ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:بىز - چالغۇللىرىمىز - ئىسقىرت

ئىسقىرت

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-24 12:24:31 كۆرۈلىشى: $$访问$$



            بۇ نەي ئائىلىسىگە تەۋە يەللىك چالغۇ بولۇپ، سۆڭەك، قوينىڭ مۈڭگۈزى ۋە قومۇشتىن ياسىلىپ، پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. ئۇ بىر تۆشۈكلۈك ۋە ئۈچ تۆشۈكلۈك ئىسقىرتتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. ئۈچ تۆشۈكلۈك ئىسقىرتنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن يەتتە سانتىمېتىر، بىر تۆشۈكلۈك ئىسقىرتنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بەش سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ئۇ ئىككى قولنىڭ باش بارمىقى ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىككى تەرىپىدىن تۇتۇپ، ئاۋاز تۆشۈكلىرىنى ئېچىپ - يېپىش ئارقىلىق ئوتتۇرىدىكى پۈۋلەش تۆشۈكىدىن پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. ئىسقىرت ئادەتتە ئاۋاز دائىرىسى تار ۋە يۇقىرى بولغان مېلودىيىلەرنى چېلىش ھەمدە مۇزىكىلارغا تەبىئەت مەنزىرىلىرى ۋە قۇشلارنىڭ سايراشلىرى قاتارلىق ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى قوشۇشتا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر