شەنشى ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شىئەن شەھىرى تارىختا غەربىي جۇ سۇلالىسى، چىن سۇلالىسى، خەن سۇلالىسى، ئالدىنقى جاۋ (ھونلار) سۇلالىسى، ئالدىنقى چىن (دىلار) سۇلالىسى، كېيىنكى چىن (چاڭلار) سۇلالىسى، شيا (ھونلار) سۇلالىسى، غەربىي ۋېي (سىيانپىيلار) سۇلالىسى، شىمالىي جۇ (ھونلار) سۇلالىسى، سۈي سۇلالىسى، تاڭ سۇلالىسى قاتارلىق11 سۇلالە - بەگلىكنىڭ پايتەختى بولغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا داڭلىق شەھەر ھېسابلىنىدۇ. شەنشى ئۆلكىلىك مۇزېي ئەسلىدىكى «شىئەن تاش ئابىدىلىرى» ئاساسىدا، كۇڭزى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئورنىدىن پايدىلىنىپ سېلىنغان. مۇزېيدا شەنشىدىكى3000 دىن ئارتۇق ئېسىل مەدەنىي يادىكارلىق ۋە باشقا كۆرگەزمە بۇيۇملار قويۇلغان بولۇپ، «تارىخىي كۆرگەزمىلەر»، «تاش ئويما سەنئىتى» ۋە «تاش ئابىدىلەر» دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن. «تارىخ كۆرگەزمىسى» دە ئاساسلىقى غەربىي جۇ سۇلالىسى، چىن سۇلالىسى، غەربىي خەن سۇلالىسى، سۈي سۇلالىسى، تاڭ سۇلالىسىدىن ئىبارەت بەش سۇلالىنىڭ دەۋرلەر تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ يەرگە قويۇلغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئىچىدە يېغىلىق دەۋرىدە تولىمۇ سىپتا ئىشلەنگەن ئەسكەر يۆتكەش يارلىقى بار بولۇپ، يارلىققا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن40 خەت ئويۇلغان، ئۇنىڭدا ئەسكەر يۆتكەش ئوبيېكتى ۋە دائىرىسى بايان قىلىنغان، ئۇ قەدىمكى دەۋردىكى سەركەردىلەرنىڭ ئەسكەر يۆتكەشتە ئىشلىتىدىغان بىر خىل خەت - ئالاقىسى ھېسابلىنىدۇ. تاڭ دەۋرىگە تەۋە مەدەنىي يادىكارلىق بولغان تەشمە نەقىشلىك كۈمۈش شارچە يۇقىرى - تۆۋەن ئىككى دانە يېرىم شارچىدىن تەركىب تاپقان، دىئامېتىرى5 .4 سانتىمېتىر كېلىدۇ. شارنىڭ قانداق ئايلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىچىدىكىسى يەنىلا تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالايدۇ، قىسقىسى، ئۇ تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان. »تاش ئويما سەنئىتى كۆرگەزمىخانىسى« غا خەن، تاڭ سۇلالىلىرىگە تەۋە70 تىن ئارتۇق قىممەتلىك چوڭ تاش ئويما قويۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي خەن سۇلالىسىگە تەۋە ئىككى ھايۋاننىڭ تاش ھەيكىلى، تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە زوڭزىيىپ ئولتۇرغان شىرنىڭ تاش ھەيكىلى، تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە چامباشچىنىڭ تاش ھەيكىلى ۋە بۇدساتۋانىڭ تاش ھەيكىلى قاتارلىقلار بار. بۇدساتۋانىڭ باش قىسمى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بوينىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ئويمىچىلىق ھۈنىرىدە كېتىپ قالغان كەمتۈكلۈك كىشىگە پارىژ لۇف گۈزەل سەنئەت سارىيىدىكى بىر بىلىكى يوق ۋېناسنىڭ ھەيكىلىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ يەرگە يەنە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بولغان دۇنياغا داڭلىق تاش ئويما «شاۋلىڭدىكى ئالتە تۇلپار» نىڭ تۆتى قويۇلغان. بۇ تاش تۇلپارلار تولىمۇ جانلىق، سىپتا ئويۇلغان (قالغان ئىككى تاش تۇلپار1914 - يىلى چەت ئەلگە بۇلاپ كېتىلگەن). «تاش ئابىدىلەر» ئېلىمىز بويىچە ھازىرغا قەدەر تاش ئابىدە ئەڭ كۆپ ساقلىنىپ قالغان جاي بولۇپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان1000 پارچىدىن ئارتۇق تاش ئابىدە ۋە قەبرە تېشى تىزىپ قويۇلغان. بۇلار ئالتە تاش ئابىدە ئۆيى، يەتتە كارىدور ۋە بىر ئابىدە راۋىقىغا تارقالغان. تاش ئابىدىلەرگە تارىختا ئۆتكەن داڭلىق خەتتاتلارنىڭ ھۆسنخەتلىرى ئويۇلغان بولۇپ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتى خەزىنىسى ھېسابلىنىدۇ. تاش ئابىدىلەرنىڭ بېشى، ئىككى تەرىپى ۋە ئاستى تەرىپىگە ئويۇلغان نەقىشلەر گۈزەل سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆرنىكى بولۇپ قالغان. ئابىدىلەرنىڭ مەزمۇنى ھەر خىل تارىخىي ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە114 دانە ئابىدە تاشتىن تەركىب تاپقان «كەيچېڭ تاش دەستۇرى» چوڭ تىپتىكى تاش كىتاب ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ. |