باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
ئۆگتىش سەھنىسى
-
بىئولوگىيە |
-
دىنوزاۋرلارنىڭ نەسلى قۇرۇشىدىكى سىر
دىنوزاۋرلارنىڭ نەسلى قۇرۇشىدىكى سىر
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 18:35:15 كۆرۈلىشى: $$访问$$
ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدا ياشاۋاتقىنىغا2 −3 مىليون يىل بولۇپ قالـدى، بىراق بۇنى دىنوزاۋرلارنىڭ ياشاش تارىـخى بىلەن سېلىـشـتـۇرغـانـدا، قىسقىغىنا بىر دەقىقە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن تەخمىنەن230 مىليون يىلدىن100 مىليون يىل ئىلگىرى يەر شارى دىنوزاۋرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىـدى. دىـنـوزاۋرلار يـەر شارىدا100 مىليون يىلدىن ئارتۇق ياشىغان. بىراق، كېيىنچە نېمە سەۋەبتىندۇر يەر شارىدىن توساتتىنلا غايىب بولغان.
دىنوزاۋرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىـشـىدىكـى سـەۋەب زادى نـېـمـە؟ بۇ جانلىقلار تەرەققىيات تارىخىدىكى سىرلىق ئىش.
بەزى ئالىملار مۇنداق دەپ قارايدۇ: گۈللۈك ئۆسۈمـلـۈكـلـەر بـارلـىـقـقـا كەلگەندىن كېيىن، ئۆسۈملۈك ئىستېمـال قـىـلـىـدىـغـان دىـنـوزاۋرلارنىـڭ يېمەكلىك تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولغان، بۇنىڭ بىلەن بارلىق دىنوزاۋرلار يوقالغان. دىنوزاۋر ياشىـغان مـەزگـىـلـدە، ئۆسـۈمـلۈك دۇنياسىدا گىنكو دەرىخى، قارىغاي، ئارچا قاتـارلـىـق يـالـىـڭـاچ ئۇرۇقـلـۇق ئۆسۈملۈكلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇراتتى، ئۇلارنـىـڭ دىـنـوزاۋرغـا ھېچقانداق زىيىنى يوق ئىدى. تەخمىنەن بۇنىڭدىن120 مىليون يىـل ئىـلـگىـرى يـەر شارىدا گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر بارلىققا كېلىپ، زېمىننى رەڭـدار تـۈسـكە كىرگۈزدى، لېكىن ئۇ دىنوزاۋرغـا ئاپـەت ئېـلـىـپ كـەلـدى. گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەردە كۈچلۈك بىئولوگىيىلىك ئىشقار بولىدۇ، بىئولوگىيىلىك ئىشقارلار ئىچىدە نۇرغۇن خىللىرى دىنوزاۋرنىڭ فىزىئولوگىيىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇ ئىشقارلارنىڭ بەزىلىرى ئىـنـتـايىن زەھەرلىك بولىدۇ. دىنوزاۋرلار بىئولوگىيىلىك ئىشقار توكسىنلىرىنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، فىزىئولوگىيىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ ئاخىرىدا ئۆلىدۇ. بۇ قاراش مۇئەييەن ئاساسقا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن مۇكەممەل ئەمەس. مۇبادا، ئەڭ دەسلەپكى گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر زەھەرلىك بىئولوگىيىلىك ئىـشـقار بىلەن بىللە بارلىققا كەلگەن بولسا، نېمە ئۈچۈن گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر پەيدا بولۇپ50 نـەچـچـە مىليون يىلدىن كېيىن دىنوزاۋرلارنىڭ نەسلى ئاندىن قۇرۇپ كېتىدۇ؟
يەنە بەزى ئالىملار مۇنداق دەپ قارايدۇ: يەر شارىغا يېقىنلاشقـان ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشىدىن پەيدا بولغان غايەت زور ئېنېرگـىـيـە يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، بۇنىڭغا تروپىك بەلۋاغ ئىقلىمىغا ئادەتلەنگەن دىـنوزاۋرلار كـۆنـەلـمـىگەن، ئاخىرىدا نەسلى قۇرۇپ كەتكـەن. بـىـراق، گېئولـوگـىـيـىـدىكى نۇرغۇن ئىسپاتلاردىن مەلۇمكى، دىنوزاۋرلارنىڭ نەسلى قۇرۇغان چاغدا يەر شارىدا بىر مەزگىل ھاۋا قاتتىق ئىسسىق بولغان ھەمدە كۈچلۈك ئىقلىم ئۆزگىرىشى يۈز بەرمىگەن. شۇڭا، يۇقىرىدىكى قاراشتا روشەن يېتەرسىزلىكلەر بار.
بۇلاردىن باشقا، دىنوزاۋرنىڭ يوقىلىش سەۋەبى توغرىسىدا ماتېرىكلارنىڭ لەيلەپ يۈرۈشى، يەر شارى ماگنىت مەيدانىنىڭ تەتۈر ئايلىنىشى، ھاۋادىـكـى ئوكسىگېن مىقدارىنىڭ تېز كېمـىـيـىـشـى قـاتـارلىـق قـاراشلارمۇ مەۋجۇت. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە گۇمانلىق نۇقتىلار كۆپ، شۇڭا، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىزدىـنـىـشـكـە توغرا كېلىدۇ.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر