كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - فىزىكا | - زىچلىق سىزنىڭ ئورنىڭىز:

زىچلىق

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-24 12:54:03 كۆرۈلىشى: 50



  ئۈستەل ياغاچتىن ياسىلىدۇ، ئاليۇمىن قوشۇق ئاليۇمىندىن ياسىلىدۇ. ياغاچ ماتېرىيال، ئاليۇمىن قاتارلىق جىسىمنى تەشكىل قىلغان بۇ خىل ماتېرىياللار ماددا دەپ ئاتىلىدۇ. جىسىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى ماسسا دەپ ئاتىلىدۇ.
  ئەگەر ئوخشاش بىر خىل ياغاچ ماتېرىيالى ئىشلىتىلسە، بىر ئۈستەلگە ئىشلىتىلگەن ياغاچ ماتېرىيالى بىر ئورۇندۇققا ئىشلىتىلگەن ياغاچ ماتېرىيالىدىن كۆپ بولىدۇ، شۇڭا ئۈستەلنىڭ ماسسىسى ئورۇندۇقنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ. ھەجمى ئوخشاش بولغان تۆمۈر پارچىسى بىلەن ئاليۇمىن پارچىسىنى تارازىغا سالغاندا، تۆمۈر پارچىسىنىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭ، ئاليۇمىن پارچىسىنىڭ ماسسىسىنىڭ كىچىك بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
  يەر يۈزىگە ياتقۇزۇلغان تىك تۆت تەرەپلىك بىر پارچە گرانىت خاتىرە تاشنى بىر تال بېتون دۈگىلەك تۈۋرۈك بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنى ئۆلچەش قورالى ئارقىلىق بىۋاسىتە ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، بۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىش كېرەك؟
  ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئوخشاش بىر خىل ماددىدىن ھەجمى چوڭراقىنىڭ ماسسىسىمۇ چوڭراق بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ماسسىسى تەكشى بولغان ئوخشاش خىل ماددىنىڭ بىرلىك ھەجىمدىكى ماسسىسى ئوخشاش بولىدۇ. مەسىلەن،2m3  سۇنىڭ ماسسىسى 2000kg ،5m3  سۇنىڭ ماسسىسى 5000Kg  بولىدۇ، ئۆلچەشلەر1m3  سۇنىڭ ماسسىسىنىڭ 100 كىلوگرام  بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. فىزىكىدا مەلۇم خىل ماددىنىڭ بىرلىك ھەجىمدىكى ماسسىسى شۇ خىل ماددىنىڭ زىچلىقى دەپ ئاتىلىدۇ.
  زىچلىق ماددىلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، ھەربىر خىل ماددىنىڭ مۇئەييەن زىچلىقى بولىدۇ. ئالتۇننىڭ زىچلىقى چوڭراق بولىدۇ، ھەر كۇب مېتىر (m3) ئالتۇننىڭ ماسسىسى 19300 كىلوگرام كېلىدۇ. ھىدروگېننىڭ زىچلىقى كىچىكرەك بولىدۇ، نورمال ئەھۋالدا، ھەر كۇب مېتىر ھىدروگېننىڭ ماسسىسى 0.09kg كېلىدۇ. ھەر خىل ماددىنىڭ زىچلىقىنىڭ سانلىق قىممىتىنى فىزىكا قوللانمىسىدىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ.
  ماددىنىڭ زىچلىقىنى بىلگەندە، بىرلىك ھەجىمدىكى ماددىنىڭ ماسسىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەگەر يەنە ئامال قىلىپ ماددىنىڭ ھەجمىنى بىلگەندە، زىچلىقىنى ئۇنىڭ ھەجمىگە كۆپەيتكەندە كېلىپ چىققان سانلىق قىممەت ماددىنىڭ ماسسىسى بولىدۇ. بۇنداق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ گرانىت خاتىرە تاش بىلەن بېتون دۈگىلەك تۈۋرۈكنىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ.
  سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا، دائىم زىچلىق ئارقىلىق ماددىلار پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھۈنەر - سەنئەت (تېخنولوگىيە) بۇيۇملىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ساپ ئالتۇننىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، ھەقىقىي - ساختىلىقىنى ئاسانلىقچە ئايرىغىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ زىچلىقىنى ئۆلچەپ چىقىپ، ئۇنى ئالتۇننىڭ زىچلىقىغا سېلىشتۇرغاندىلا، ھەقىقىي ياكى ساختىلىقىنى دەرھال پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316