ئېلىمىزنىڭ9 مىليون600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق بىپايان زېمىنىدا56 مىللەت ياشاپ كەلمەكتە. موڭغۇللار ئاشۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسلىقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.1957 - يىلى بۇ يەردە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي قۇرۇلغان، بۇ مۇزېي موڭغۇل خەلقىنىڭ تارىخىنى، شۇنداقلا مۇشۇ زېمىندا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان داغۇر، ئېۋېنكې، ئېلۇنچۇن قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ۋە روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. قەدىمكى جانلىقلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلارغا ئائىت كۆرگەزمىخانىدا ئىچكى موڭغۇل رايونىنىڭ بۇنىڭدىن1 مىليارد800 مىليون يىللار ئىلگىرىكى دەۋردىن ئىپتىدائىي جەمئىيەتكىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇزاق تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ يەرگە تىزىپ قويۇلغان تاش قاتمىلار بۇنىڭدىن1 مىليون800 مىڭ يىلدىن600 مىڭ يىلغىچە بولغان ۋاقىتتىن ئىلگىرى يىنشەن رايونىنىڭ دولقۇنلاپ تۇرغان بىپايان دېڭىز - ئوكيان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن200 مىڭ يىلدىن70 مىڭ يىلغىچە بولغان ۋاقىتتىن ئىلگىرى، ئىچكى موڭغۇلمۇ «دىنوزاۋر يۇرتى» ئىدى. كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا ئىنسانلار بۇ يەردە تاش ماتېرىياللارنى قازغان، تاش قوراللارنى ياسىغان. جالەينۇر ئادىمىنىڭ تاشقا ئايلانغان15 تال باش سۆڭىكى كونا تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئىنسانلار پائالىيىتىدىن قېپقالغان ئىزنادۇر. مۇزېينىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىخانىسىغا قويۇلغان بىرمۇنچە قىممەتلىك، نەپىس تارىخىي يادىكارلىقلار كىشىلەرنى ئىچكى موڭغۇل قەدىمكى مەدەنىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسى، شىمال مىللەتلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخىدىن خەۋەردار قىلىدۇ؛ موڭغۇل، خەنزۇ مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلاشقانلىق تارىخىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ؛ چىڭگىزخاننىڭ ھەرقايسى موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن باشلاپ يۈەن سۇلالىسى يوقالغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىي كارتىنىلارنى نامايان قىلىدۇ. مىللىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قىسمىدا، ئاساسلىقى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى موڭغۇل، داغۇر، ئېۋېنكې، ئېلۇنچۇن مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللارنىڭ مۇكەممەل ساقلانغان چوڭ كىگىز ئۆيى ۋە موڭغۇللارنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرى، داغۇر قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ۋە پۇختا، چىرايلىق كۆن - خۇرۇم، قېيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن ياسالغان نەرسە - كېرەك قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى بار. ئىنقىلابىي يادىكارلىقلار كۆرگەزمىخانىسىدا نۇرغۇن ئىنقىلابىي يادىكارلىقلار ئارقىلىق موڭغۇل خەلقىنىڭ ئىچكى موڭغۇل رايونىنىڭ مىللىي ئىنقىلاب دەۋرىدىكى ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە سۇييۈەندىكى «19 - سېنتەبىر» تىنچ يول بىلەن ھەقىقەتكە قايتىش تەسۋىرلەنگەن رەسىم، داچىڭشەن ياپونىيە باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بازىسىدىكى قوماندان ياۋ جېنىڭ جەڭ خاتىرىسى قاتارلىق قىممەتلىك ئىنقىلابىي يادىكارلىقلار بار. |