دۇنياغا داڭلىق قەدىمكى مىسىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېيى قاھىرە ئازادلىق مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي ھەم ھەشەمەتلىك ئىككى قەۋەتلىك تاش ئىمارەتتۇر. ئۇنىڭدا يىغىپ ساقلانغان كۆرگەزمە بۇيۇمى63 مىڭغا يېتىدۇ. مۇزېينىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە قەدىمكى مىسىرنىڭ تارىخىي تەرەققىيات ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان. بۇ يەردە مىسىرنىڭ قەدىمكى پادىشاھلىق دەۋرى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى27 −22 - ئەسىرلەر) دىن باشلاپ رىم ھۆكۈمرانلىق دەۋرى ( مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 −5 - ئەسىرلەر) گىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىي يادىكارلىقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە18 - سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى توتېنكامون (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1347 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1335 - يىلىغىچە) نىڭ قەبرىسىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، توتېنكاموننىڭ ئالتۇندىن ياسالغان نىقابى، ئالتۇندىن ياسالغان جەسەت ساندۇقى، ئالتۇندىن ياسالغان تەخت قاتارلىقلار بار. ئىككىنچى قەۋەتنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدىكى مۇمىيا كۆرگەزمىخانىسىغا مىسىر تارىخىدىكى فىرئەۋىنلەر ۋە ئۇلارنىڭ خانىش - توقاللىرىنىڭ مۇمىيالىرى قويۇلغان. مۇمىيا نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى ياسالغان قۇرۇق جەسەت بولۇپ، قەدىمكى مىسىردا ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرى چىقىرىۋېتىلىپ، جەسەتكە خۇش پۇراق ماتېرىياللار ۋە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلار سۈركىلىپ، ماتا بىلەن مەھكەم ئورالغاندىن كېيىن جەسەت ساندۇقىغا سېلىپ قويۇلاتتى. مىسىر مۇزېيىغا قويۇلغان مۇمىيالار3000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، يەنىلا مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان، بەزى مۇمىيالارنىڭ چېچى ۋە تىرناقلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ مۇمىيالار ئىچىدە ئەڭ ياخشى ساقلانغىنى مىسىر19 - سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى رامسېس Ⅱ (تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1317 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1251 - يىلىغىچە) نىڭ جەسىتىدۇر. |