جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى نەنتۇڭ مۇزېيى يېقىنقى زامان تارىخىدا جۇڭگولۇقلار ئۆزى بىنا قىلغان تۇنجى مۇزېيدۇر. بۇ مۇزېينى قۇرغۇچى جاڭ جيەن دېگەن كىشى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئەلىيۇلئەلا، ئۇ ئەينى چاغدىكى جۇڭگونىڭ سىياسىي جەھەتتە چىرىكلىشىپ، ئىقتىسادتا كەينىدە قېلىپ، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا، ھاقارەتلىشىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھۈنەر - كەسىپلەرنى روناق تاپقۇزۇش، مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق دۆلەتنى بۇ خىل قىيىن ھالەتتىن قۇتقۇزۇپ قېلىش نىيىتىگە كەلگەن ھەمدە مۇزېينى جۇڭگونى گۈللەندۈرۈشتىكى زۆرۈر تەربىيە ئاپپاراتى دەپ قاراپ، مۇزېي قۇرۇش ھەققىدە چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئىككى قېتىم مەكتۇپ يوللىغان بولسىمۇ، لېكىن تەلىپى قوبۇل قىلىنمىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ھەر خىل ئامال - چارىلەرنى قوللىنىپ يۇرتى نەنتۇڭدا نەنتۇڭ مۇزېيىنى قۇرغان. نەنتۇڭ مۇزېيى دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلارغا پۈركەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، قايسى جايلاردىن چىقىدىغانلىقى ۋە ئىلمىي نامى ئىزاھلاپ قويۇلغان.20 - ئەسىرنىڭ بېشىدا سېلىنغان ئوتتۇرا ساراي، جەنۇبىي ساراي ۋە شىمالىي ساراي تاكى ھازىرغا قەدەر ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. جەنۇبىي ساراينىڭ بالكونىدا جاڭ جيەن يازغان «مەكتەپ ئېچىپ ئادەم تەربىيىلەيلى، قۇش، ھايۋانات، گۈل - گىياھلارنى كۆپرەك بىلىۋالايلى» دېگەن مەزمۇندىكى ياغاچقا ئويۇلغان بېيىتى ئېسىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ مىسرالار ئۇنىڭ، مۇزېي دېگەن كىشىلەرگە ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى تارقىتىدىغان بىر مەكتەپ، دېگەندىن ئىبارەت مۇزېي سېلىش مۇددىئاسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ يەردىكى «تارىخىي يادىكارلىقلار كۆرگەزمىسى» دە نەنتۇڭ ۋىلايىتىدىكى ناھىيىلەرنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشلىرى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە خەيئەن ناھىيىسىدىكى يېڭى تاش قوراللار دەۋرى مەدەنىيىتىگە تەۋە خارابىلىكتىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان قېزىۋېلىنغان ساپال بۇيۇملار، تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىدىن بۇيانقى تاش ئابىدە، قەبرە تېشى ۋە مىس قوراللار، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ياپونىيىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى نەنتۇڭ دېھقانلار قوزغىلىڭىغا دائىر يادىكارلىقلار ۋە يېقىنقى زاماندا نەنتۇڭدا بارلىققا كەلگەن ھۈنەر - ئوقەت، مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىغا دائىر يادىكارلىق ۋە ماتېرىياللار بار. مۇزېيدا يەنە غايەت چوڭ بۇرۇتلۇق كىتنىڭ ئىسكىلىتى، ئاق قۇيرۇقنىڭ تاش قاتمىسى ۋە يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئادەملەرنىڭ ئىسكىلىتى قاتارلىقلارمۇ بار. |