ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:ئۆگتىش سەھنىسى - بىئولوگىيە | - كىتلارنىڭ كوللېكتىپ ئۆلۈۋېلىشىدىكى سىر

كىتلارنىڭ كوللېكتىپ ئۆلۈۋېلىشىدىكى سىر

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 18:35:39 كۆرۈلىشى: $$访问$$



  1985 - يىل12  - ئاينىڭ22  - كۈنى ئەتىگەندە، فـۇجـيـەن ئۆلـكـىـسـى داشۇيئاۋ قولتۇقىدا  بىر توپ كاتودون كىتى كۆتۈرۈلگەن دولقۇن بىلەن بىرلىكتە دېڭىز ساھىلىغـا چىقىپ، تېيىز سۇغا پېتىپ قالغان، بېلىقچىلار تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنـىـپ، ھەتـتـا مـاتـورلـۇق كېمىلەرنى ئىشقا سېلىپ كىتلارنى سۆرەپ دېـڭـىـزغـا چۈشۈرگەن. لېكىن، بۇ كىتلار قايتىدىن ساھىـلـغـا چىقىۋالغان، دېڭىز سۈيى پەسەيگەندە ئۇزۇنلۇقى12  ~15  مېتـىـر كـېلـىـدىغان بۇ12  كاتودون كىتى جېنىدىن جـۇدا بـولـغان. بـۇ، ئېلىمىزدە خاتىرىلەنگەن كاتودون كىتىنىڭ كوللېكتىپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسىدۇر.
  كىتلارنىڭ كوللېكتىپ ئۆلۈۋېلىشى دۇنيادا كـۆپ ئۇچرايدۇ.1970  - يىل1  - ئاينىڭ11  - كۈنى ئامېرىـكـىـنـىـڭ فـلـورىـدا شتاتىغا يېقىن دېڭىز قىرغىقىدا نەچچە يۈز كىت ساھىلغا چىـقىـپ بىرلىكتە ئۆلۈۋالغان. شۇ يىلى3  - ئاينىڭ18  - كۈنى يـېـڭـى زېلانـدىـيـىـنـىـڭ ئوككىتا دېگەن يېرىدىمۇ كىتلارنىڭ كوللېكتىپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقـەسـى يـۈز بەرگەن. ئەنگلىيىنىڭ بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيىنىڭ كىتلارنىڭ ئۆلۈۋېلىشى توغرىسىدىكى خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا،1913  - يىلىدىن بۇيان تېيىز سۇدا ئۆلۈۋالغان كىتلارنىڭ ئومۇمىي سانى10  مىڭدىن ئاشىدۇ.
  سىياھبېلىقلاردىمۇ بەزىدە كوللېكتىپ ئۆلۈۋېلىش قىلىقى كۆرۈلىدۇ.1976  - يىل10  - ئايدا ئامېرىكىنىڭ كۆب تۇمشۇقى پورتىدىكى دېـڭـىـز ساھىلىدا توساتتىنلا نەچچە مىڭلىغان سىياھبېلىق قىرغاقـقـا چىقىپ كوللېكتىپ ئۆلۈۋالغان. بۇ ۋەقە ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقـىـنـى بـويلاپ شىمالغا كېـڭـەيـگـەن،11  - ئايـدا كـانـادادىـكـى لابـرادور يـېـرىـم ئارىـلـى ۋە نېۋفوندلاند ئارىلىدا نەچچە ئون مىڭلىغان سىياھبېلىـقـنـىـڭ قـۇرۇقـلـۇقـقـا چىقىپ ئۆلۈۋېلىشىدەك غەلىتە ۋەقە يۈز بەرگـەن. بـۇ غـايـەت زور ئاپەت ئىككى ئايدىن كۆپرەك داۋاملىشىپ،12  - ئاينىڭ ئوتتۇرىـلـىـرى ئانـدىـن جىمىققان.
  دېڭىز - ئوكيان ھايۋانلىرىنى ئۆلۈۋېلىشقا زادى نېمـە مەجبۇر قىلدى؟ دېڭىز - ئوكيان بىئولوگلىرى بـۇ ھايـۋانلار مـەلـۇم خـىـل يۇقۇملۇق كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ، ئاغـرىققـا بـەرداشـلىق بېرەلمەي ئۆلۈۋالغان، دەپ گۇمان قىلغان، بىراق خىـمـىيىلىك ئانالىزلاردىن ھېچقانداق كېسەللىكنىڭ يوقلۇقى ئىسپاتلانغان.
  بەزى دېڭىز - ئوكيان بىئولوگلـىـرى دېـڭـىز - ئوكـيـانلاردىـكـى ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى بۇ دېڭىز - ئوكيان ھايـۋانـلـىـرىـنـى ئۆلتۈرگەن «مەخپىي قورال» دەپ قارايدۇ. بىراق، ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى زادى قانداق قىلىپ بۇ دېڭىز - ئوكيان ھايۋانلىرىنى خالىغانچە قىرغان؟ ئاتلانتىـك ئوكياندىكى شۇنچە ئۇزۇن دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسىدە ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى قانداق قىلىپ شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشـالىـغان؟ بـۇ سوئاللارغا ھازىر ھېچكىم ئېنىق بىرنەرسە دېيەلمەيدۇ.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر