كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

مۇزېيى - مۇزېيى - جۇڭگو خەلق ئىنقىلابى ھەربىي مۇزېيى سىزنىڭ ئورنىڭىز:

جۇڭگو خەلق ئىنقىلابى ھەربىي مۇزېيى

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-24 10:50:20 كۆرۈلىشى: 40



  جۇڭگو خەلق ئىنقىلابى ھەربىي مۇزېيى1959  - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ مەخسۇس جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ھەربىي تارىخىنى كۆرگەزمە ۋە تەتقىق قىلىدىغان مۇزېيدۇر. بۇ مۇزېيدا نۇرغۇن كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئارقىلىق،1927  - يىلىدىكى «1 - ئاۋغۇست» نەنچاڭ قوزغىلىڭىدىن كېيىن، خەلق ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇزاق مۇددەت قوراللىق كۈرەش قىلغانلىقىدەك مول تەجرىبىسى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى قوغداش، ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسى نامايان قىلىنغان.
  ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش كۆرگەزمىخانىسىدا ئاساسلىقى1927  - يىلى8  - ئايدىن1937  - يىلى7  - ئايغىچە بولغان مەزگىلدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى، ئىنقىلابىي بازا قۇرغانلىقى، ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت ئورناتقانلىقى ۋە يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى ئېلىپ بارغانلىق تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ يەرگە نەنچاڭ قوزغىلىڭى، كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى، گۇاڭجۇ قوزغىلىڭى ۋە جايلاردىكى قوراللىق قوزغىلاڭلاردا ئىشلىتىلگەن قوراللار، پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ ئەسەرلىرى، قوليازمىلىرى، جەڭ داۋامىدىكى بۇيرۇق ۋە تېلېگرامما قاتارلىقلار تىزىپ قويۇلغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى كۆرگەزمىخانىسىدا، كىشىلەر نۇرغۇن كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ۋە رەسىملىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ ئېلىمىزدە قىرغىنچىلىق ۋە تالان - تاراج قىلغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن جىنايى پاكىتلارنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرغانلىقىدەك شانلىق تارىخىنى بىلىۋالالايدۇ. ئۈچىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش كۆرگەزمىخانىسىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ جۇڭگو خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ گومىنداڭ بىلەن ئېلىپ بارغان، تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى ئوخشاش بولمىغان ئىككى قېتىملىق ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي ئەھمىيىتى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدۇ. بۇ يەردە يەنە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ بەزى ھالقىلىق ئۇرۇشلار ھەققىدە بەرگەن يوليورۇقى، بۇيرۇقى ۋە مۇناسىۋەتلىك قوليازمىلىرى، خەلق ئارمىيىسىنىڭ گومىنداڭ ئارمىيىسىدىن ئولجا ئالغان، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ئېغىر ۋە يېنىك تىپتىكى قوراللار ۋە باشقا ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى بار.
  قورال - ياراغ كۆرگەزمىخانىسى قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىشلىتىلگەن ھەر خىل قورال - ياراغلارنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى، بۇ يەردە كۆرگەزمە قىلىنغان ھەر خىل قەدىمكى قورال - ياراغلار، ئېغىر ۋە يەڭگىل تىپتىكى زامانىۋى قورال - ياراغلار ۋە تانكا، كېمە، ئايروپىلان، پاراخوت، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارنى كۆرۈپ ئۈلگۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ يەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ياش - ئۆسمۈرلەر چوقۇم ھەيران قالىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316