باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
ئۆگتىش سەھنىسى
-
بىئولوگىيە |
-
ھايۋانلارنىڭ يۆنىلىشنى پەرق ئېتىشىدىكى سىر
ھايۋانلارنىڭ يۆنىلىشنى پەرق ئېتىشىدىكى سىر
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 18:34:43 كۆرۈلىشى: $$访问$$
دۇنيادىكى نۇرغۇن ھايۋانلار يىراققا سەپەر قىلىـش جەھەتتە ئاجـايـىـپ ئىقتىدارغا ئىگە. مەسىلەن، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايـدىـغـان يـېـشـىـل دېڭىز تاشپاقىسى ھەر يىلى6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىـلـىـرى تـوپ - تـوپ بـولـۇپ، برازىلىيىـدىـن يـولـغـا چىقىدۇ. بۇ تاشپاقىلار ئىككى ئايـدىـن ئارتۇق يـول يـۈرۈپ،2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇسـاپىـنـى بـېـسـىـپ، ئاتلانـتـىـك ئوكـيـانـدىـكـى ئاسسېنسيون ئارىلىغا كېلىدۇ، ئۇلار شۇ جايدا تۇخۇملىغاندىن كېـيـىـن يـۇرتـىـغـا قايتىدۇ. ئىككى ئايدىن كېيىن كىچىك تاشپاقىلار تۇخـۇمـدىـن چـىـقـىـدۇ ۋە ئاتـا - ئانىلىرى ماڭغان مۇساپىنى بېسىپ يىراق برازىلىيىدىكى دېڭىز بويلىرىغا ئۈزۈپ بارىدۇ.
يىراققا سەپەر قىلىشتىكى بۇ خىل ئاجايىپ ماھارەتتە قـۇشلار تېخىمۇ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. جـۇغـى4 سـانـتـىـمـېـتـىـرلا كېلىدىغان شىمالىي قۇتۇپ قارلىغاچسىمان چايكىسى ئامېرىكىـدىـكـى يـېـڭـى ئېنگلاندتا ئۇۋا سېلىپ تۇخۇملاپ چۈجە چىقىرىدۇ،8 - ئايدا بالىـلـىـرىـنـى ئېلىپ جەنۇبقا ئۇچىدۇ،12 - ئايدا ئانتاراكتىدا قىتئەسىگە يېتىپ بارىدۇ، ئىككىنچى يـىـلـى ئەتىيازدا يەنە يېڭى ئېنگلاندقا قايتىپ كېلىدۇ، يىللىق ئۇچۇش مۇساپىـسى35 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
كىشىنى قىزىقتۇرىدىغىنى شۇكى، ئىنسانلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتـلـىـك بولغان ئۆي ھايۋانلىرىمۇ يىراق سـەپـەردە يـولـدىـن ئېـزىـپ قـالـمـاسلىقتەك ئىقتىدارغا ئىگە.
بۇ ھايۋانلار نېمىگە تايىنىپ يۆنىلىشنى پەرق ئېتىدۇ، يولنى تونۇيدۇ؟
ئالىملار ھەسەل ھەرىسى بىلەن كەپتەر ئۈستىدە تەجرىبە ئىشلەپ، بـۇ ئىـكـكـى خـىـل ھايۋاننىڭ يۆنىلىشنى پەرق ئېتىشىدىكى سىرنى دەسلەپكى قەدەمـدە ئېـچـىـپ بەردى. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئاۋسترىيىـلـىـك مـەشـھـۇر بـىئولـوگ فرىش20 - ئەسىرنىڭ40 - يىللىرى ھەسەل ھەرىسىنىڭ يـۆنـىـلـىـشنى پـەرق ئېتىشىدىكى ئاساسىي ئىقتىدارى ئۈستىدە بىر يۈرۈش تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق، ھەسەل ھەرىسىنىڭ قۇياشنى كومپاس قىلىپ يۆنىلىشـنـى پـەرق ئېـتىـدىـغـانـلىـقـىنى ئىسپاتلىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قۇياشنى پايدىلىنىش نۇقـتىـسى قـىـلـىـپ، «ئۇسسۇل ئويناش» ئارقىلىق باشقا ھەسەل ھەرىلىرىگە ئۆزى بايقىغـان گـۈل مەنبەسىگە بارىدىغان يولنى ئۇقتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
پوچتا كەپتىرى ئۈستىدىكى تەجرىبە ھايۋانلارنىڭ يـىـراقـقـا سـەپـەر قىلغاندا قۇياشنى كومپاس قىلىپ، يۆنىلىشنى پەرق ئېتىدىغانلىقـىنى يـەنـىـمـۇ ئىلگىرىلەپ ئىسپاتلىدى. ئالىملار مۇنداق تەجرىبە ئىشـلـىـگـەن: بـىـر تـوپ كەپتەرنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ غەربىي تەرىپىدىكى160 كىلومېتىر يىراقلىقتىـكـى بىر ئۆيـگـە قـامـاپ قويغان، چۈش مەزگىلىدە ئېلېكتر لامپۇچكىسىنى ياندۇرۇپ سۈبھى مەزگىلىگە تەقلىد قىلغان، ئاندىـن كەپتەرلەرنى قويۇپ بەرگەن، بۇ ۋاقىتتا قۇياش جەنۇبتا بولسىمۇ كەپتەرلەر بۇ سۈبھى ۋاقتـى، قـۇيـاش شـەرقـتە، دەپ ئويلاپ قۇياشقا ئاساسەن يۆنىلىشنى پـەرق ئېتىـپ شەرققە − ئۆيگە قاراپ ئۇچتۇق، دەپ جەنۇبقا قاراپ ئۇچقان.
ھەسەل ھەرىسى بىلەن كەپتەر قۇياش چىققان چاغلاردا يۆنىلىشنى ئوڭۇشلـۇق پەرق ئېتىپلا قالماستىن، قۇياش چىقمىغان، ھاۋا تۇتۇق كـۈنـلىـرىـمۇ ئۆزلىرىـنـىـڭ ماكانىغا توغرا قايتىپ بارالايدۇ. بۇنـىـڭـدىـن ئۇلاردا بـاشـقـا بـىـر يـۈرۈش يۆنىلىشنى پەرق ئېتىش سىستېمىسىنىڭ بارلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئالىـملار تەجرىبە ئارقىلـىـق ھەسـەل ھەرىـسـىـنـىـڭ مـاگـنـىـت مەيدانىغا ئىنتايىن سەزگۈر ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئامېرىكىلىق ئالىم ۋالـكـوت مۇنداق بىر تەجرىبىنى ئىشلىگەن: ئۇ ھەربىر كەپتەرگە ئۇچۇش سەپىرىدىكى ماگنىت مەيدانىنى ئىنتايىن تـوغـرا كـونتـرول قـىلالايـدىـغان كىچىك قالپاق كىيدۈرگەن. نەتىجىدە، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى كەپـتـەرلـەر مـاكـانـىـغـا قايتىپ بارالىغان، ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى تىزگىنلەش قالپىـقىدا شـىـمـالـىـي قۇتۇپ يۇقىرى تەرەپكە ئۆتۈپ قالغان ماگنىت مـەيـدانـى پـەيـدا بـولـغـانـدا، كەپتەرلەر قايتىپ كېلەلمىگەن؛ جەنۇبىي قۇتۇپ يۇقىرى تەرەپكە ئۆتـۈپ قـالـغـان ماگنىت مەيدانى پەيدا بولغاندا كەپتەرلەر ئۇدۇل قايتىپ كېلەلـىـگـەن، بـۇنىڭدىن كەپتەرنىڭ شىمالىي ماگنىت قۇتۇپىدىن پايدىلىنـىـپ يـۆنـىـلـىـشـنـى پـەرق ئېتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
ئالىملارنىڭ تەجرىبىلـىـرى ھەسـەل ھەرىـسـى بـىـلـەن كـەپـتـەرنـىـڭ يۆنىلىشنى پەرق ئېتىشتىكى سىرىنى دەسلەپكـى قـەدەمـدە ئېـچـىـپ بـەردى، بىراق، قۇياش، يۇلتۇزلارنىڭ ئورنى ۋاقىتقا ئەگىـشىپ ئۆزگـىـرىـدۇ، يەر ماگنىت مەيدانىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. شۇڭا، كـەپـتـەر بىلەن ھەسەل ھەرىسىنىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن قانداق قىلىپ يۆنىلىشنى پەرق ئېتىش قىلىقىنى تەڭشەيدىغانلىقى ھازىـرغىچـە سىر بولۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھايۋانلارنىڭ تۈرى كـۆپ، دېڭىز تـاشـپـاقىسى، ھاشارات ھەمدە كېپىنەك قاتارلىق يىراققا بارالايدىغان ھايۋانلارنـىـڭ نېمىگە تايىنىپ ماكانىغا قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىمۇ تېخى ئېچىلمىغان سىر.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر