ياك بۇرديۋ توي قىلماسلىققا قەسەم قىلىپ خېلى زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن، تۇيۇقسىز بۇ نىيىتىدىن يالتىيىپ قالدى. بۇنىڭغا دېڭىزغا چۈمۈلگىلى بارغان چاغدىكى بىر ئىش سەۋەب بولغانىدى. بىر كۈنى ئەتىگەندە، ئۇ قىرغاقتىكى قۇمدا سۇدىن چىقىۋاتقان ئاياللارغا ھۇزۇرلىنىپ قاراپ ياتاتتى. بىر چاغدا، ئۇنىڭغا بىرىنىڭ نازۇك ھەم چىرايلىققىنە پۇتى تېگىپ ئۆتكەندەك بولدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ فلانېل ماركىلىق سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىۋالغان بىر قىزنى كۆردى- دە، ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. باشقىلار ئۇنى كۆزى ئىتتىك دەيدىغان. دەرۋەقە، ئۇ بۇ زىلۋا قىزغا بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالدى. قىزنىڭ گۈزەل، غۇبارسىز بەدىنىنى، قىزىل گۈلدەك چىرايىنى، ئويماقتەك لەۋلىرىنى كۆرۈپ ئەس - ھوشىنى يوقاتتى. ئۇ قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭمۇ ياخشى ھەم تېگى بار كىشلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، - ئۇنىڭغا تېخىمۇ مەپتۇن بولدى. قىزنىڭ ئىسمى بېرت ئىدى. قىز يېنىغا كەلسىلا ئۇنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ دېگۈلى گەپ تاپالماي، كاللىسىمۇ ئىشلىمەي قالاتتى. يۈرىكى سېلىپ، قۇلىقى غۇڭۇلداپ، ئەس - ھوشىنى يوقۇتۇپ تۇرۇپ قالاتتى. مۇھەببەت دېگەن مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ؟ ئۇ بۇنى بىلمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ قىزغا ئۆيلىنىش ئىرادىسىگە كەلدى. بىراق ياكنىڭ جەمئىيەتتە يامان نامى بار ئىدى. ئۇنىڭ قېرى بىر ئاشنىسى بار، دېگەن سۆز - چۆچەكلەر تارقىلىپ يۈرەتتى. قىزىنىڭ ئاتا - ئانىسى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ توي ئىشىدا ئىككىلىنىپ قالدى. ئۇلارنىڭ توي ئىشىدا ئىككىلىنىپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئاشىندارچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا ئۇزاق زامانلار بولغان، ئۇلار ھازىرمۇ خۇپىيانە ئۇچرىشىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ باشقا ئارىلاشقان، كۆڭۈل بەرگەن قىزلىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. ئەمدى ئۇ قېرى ئاشنىسىنى كۆڭلىدىن چىقىرىۋەتكەنىدى. ئۇنى ئىزلەپ بېرىپمۇ قويمايدىغان بولدى. بىر دوستى ئۇنىڭ ئورنىدا ئۇ ئايالنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇۋاتاتتى. پۈتۈن چىقىمنى ياك كۆتۈرەتتى. لېكىن ئۇ ئايالنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاشنىمۇ خالىمايتتى. ئايال خەت يازسا، ئۇ ئوقۇپمۇ قويمايتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئايالنىڭ مايماق - سۇيماق خەتلىرى ھەر ھەپتىدە ئۆكسىمەي كېلىپ تۇراتتى. ياك ئۇ خەتلەرنىڭ كونۋېرتىنىمۇ ئاچماي يىرتىپ تاشلايتتى. چۈنكى ئۇ بۇ خەتلەردە ئۆزىنى تىللايدىغان،ئەيىبلەيدىغان گەپلەرنىڭ بارلىقىن بىلەتتى. ياكنىڭ كۆڭلى چىن بولسىمۇ، قىز دەسلەپتە ئۇنىڭغا ئىشەنىمىدى. شۇڭا ياكنى ساق بىر قىش سىناپ يۈردى. قىش ئۆتۈپ، باھار كەلگەندە، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلدى. ئىككىسى تويدىن بۇرۇن مەسلىھەتلىشىپ، شېرىن ئاي ئۆتكۈزىدىغان، يېقىن دوستىلىرىغىلا چاي بېرىدىغان، توي كۈنىنىڭ ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، ئىككى ۋۇجۇدنى بىر - بىرىگە باغلىغان دېڭىز ساھىلىدىكى قۇملۇققا بارىدىغان بولۇشتى. توي كېچىسى، مېھمانلار زالدا تانسا ئويناۋاتتى، يېڭى ئەر - خوتۇنلار ياپون پاسونىدىكى ھۇجرىغا كىرىپ كېلىشتى. ئۆيدىكى بېزەك ئۈچۈن ئېسىلغان كۈمۈش لېنتىلار يالتىراپ تۇراتتى. تورۇستىكى رەڭدار ئاسما چىراغ ئۆيگە ئىللىق نۇر سېپىپ تۇراتتى. دېرىزە قىيا ئوچۇق، سىرتتىن كىرگەن مەيىن شامال ئۇلارنىڭ يۈز كۆزلىرىنى سىپاپ ئۆتەتتى. كېچە تولىمۇ ئىللىق ۋە تىنچ، باھار پەيزىگە چۆمگەنىدى. ئۇلار بىر - بىرىگە تەلمۈرۈشكەن ھالدا قوللىرىنى تۇتىشىپ تۇراتتى. ئېغىزلىرى گەپكە كەلمەيتتى، تۇرۇپ - تۇرۇپ بىر - بىرىنىڭ قولىنى سىقىپ قويۇشاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەقدىرىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ زور ئۆزگىرىشتىن گاڭگىراپ قېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. چىرايىدا يەنىلا ئىللىق تەبەسسۇم، قاتتىق ھاياجان. ئۇ گاھ يىغلىۋېتىدىغاندەك، گاھ مۇھەببەت شادلىقىدا ھوشىدىن كېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشنىڭ ئۆز تەقدىرنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتى، تۇرۇپ خاتىرجەمسىزلەنسە، تۇرۇپ قانداقتۇر بىر سېزىم پۈتۈن جىسمىنى چۇلغىۋالغاندەك بولاتتى. يىگىتنىڭ چىرايىدىمۇ تەبەسسۇم جىلۋىنەتتى، قىزغا كۆزىنى ئۈزمەي تەلمۈرۈپ قارايتتى. ئۇنىڭ بىر نەرسە دېگۈسى كېلەتتىيۇ، گەپنىڭ بېشىنى يىغىپ، قىزنىڭ قوللىرىنى سىقاتتى. ئاخىر قىز يىگىتنىڭ كۆزلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، كۆزلىرىنى يەرگە يۆتكىدى. ئۇلار خىزمەتكار يېڭىلا تاپشۇرۇپ ئالغان بىر پارچە تېز خەتنى پەتنۇستا كۆتۈرگىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ياڭ شۇئان قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك، غۇدۇرغىنىچە خەتنى ئالدى. ئۇ كونۋېرتقا قاراپ خېلىغىچە تۇرۇپ كەتتى. كونۋېرتتىكى خەت ئۇنىڭغا تونۇش ئەمەس ئىدى، ئۇ كونۋېرتنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇ خەتنىڭ مەزمۇنىنى بىلىشنى خالىمايتتى، خەتنى يانچۇقىغا سېلىپ قويۇشنىلا ئويلايتتى، ئۆزىگە: «ئەتە بىر گەپ بولار، بەرىبىر ئەتە يىراقلارغا كېتىمەن!» دەپ تەسەللى بېرەتتى. شۇ ئارىدا كونۋېرت بۇرجىكىدىكى «جىددىي» دېگەن خەتكە كۆزى چۈشۈپ، سەل ئەنسىرەپ قالدى. ئاخىر قىزدىن: «مۇمكىنىمۇ، قەدىرلىكىم» دەپ سوراپ، ئاندىن كونۋېرتنى يىرتىپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى. ئوقۇغانسېرى چىرايى تۈلۈشكە باشلىدى. خەتكە ئىتتىك كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، ئاندىن ئالدىرىماي زىر - زەۋەرلىرىگىچە ئوقۇشقا باشلىدى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇ بېشىنى كۆتۈردى. چىرايى بۆلەكچىلا بولۇپ كەتكەنىدى. - قەدىرلىكىم . . . - دېدى ئۇ دۇدۇقلاپ، - مېنىڭ قەدىناس بىر دوستۇم بەختسىزلىككە يولۇقۇپتۇ . . . مەن دەرھال ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشىم كېرەك ئىكەن. . . شۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا . . . ئۇنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشتەك قىلىدۇ. . . ماڭا يىگىرمە مىنۇت ۋاقىت بەرسىڭىز، بىردەمدىلا قايتىپ كېلىمەن. قىز قۇرقۇپ تىترەپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەمرىگە يېڭىلا ئۆتكەن بولغاچقا، ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى سوراشقا پېتىنالمىدى. شىۋىرلاپ: «بېرىڭ قەدىرلىكىم» دېگەن گەپنىلا قىلالىدى. يىگىت كەتتى. قىز مېھمانخانىدىن ئاڭلىنىۋاتقان تانسا مۇزىكىسىغا قۇلاق سالغىنىچە يالغۇز قالدى. يىگىت شىلەپىسى بىلەن پەلتۇسىنى ئېلىپ پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ كەتتى. ئۇ سىرتقا چىقىپ، بىر دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى چىراغنىڭ ئاستىدا توختىدى- دە، خەتنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتى. خەت شۇنداق يېزىلغانىدى: ئەپەندىم: لافېر خېنىم (ئۇياق سىزنىڭ كونا ئاشنىڭىزغۇ دەيمەن؟) ھېلىلا بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ ياقنىڭ ئېيتىشىچە، بالا سىزدىن بولغانىكەن. شۇ تاپتا ئوغلىڭىزنىڭ ئانىسى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سىز بىلەن بىر كۆرۈشۈۋالغۇسى بار. مۇمكىن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىۋېلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. ئۇ تولىمۇ بەختىسىز ئايالدەك قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن. كەمىنىڭىز دوختۇر بورنا» ياك دوختۇرخانىغا كېلىپ، لافېر خېنىمنىڭ ئاخىرقى تىنقىغا ياتقانلىقىنى كۆردى، بىر قاراشتىلا ئۇنى تويىنلمىدى. ئۇنىڭ يېنىدا دوختۇر بىلەن ئىككى سېسترا تۇراتتى. قان - زەردابقا بۇلغانغان كىيىملەر بىر چەتتە تاشلىنىپ ياتاتتى. ئۈستەلدە ئىككى تال شال يېنىقلىق تۇراتتى. كارىۋاتنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى كىچىك كارىۋاتتا بوۋاق خىرقىراپ يىغلىماقتا ئىدى. جان ئاچچىقىدا قىينىلىۋاتقان ئانا بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىنى ھەر بىر ئاڭلىغاندا ئازاب بىلەن سىلكىنەتتى. ئايالنىڭ بەدىنىدىن تۈگىمەكتە ئىدى. ئۇنى ئۆلۈم گىردابىغا ئېلىپ بارغىنى مۇشۇ تۇغۇت ئىدى. ھەر قانداق قۇتقۇزۇشلارمۇ ئۇنىڭغا كار قىلمايۋاتاتتى. توختىماي ئېقىۋاتقان قان ئۇنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى يېقىنلاشتۇرماقتا ئىدى. ئايال ياكنى تونۇپ ئىككى قولىنى كۆتۈرمەكچى بولدى. لېكىن ماغدۇرى يەتمىدى. ئىككى تامچە ياش يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ئۇنىڭ قان دىدارى قالمىغان مەڭزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى. يىگىت كارىۋات يېنىدا تىزلىنىپ ئايالنىڭ ئىككى قولىنى ئالقىنغا ئېلىپ قايتا - قايتا سۆيدى. ئاندىن ئاستا - ئاستا ئايالنىڭ سۇلغۇن يۈزىگە يېقىنلاشتى. ئۇنىڭ يۈزى تېگىشى بىلەن ئايالنىڭ يۈزى تارتىشىپ كەتتى. بىر سېسترا ئۇلارنىڭ يېنىدا شام تۇتۇپ تۇراتتى. بىر چەتتە تۇرغان دوختۇر ئۇ ئىككىسىگە جىممىدە قاراپ تۇراتتى. ئايال ئۈزۈپ - ئۈزۈپ سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى يىراق - يىراقلاردىن كېلىۋاتقاندەك ئاڭلىناتتى. - قەدىرلىكىم، مەن ئۆلۈش ئالدىدا تۇرىمەن. مېنىڭ يېنىمدا ئەڭ ئاخىرغىچە تۇرۇپ بەرسىڭىز، مېنى تاشلاپ كەتمىسىڭىز، ئاخىرقى مىنۇتلىرىمدا مېنى يالغۇز تاشلاپ قويمىسىڭىز. ياك ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى، ئايالنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرىنى قايرىپ پېشانىسىگە سۆيدى، ئاندىن پەس ئاۋازدا: - خاتىرجەم بولۇڭ، مەن يېنىڭىزدا بولىمەن، - دېدى. ئايالنىڭ نەپىسى قىسىلىپ، گەپ قىلالماي قالدى. بىر ھازادىن كېيىن، ئۇ يەنە شۇنداق دېدى: - سىزگە خۇدانىڭ ئالدىدا، جېنىمنى ئېلىش ئالدىدا تۇرغان ئەزرائىلنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىپ بېرىمەن: بۇ سىزنىڭ بالىڭىز. مەن ئەزەلدىن سىزدىن باشقا ھېچكىمنى ياخشى كۆرۈپ باققان ئەمەس. . . بالىنى تاشلىۋەتمەيدىغانلىقىڭىزغا ۋەدە بېرىڭ. . . ياكنىڭ ھالىدىن كېتىۋاتقان بۇ ئايالنى بىر قۇچاقلىۋالغۇسى كېلەتتى. ئۇ پۇشايمان قىلاتتى، ئازابلىناتتى. - سىزگە قەسەم قىلىپ بېرەي، - دېدى ئۇ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ، - ئوغلۇمنى چوقۇم بېقىپ قاتارغا قوشۇمەن، ئۇنى كۆز قارچۇغۇمدەك ئاسرايمەن، يېنىمدىن ئايرىمايمەن! بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇ ئايالنىڭ ياكنى سۆيۈپ قويغۇسى كەلدى، بىراق، بەكمۇ ھالسىزلىنىپ كەتكەچكە بېشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ ماغدۇرى يەتمەي، پەقەت ئېغىزىنى ئۆمەللەپ ئۈمتۈلدى. ياك لەۋلىرىنى يېقىن ئاپىرىپ، بۇ ئېچىنىشلىق سۆيۈشنى قوبۇل قىلدى، ئايال بىر پەس جىمىپ كەتكەندىن كېيىن، پەس ئاۋازدا: - ئوغلۇمنى ئەكىلىڭ، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان - كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ باقاي، - دېدى. ياك ئوغلىنى ئېلىپ كېلىپ كارىۋاتقا ئاۋايلاپقىنا قويدى. بالىنىڭ يىغىسى بىرىدىنلا توختىدى. ئايال بوشقىنە ئاۋازدا: - بالىنى قىمىرلاتماڭ، - دېدى. ياك ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇ شۇ تاپتا ئازابلانغان ھەم تىترىگەن ھالدا ئۆز پۇشتىدىن تامغان بۇ نارەسىدىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ ئوغرىلىقچە سائىتىگە قارىدى. ۋاقىت تۈن نىسپىدىن ئاشقانىدى. يەنە بىر، ئىككى سائەتلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى. دوختۇر ئاللىقاچان كېتىپ قالغانىدى. ئۆي ئىچىنى يورىتىۋەتتى. ئايال قاتتىق سىلكىنىپ، ئىككى قولىنى سىلكىدى، قولى بالىغا تېگىپ يەرگە چۈشۈرۈۋەتكىلى تاسلا قالدى. ئۇ بىردەم خىرقىراپ يۈزىنى ئاسمانغا قىلىپ جىممىدە بولۇپ قالدى. ئۇ يورۇق ئالەم بىلەن ۋىدالاشقانىدى. سېسترا كېلىپ: - جان ئۈزۈپتۈ، - دېدى. ياك ئۆزى بىر چاغلاردا ياخشى كۆرگەن بۇ ئايالغا ئاخىرقى قېتىم بىر قاراپ، ئاندىن تام سائىتىگە قارىدى. سائەت سترېلكىسى تۆتنى كۆرستىپ تۇراتتى. ئۇ بوۋاينى قولىغا ئالدى - دە، پەلتۇسىنى ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ، ئۇچىسىدىكى تويلۇق كىيىم بىلەنلا چىقىپ كەتتى. ياك كەلمىگەنسېرى قىز خاۋا تېرلىنىشقا باشلىدى. ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك مېھمانخانىغا كىردى. ئاپىسى قىزىنىڭ يالغۇز كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ: - ئېرىڭچۇ؟ - دەپ سورىدى. - ھۇجرىدا، ھازىرلا چىقىدۇ، - دېدى قىز. بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى. ھەممىسى يېڭى كېلىنىدىن يىگىتنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ ئالغانلىقىنى، چىرايىنىڭ قانداق ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. ھەممەيلەن يىگىتنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتتى. مېھمانلارنىڭ ئالدى خوشلاشتى. ئاز بىر قىسىم تۇغقانلىرىلا قېلىپ قالدى. تۈن نىسپىدىن ئاشقاندا، تۇغقانلار تىت - تىت بولۇپ كېتىۋاتقان كېلىنگە تەسەللى قىلىپ بەزلەشكە باشلىدى. ئاپىسى بىلەن ئىككى دوستى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشاتتى. ئۇلار زۇۋان سۈرمەيتتى. پەقەت قىزنىڭ ئېسەدەشلىرىگە قۇلاق سېلىشاتتى. . . قىزنىڭ ئېسەدەشلىرىگە قۇلاق سېلىشاتتى. . . قىزنىڭ دادىسى ساقچى مەھكىمىسىگە ئەھۋالنى خەۋەر قىلىشقا كېتىپ قالغانىدى. سائەت بەش بولغاندا، كارىدوردا بوش ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى. ئىشىك ئېچىلىپ يەنە يېپىلدى. ئاڭغىچە مۈشۈكنىڭ مىياڭلىشىدەك بىر ئاۋاز ئۆينىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى. ئاياللار ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇشۇپ كەتتى. كېچىلىك كىيىم كىيىۋالغان بېرت ئانىسى بىلەن قىزلارنىڭ توسقىنىغا قارىماي سىرتقا ئېتىلدى. ياك ھۇجرىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى. چىرايى تاتارغان، توختىماي ھاسىرايتتى. قۇلىدا بىر بوۋاي بار ئىدى. ئاياللار قورقۇپ ئۇنىڭغا قاراپلا قېلىشتى. بېرت يۈرەكلىك ھالدا ياكنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - بۇ نېمە ئىش؟ ئېيتىڭچۇ، بۇ زادى نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدى. - بۇ . . . بۇ . . . مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاپىسى تېخى يېڭىلا جان ئۈزدى، - ئۇ يىغلاۋاتقان بوۋاقنى ئەتراپىتىكىلەرگە كۆرسەتتى. بېرت گەپمۇ قىلماي بوۋاقنى قولىغا ئالدى - دە، ئۇنى باغرىغا مەھكەم باستى. ئاندىن ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىنى ئېرىگە تىكتى: - ئۇنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتتى دېدڭىزمۇ؟ - شۇنداق، تېخى بايىلا جان ئۈزدى . . . مېنىڭ قۇچقىمدا . . . ئۆتكەن يىلى يازدىن بۇيان ئۇنىڭدىن ئالاقىنى ئۈزگەنىدىم . . . مېنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىم يوق ئىدى. بۇنى دوختۇر ئەۋەتكەن خەتتىن ئۇقتۇم. . . - بۇ بالىنى بىز بېقىۋالايلى، - دېدى بېرت يېقىملىق ئاۋازدا. |