىزنىڭ بانكا ھېسابات نومۇرىمىز ئارقىلىق قاچان توي قىلغانلىقىمىزنى، تويدىن كېيىن ھېچبىر كۆڭۈلسىزلىك بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. بۇ ناھايىتى ئاسان.
  - ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ! ئۇلار تېخى بىزنىڭ ئىستراخۇۋانىيىگە ئەزا ياكى ئەمەسلىكىمىزنى، ئۆي، مال - مۈلۈكلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن.
  - توك، سۇ پۇللىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنىمۇ تەكشۈرىدۇ....
  ئەمما، ئۇلار بىزنىڭ داۋاملىق بىرگە تۇرمۇش كەچۈرىشىمىزنى قانداق توسۇيالايدۇ؟
  - بۇنى ئۇلار ئويلاپ بولدى. بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرىكى ئەخلەت قانۇنى ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇلار ئەخلەت تۆككەنلەردىن باج ئېلىۋىدى، ھېچكىم ئەخلەت تۆكمەس بولدى. ھەممە ئائىلە ھېلىقى كىچىك ئەسۋابنى سېتىۋالدى. ئۇ ئەسۋاب ئېسىڭىزدىمۇ؟ نەتىجىسى قانداق بولدى؟ ئۇلار ئۇ ئەسۋابلارنى قانۇنغا خىلاپ، دەپ ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەسۋابنى سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى جەرىمانە تۆلىدى. ئاخىر قانداق بولدى؟ كىشىلەرنىڭ تاپشۇرغان پۇلى ئۇلارنىڭ دەسلەپتە ئەخلەت بېجىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. مەن دەيمەنكى، بىز ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلغان بولساق ئەرزانراق توختايتتى، ئاۋارىچىلىكمۇ ئازراق بولاتتى. بۇنى بىلىسىزغۇ!
  - بۇ قىپقىزىل ساراڭلىققۇ! ئۇلار نېمىشقا بىزنى ئاجراشتۇرۇۋەتكۈدەك؟
  - ئىشقىلىپ، ئۇلار بىزنى ئاجراشتۇرۇۋەتمەكچى.
  - ئەمما، بۇ قانۇنغا خىلاپ! مېنىڭ سىزدىن ئاجراشقۇم يوق. سىز ئاجراشماقچىمۇ - يا؟ بىز دېموكراتىك دۆلەتتە ياشاۋاتمايمىزمۇ؟ بۇ يەردىكى كۆپىنچە كىشىلەر توي قىلغان، يەنە كېلىپ داۋاملىق بىللە ئۆتكۈسى بار! بىزگە ئوخشاشلار ناھايىتى ئاز! ئۇنداق ئەمەسمۇيا؟
  - شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭ ھېچبىر ئەجەبلەنگۈدەك يېرى يوق.
  - كىشىلەر بۇنداق ئىشقا يول قويمايدۇ!
  - مۇبادا، كىشىلەر قارشى تۇرمىسا، سىزنىڭمۇ ئۇنچىۋالا سەكرەپ كېتىشىڭىز ھاجەتسىز. كىم بىلىدۇ، قانچىلىگەن كىشىلەر بۇ ئىشنى قوللاۋاتامدۇ تېخى!
  - مەن قوللىمايمەن! سىزچۇ؟ بۇ ئەخلەت قانۇنىغا ئوخشىمايدۇ! ئۇلار جەمئىيەتنىڭ مۇھىم بىر قانۇنىيىتىنى سۇندۇرماقچى، جەمئىيەتنى بۆلۈۋەتمەكچى.
  - جەمئىيەت ئەزەلدىن قانۇنىيەت ئاستىدا مېڭىشنى خالىمايدۇ.
  - ئەمما، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى ئاجراشتۇرۇۋېتىش ئۈچۈنما! سىز بۇ ئىشقا نەچچىلىك پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟
  - ئويلاپ كۆردۈم. ئۇلار بۇ قانۇننى ماقۇللىغان چاغدىلا ئويلاپ يەتكەنمەن.
  - بايا پۇل دېدىڭىزما؟ ئەجەبا، ئۇلارنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى شۇمىدۇ؟
  - بۇ قانۇن ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يەنە بىر خىل ۋاسىتىسى، ئۇ ئائىلىنى بۇزۇپ قايتىدىن قۇرۇش ۋە باشقا ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق، بىر ئىزدا تۇرۇپ قالغان ئىقتىسادىي ھالەتكە تەسىر كۆرسىتىپ، پۇلنىڭ نورمال ئوبوروت قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
  - قارىغاندا سىز مۇتەخەسسىس بولۇپ قاپسىز.
  - مەن بۇ قانۇن ھەققىدىكى ئوبزورنى ئوقۇغان. بىرەر ئايلار ئىلگىرىمىكىن، بىز ستراخۇۋانىيە باج تالونىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدا، شۇنىڭغا قوشۇمچە يەنە بىر كىچىككىنە قوللانمىمۇ بار ئىكەندۇق. مەن بۇنى سىزگە ئېيتمىغانىدىم. چۈنكى، مەن ئۇلارنى راستىنلا شۇنداق قىلار، دەپ ئويلىمىغانىكەنمەن.
  - ستراخۇۋانىيە باج تالونى؟ ئاجايىپ ئىشقۇ، بۇ خىل نەرسىلەر دائىم تېلېفون ھەققى تالونى بىلەن بىللە كېلىدىغان، ئىقتىسادىي ئەھۋال راستلا شۇنچىلىك ناچارمىكەن؟
  - ھۆكۈمەت دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىۋېتىپ، ھېسابات دەپتەرلىرىنى كۆرسەتمىگۈچە ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئىشىنىپ قالىۋېرىمىز. ئۇلار دەرۋازىسىنى چىڭ ئىتىۋېلىپ ھەممىنى باشقۇرىدۇ. نېمە دېگۈسى كەلسە شۇنى دەۋېرىدۇ.
  - بىراق، بۇ ئىش بەك قورقۇنچلۇق ئىكەن!
  - شۇنداق. ئەمما، دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئەزەلدىن مۇشۇنداق بولۇپ كەلگەن.
  - كىشىلەر بۇ ئىشلارغا تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ! ھامان ئىنقىلاب بولىدۇ، قاراپ تۇرۇڭ.
  - ھازىر ئىنقىلاب دېگەنلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭدا كىشىلەر كۆپىنچە ھېسسىياتقا تايىنىپ كېتىدۇ. ھازىر جەمئىيىتىمىزدە ئىنقىلاب مەۋجۇت ئەمەس. ھەتتا بۇ سۆز ئاڭلىماققا كۈلكىلىك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنتۇپ قالماڭ، دەسلەپتە سىزمۇ «ئەخلەت قانۇنى ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلىش لازىم» دېگەنىدىڭىز توغرىمۇ؟
  - ئۇ باشقا گەپ. ئۇلار بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئاشۇ قانۇننىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ قويغانىدى. ئېسىڭىزدىمۇ، دېڭىز ساھىلىدىكى ئۈچ ئىنگلىز چاقىرىم جايلاردا ياكى باشقا سۇ بويلىرىدىكى ئاھالىلەر پۈتۈنلەي شۇ قانۇننىڭ سىرتىدا قالغانىدى.
  - ئەلۋەتتە، بۇ ئاددىي قانۇنىيەت. ئۇنداقتا، ھازىر ئۇلار نېمىشقا ئۆتكەنكىگە ئوخشاش ئېھتىياجنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلمايدۇ؟
  - ئۇلار ئەمدى قانداق سىرتتا قالسۇن. ھەممە كىشى دېگۈدەك توي قىلغان تۇرسا!
  - ھەممىلا كىشىنىڭ تۇرمۇشى گۈلدەك ئۆتۈۋاتمىسا كېرەك. سىلەرنىڭ ئۇ يەردە شۇنداق ئادەملەر بار ئەمەسمۇ؟
  - سىز مەن بىلەن ئاجرىشىپ كەتمەيسىز، شۇنداقمۇ؟
  - سىز نېمىشقا بۇنداق سوراپ قالدىڭىز؟
  - سىز يېڭى قانۇن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەركىن قىلىۋېتىدۇ، دېگەن چېغىڭىزدىلا، مەن تەشۋىشلىنىشكە باشلىغان. ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
  - ئاۋۋال بىز ئىككى ئادۋوكات تېپىپ، سوتقا چۈشىمىز. ئاندىن ئۇلار بىزگە مۇناسىۋىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا ئاساس تېپىپ بېرەلەمدۇ، يوق، شۇنىڭغا قارايمىز.
  - مەن مۇناسىۋىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا تۈمەنلىگەن ئاساسلارنى تېپىپ بېرەلەيمەن.
  - ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسمىكىن.
  - سىزچە، ئادۋوكاتلار بۇ ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلالارمۇ؟
  - بۇنىڭ ئاماللىرىنى ئۇلار بىلىدۇ.
  - ئۇلارغا قاچان تېلېفون بېرىمىز؟
  - قانچە تېز بەرسەك، شۇنچە ياخشى، ئەمما، مۇبادا پەقەت ئاجراشمىساق بولمايدىغان ئىش بولسا، سىز ھېلىقى كونا پىكاپنى ئەپ قالامسىز ياكى يېڭىسىنى سېتىۋالامسىز؟
  - پىكاپ دەمسىز؟ بالىلارنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇلار قانداق كۈن ئالىدۇ؟
  - توغرا ئېيتتىڭىز، زادى ئامال قالمىغۇچە بۇ ئىشلار توغرۇلۇق باش قاتۇرمايلى، مەن ھازىرلا جېكقا تېلېفون بېرەي، ئەمما جېك ئاددىي دېلولارنىلا بېجىرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟ سىزچە، بىزنىڭ دېلويىمىز ئاددىي دېلولار قاتارىغا كىرەمدۇ؟
  -جېكتىن سوراپ باقايلى.
  - ۋەي، جېكما؟ ... شۇنداق .. مەن مۇشۇ ئىش ئۈچۈن تېلېفون بېرىۋاتىمەن ... شۇنداقمۇ؟ بېجىرىپ بېرەمسىز؟ خوتۇنۇمغىمۇ بىر ئادۋوكات كېرەكما؟ سىز بىرەرىنى تونۇشتۇرۇپ قويمامسىز؟ قايسى خانىمنى دېدىڭىز؟ ياخشى، يېزىۋالدىم، سېرفۇست خانىم، يەنە بىرىنى كىم دېدىڭىزا؟ كىرىسناكىنايامۇ؟ شۇنداق، ئۇنىمۇ يېزىۋالدىم. ياق، مېنىڭچە، سېرفۇست مۇۋاپىقراقتەك تۇرىدۇ. ئۆزىڭىز ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەمسىزئ ھە، ياخشى.
  - ھازىر جېك تۆتىمىز تېلېفوندا سۆزلىشىدىغان بولدۇق، قەدىرلىكىم سىزمۇ ئاۋۇ تېلېفوننى ئېلىڭ.
  - سېرفۇست خانىمما؟ شۇنداق، سىز خوتۇنۇمغا ئادۋوكاتلىق قىلىشنى خالامسىز؟ شۇنداق، ئىككىلىمىز ئاڭلاۋاتىمىز ... توغرا، جېك .... نېمە؟ بىز جەزمەن ئاجرىشىشىمىز كېرەكمائ لېكىن، سېرفۇست خانىم، ئاڭلاۋاتامسىز؟ سىزنى سېرفۇست خانىم خانىم دەپ ئاتىساق قانداق؟ رەھمەت ... مۇنداق مەجبۇرىي ئاجراشتۇرۇۋېتىشكە قارىتا قانداق قىلساق بولار؟ سىزنىڭ بىرەر ئامالىڭىز بارمۇ؟ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىشلارنى قانداق قىلىمىز؟ يەنە تېخى ئۆي، بالىلار ۋە جىنسىي تۇرمۇشىمىزنىچۇ؟ باش قاتۇرۇش ھاجەتسىز، دەمسىزا؟ توختاپ تۇرۇڭ، خوتۇنۇمنىڭ ماڭا ئازراق گېپى بار ئىكەن .. ھەي، ئۇنىڭ تېلېفونى بۇزۇلۇپ قاپتۇ. ھە، شۇنداق، ماقۇل، ئۇنىڭغا ئېيتىپ قوياي ... ئاڭلاۋاتامسىز؟ ھېلى دېدىمغۇ، جىنسىي تۇرمۇشنى قانداق قىلىمىز؟ ... شۇنداق، جېك، ئاڭلاۋاتىمەن.
  - جېكنىڭ دېيىشىچە، ئوتتۇرىدىكى بالا ئەزەلدىن ئاجرىشىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ باقمىغان. شۇڭا، ھازىرمۇ ئۇنداق بولمايدۇ.
  - سېرفۇست خانىم، بۇمۇ سىزنىڭ قارىشىڭىزمۇ؟
  - لېكىن، سېرفۇست خانىم، بۇ قىپقىزىل ساراڭلىققۇ!
  - ئۇ ھېچكىم بۇنى ساراڭلىق دېمەيدۇ، - دەيدۇ.
  - سېرفۇست خانىم، سىز توي قىلغانمۇ؟ مەن جېكنىڭ توي قىلغانلىقىنى، ئىككى بالىسى بارلىقىنى بىلىمەن.
  - سېرفۇست خانىم توي قىپتىكەن، بىزنىڭكىدەك ئۈچ بالىسى بار ئىكەن.
  - جېك، سىلەرمۇ ئاجرىشامسىلەر؟ ئۆي - مۈلۈكلىرىڭلارنى، بالىلىرىڭلارنى قانداق قىلىسىلەر؟
  - جېكنىڭ دېيىشىچە، دوختۇرلار بىلەن ئادۋوكاتلار بۇنىڭ سىرتىدا ئىمىش. چۈنكى، ئۇلار يۇقىرى باج تۆلەيدىغان كەسىپلەر ئىكەن.
  - شۇنداق، سېرفۇست خانىم، ئاڭلاۋاتىمەن، سەل تۇرۇپ تۇرسىڭىز، خوتۇنۇمنىڭ ماڭا ئازراق گېپى بار ئىكەن. خوتۇنۇم ھېلىھەممۇ مېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئاجراشقۇسى يوق. راست گەپنى ئېيتسام، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن. يەنە كېلىپ، مېنىڭمۇ ئاجراشقۇم يوق. ئىككىلىرى سەل تەخىر قىلىپ تۇرۇشسىلا، بىرى ئىشىكنى چېكىۋاتىدۇ ... ماقۇل، گېپىمىز قەيەرگە كەلگەنتى؟ توغرا، مۇھەببەت مەسىلىسى. بۇ نىكاھنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاساسى ئەمەسمۇ؟
  - جېكنىڭ دېيىشىچە، مۇھەببەت مەسىلىسى ئاساس بولالمايدىكەن. مۇھەببىتى بار دەپلا ئۇنى بۇ قانۇننىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشقا بولمايدىكەن. بەلكىم بۇ كىشىلەردىن مۇھەببەتنى چۆرۈپ تاشلاشنى ئۈمىد قىلغانلىقتۇ؟ جېكنىڭ دېيىشىچە، مۇھەببەتنىڭ يوقىلىشىنى ئاجرىشىشنىڭ ئاساسى دەۋېلىشقىمۇ بولمايدىكەن، چۈشەندىڭىزمۇ؟
  - ياق، سېرفۇست خانىم، خوتۇنۇم چۈشەنمەپتۇ. راست گەپنى ئېيتسام، مەنمۇ چۈشەنمىدىم، خوتۇنۇم بۇنى ئادالەتسىزلىك دەيدۇ.
  - جېكنىڭ دېيىشىچە، ئۇ سىزنىڭ پىكرىڭىزگە قوشۇلىدىكەن، قەدىرلىكىم، بۇ ئادالەتسىزلىك، ئەمما بۇ قانۇن، ياخشىسى بىز قائىدە بويىچە ئىش قىلغىنىمىز تۈزۈك. سېرفۇست خانىمنىڭ پىكرىمۇ شۇنداق ئىكەن. نېمە؟ توختاپ تۇرۇڭ جېك، خوتۇنۇمنىڭ سىزگە بىر سوئالى بار ئىكەن. ئۇ ئاجراشقاندىن كېيىن يەنە يارىشىۋېلىشقا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى سوراۋاتىدۇ. بولمايدۇ دەمسىز؟ نېمىشقا بولمايدۇ؟
  - جېكنىڭ دېيىشىچە، يېڭى قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىدە: بالىسى بولغانلار ئاجرىشىپ قايتا يارىشىۋالسا بولمايدۇ، دەپ بېكىتىلگەنمىش.
  - سېرفۇست خانىم، جېكنىڭ دېگىنى توغرا، دەيدۇ. ئاجراشقاندىن كېيىن بىزنىڭ نىكاھىمىز ئەسلىدىكى نىكاھ، دەپ قارىلىدىكەن.
  - شۇنداق، سېرفۇست خانىم، چۈشەندىم.
  - سېرفۇست خانىم، بىرەر ئامال تېپىلىدىغاندەك تۇرىدۇ، دەيدۇ. ئۇ ھېلىلا تەكشۈرۈپ كۆرۈپتۇ.
  مۇبادا شۇنداق بولسا، بۇ ئىش پەقەت پۇلنىڭ مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقمۇ؟ بۇ بابلىغانلىق بولماي، نېمە؟
  - جېك، بۇ بابلاش ئەمەس، پەقەت ئىقتىسادىي قاتىلاڭچىلىققا جىددىي ئېھتىياجلىق «مالىيە مەنبەسى» مەسىلىسى دەيدۇ.
  - جېك، بىزنىڭ ئۆزىگە، سېرفۇستقا ۋە سوت ھەققىگە پۇل تۆلەيدىغانلىقىمىزنى دەۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ....
  - شۇنداق، جېك، ئاڭلاۋاتىمەن.
  - جېكنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ بىلەن سېرفۇست خانىم ئۆيلەرنى رەنىگە قويۇش، ئۆي ئايرىش توختامى ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىش رەسمىيەتلىرىگە مەسئول بولىدىكەن. ئۇنداقتا، بىز سوتقا چىقمىساقمۇ بولىدىكەن. ئۇلار يەنە تېلېفون ھەققى، سۇ ھەققى ۋە ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ستراخۇاۋانىيە سوممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە ئىشقا مەسئۇل بولىدىكەن.
  - ئەمما جېك، سىلەر بىز قايتا نىكاھلانغاندىن كېيىن ھەممىنى ئۆزگەرتىپ، ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولساڭلار، بىز ئىككى ھەسسە ھەق تۆلەيمىز - دە.
  - جېك، ۋايىم يېيىش ھاجەتسىز، ھامان بىرىر ئوتتۇرىدىن پايدا ئالىدۇ، دەيدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ قارىشىچە، ستراخۇانىيە شىركىتى ھەرگىزمۇ پايدا ئېلىش ئېلىش ئۈچۈن بۇنداق قىلغان ئەمەسكەن.
  - سېرفۇست خانىم، خوتۇنۇم: ھېلىمۇ ياخشى، دوختۇرلار بىلەن ئادۋوكاتلار يېڭى قانۇننىڭ سىرتىدا ئىكەن، بولمىسا، ئىنقىلاب بولاتتى، دەيدۇ. ئۇنىڭ قايتا نىكاھلىنىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىلگۈسى بار ئىكەن. بىز قانداق قىلساق بولار؟ ئۆي ئايرىماي تۇرۇپلا تېزرەك يارىشىۋالغىلى بولماسمۇ؟ بولىدۇ دەمسىز؟ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىنما؟ قانچە ئۇزۇندا؟ تۆت ھەپتە؟
  - سېرفۇست خانىمنىڭ دېيىشىچە، بىز تۆت ھەپتىدىن كېيىن يارىشىۋالساق بولىدىكەن. بىراق، بىز شۇ چاغقا بارغاندىلا ئاندىن ئەسلىدىكى ئۆيىمىزدە تۇرالايدىكەنمىز. جەزمەن شۇنداق قىلماي بولمايدۇ، ئەمما بالىلار ئۆيدە تۇرسا بولىدىكەن.
  - ھەئە، چۈشەندىم جېك، سېرفۇست خانىم، خوتۇنۇم بۇ تۆت ھەپتە ئىچىدە بىزنىڭ باشقا جايدا بىللە تۇرۇشىمىزغا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى سوراۋاتىدۇ. شۇنداق قىلساق بولامدۇ؟ چۈشەندىم. بىز سىرتلارغا چىقىپ تۆت ھەپتە ساياھەت قىلىپ كەلسەك بولغۇدەك، ھېچكىم يولىمىزنى توسماس؟ چۈشەندىم. بىز باشقىلارنىڭ نامىدا بېلەت ئالىمىز، چۈشەندىم، خانىمىمدىن سوراپ باقاي، ماقۇلمۇ؟ خوتۇنۇم: ماقۇل، ساياھەت قىلىش كۆڭۈللۈك ئىش، دەيدۇ. ھەئە، ئەلۋەتتە، سىزگە پۇل چېكىنى ئەۋەتىپ بېرىمىز. سىزنىڭ، سېرفۇستنىڭ، سوتنىڭ ھەققىنى ھەم ستراخۇۋانىيە سوممىسىنى ئۆزگەرتىش ھەققىنى ... شۇنداق جېك.
  - جېك، جۈمە كۈنى ئاخشىمى ساياھەتكە چىقىش نۆۋىتى بار، دەيدۇ. ئۇ بىزگە بېلەت زاكاز قىلىپ قويغۇدەك، بارىمىزمۇ، بارمايمىزمۇ؟
  - بارىدىغان بولدۇق. جېك، سىز ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەمسىز؟ جېك، بۇ قەيەرگە قىلىنىدىغان ساياھەت؟ توغرا ئېيتتىڭىز، قەيەرگە بولسا بولىۋېرىدۇ. بىز قايتىپ كەلگۈچە، سىز سېرفۇست خانىم بىلەن ھەممىنى بېجىرىپ بولۇپ، بىزنى ئۆيىمىزگە ئۇدۇل قايتىپ كېلىدىغان قىلىپ قويسىڭىز، قانداق؟ خوتۇنۇمنىڭ ئاپىسىنىڭ فامىلىسىما؟ جېك بىلىدۇ. شۇنداق، مانا مۇشۇلار، توغرا ئېيتتىڭىز. بىز پۇل چېكىنى ئەۋەتىۋەتسەك بولامدۇ؟ ئايروپىلان بېلىتىنىڭ پۇلىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ماقۇل، بىز بېرىپ بېجىرەيلى، بەك ئاسان، توغرا ئېيتتىڭىز، شۇنداق ھۆججەتكە ئىمزا قويۇۋېتىپلا ئەۋەتىۋېتىمىز. بۈگۈنلا ئايروپىلان بېلىتىنى يەتكۈزۈپ بېرەلەمسىز؟ پوچتىدىن ئەۋەتكەندە بەزىدە ... ماقۇل، بوپتۇ ئەمىسە، بىز كۈتۈپ تۇرايلى. يەنە بىر گەپ، بىز قانچىنچى قېتىملىق ئايروپىلانغا ئولتۇرىمىز؟ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس؟ ئايروپىلان بېلىتىنىڭ ئۈستىگە يېزىقلىق بولاتتىغۇ، چۈشەندىم. ماقۇل، سىزگە يەنە بىر مەرتەم رەھمەت! خوتۇنۇممۇ سىزگە رەھمەت ئېيتتى.
  - بىز ئويلىغاندەك دەرىجىدە يامانمۇ ئەمەسكەن، شۇنداقمۇ؟
  - شۇنداق، ئىنقىلاب قىلغۇدەكمۇ ئىش ئەمەسكەن.
  - مۇشۇ ئىشنى دەپ قانچىلىگەن كىشى ئادۋوكات چاقىردىكىن، بىلىپ بولمايدۇ.
  - بۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ كارى.
  - مەن يۈك - تاقلارنى يىغىشتۇرغاچ تۇرايمۇ؟
  - مېنىڭ بىر تەكلىپىم بار.
  - ئېيتىڭا.
  - بىز يۈك - تاقلارنى يىغىشتۇرىمىز دەپ يۈرمەيلى، سەپەردە يېڭىسىنى ئالساق بولىدىغۇ، سىز بىر نەچچە قۇر يېڭى كۆڭلەك، كاستوم - بۇرۇلكا كىيسىڭىز تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟
  - لېكىن، بىزنىڭ ئامانەت قويغان پۇلىمىز قانچىلىك ئېشىپ قالىدىكىن!
  - توغرا، نىكاھتىن ئاجرىشىش ھەققىنى ۋە باشقا ھەقلەرنى تۆلەپ، ئازلا پۇلىمىز قاپتۇ. نېمىشقا ئاشقان پۇلنىڭ ھەممىسىنى خەجلىۋېتىپ، قايتىپ كەلگەندىن باشقىدىن ئىش باشلىمايمىز؟ بىز ئەسلىدىلا ئىشنى باشتىن باشلىغانتۇق، ئېسىڭىزدىمۇ؟

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316