ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:ئۆگتىش سەھنىسى - بىئولوگىيە | - ھايۋانلارنىڭ يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىشىدىكى سىر

ھايۋانلارنىڭ يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىشىدىكى سىر

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 18:33:58 كۆرۈلىشى: $$访问$$



  يەر تەۋرەش ئەڭ دەھشەتلىك تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ بـىـرى، ئىـنـسـانلار بۈگۈنگە قەدەر يەر تەۋرەشتىن تولۇق مەلۇمات بېـرەلـەيـدىـغـان ئۈنـۈمـلـۈك ئۇسۇلنى تاپالمىدى. بىراق، كىشىلەر يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرى نـۇرغـۇن ھايۋانلاردا بىنورمال ئىنكاسلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.1976
  - يىلى تاڭشەنـدىـكـى زور يـەر تـەۋرەشـتىـن بىر كـۈن ئىلگىرى، تاڭشەن رايونىنىڭ لۇەننەن ناھىيىسى ۋاڭدۇڭجۇاڭ كەنتىدىكـى ئاھالىلەر كېۋەزلىكتە چوڭ چاشقاننىڭ كىچىك چاشقاننى چىشلىـۋېـلـىـپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، كىچىك چاشقانلارنىڭ بىر - بىرىنىڭ قـۇيـرۇقىنى چىشلەپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقـىـنـى كـۆرگـەن. شـۇ چـاغـدا بەزىلەر «چاشقان ئۆي كۆچسە يەر تەۋرەيدۇ» دەپ غـۇلـغـۇلا قـىلـىـشـقان. تاڭشەن شەھىرى يىنگېجۇاڭ كەنتىدىكى بىر ئىت يەر تەۋرىگەن كېچىسى ئىگىسىنى ئۇخلىغىلى قويمىغان. ئىگىسى يـېـتىـشى بىلەنلا ئىت ئۆيگە كىرىپ قاۋىغان، ئىگىسـى ئۇنـى ھەيـدىـۋەتـسـە، ئۇ يـەنـە ھاۋشۇپ ئۆيگە كىرگەن، ھەتتا ئىگىسىنى چىشلىۋالغان، ئىگىسى بۇنىڭـدىـن ئىنتايىن خاپا بولۇپ قولىغا كالتەك ئېلىپ ئىتنى قوغلاپ چىقىشىغىلا يـەر تـەۋرىگەن.
  ئېلىمىز ئىلگىرى يەر تەۋرەشتىن بۇرۇن ھايۋانلاردا كۆرۈلىدىغان نورمالسىزلىقتىن پايدىلىنىپ، يەر تەۋرەشنى مۆلچەرلەپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.1967  - يىل7  - ئاينىڭ18  - كۈنى چـۈشتىن بـۇرۇن، تيەنجىن خەلق باغچىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئادەتتە سۇ تېگىدە يـاشـايـدىـغـان لاييېگەك، يىراق شەرق تاشپاقىسى قـاتارلـىـقلارنىـڭ توختىماي ئۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى؛ ئاق قۇنىڭ ئوڭدا يېتىۋېلىپ، سۇغا چۈشۈشكە ئۇنىمايۋاتقانلىقىنى؛ شـەرقـىـي شـىـمـال يـولـۋىـسـىـنـىـڭ روھسىزلىنىپ ھاڭۋېقىپ قالغانلىقىنى؛ شـىزاڭ قوتـىزىـنىـڭ دومىلاۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار بۇ ئەھۋاللارنى دەرھال شەھەرلىك يـەر تـەۋرەشـنـى كۆزىتىش ئىشخانىسىغا دوكلات قىلغان ھەمدە ئالدىن مەلۇمات ھەققىدىكى پىكرىنى ئوتـتـۇرىـغـا قويغان. نەتىجىدە، شۇ كۈنى چۈشتـىـن كـېـيىـن بـوخـەي دېڭىزىدا4 .7 بـال يـەر تەۋرىگەن.
  ئۇنداقتا، ھايۋانلاردا يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرى نېمە ئۈچـۈن بـىـنـورمـال ئىنكاس كۆرۈلىدۇ؟
  كۆپچىلىككە مەلۇمكى، يەر تەۋرەشتىن ئىلگـىـرى تـەۋرەش مـەنـبـەسى رايونىدىكى تاغ جىنسلىرىدا غايەت زور يەر بېسـىـمـىـنـىـڭ تـەسـىـرى تۈپەيلى كۈچلۈك فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك ئۆزگىرىش بولىـدۇ، شـۇنـىـڭ بـىـلـەن بىللە سادا (مېخانىكىلىق تەۋرىنىش)، نۇر، ئېلېكتر، ماگنىت ۋە ئىسسـىقـلىـق قاتارلىق فىزىكىلىق ھادىسىلەر يۈز بېرىدۇ.
  يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرىكى يەر ساداسى ھادىسىـسـى ھەمـمـىـگـە مـەلـۇم پاكىت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەجرىبە، تەتقىـقـات ۋە نـەق مـەيـدانـنـى كۆزىتىش ئارقىلىـق بـۇ ئاۋازلارنـىـڭ تـەۋرەش مـەنـبـەسى رايونىدىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ يېرىلىشىدىن پەيدا بولىدىغانلىقى بايقالدى. بۇنىڭـدىـن چـىـقـقـان ئاۋاز چاستوتىسى20  گـېـرتـسـتىـن20  مىڭ گېرتسقىچە بولغان ئادەم ئاڭلىيالايدىغان ئاۋازلار،20  مىڭ گېرتستىن يـۇقـىرى ئۇلـترا ئاۋاز دولقۇنى ۋە20  گېرتستىن تۆۋەن ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەمنىڭ قۇلىقى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ۋە ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنىغا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ، بىراق بەزى ھايۋانلار بـۇ ئاۋاز دولـقـۇنـلىرىغـا ئىنتايىن سەزگۈر بولىدۇ. مەسىلەن، بېلىقلار1  گېرتـسـتـىـن20  گېرتسقىچە بولغان ئىنفرا ئاۋازنى ئاڭلىيالايدۇ. يـەر تـەۋرەشـتـىـن ئىلگىرى ئالتۇنبېلىقنىڭ ئارامسىزلىنىپ، چىرقىراق ئاۋاز چىقىرىشى، ھەتـتـا بېلىق قاچىسىدىن سەكرەپ چىقىپ كېتىشى تەۋرەش مەنبەسىدىن چىـقـقـان ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى ياكى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلـىـك بولۇشى مۇمكىن.
  يەر نۇرىمۇ يەر تەۋرەشنىڭ بىر خىل بـېـشـارىـتى. يـەر نـۇرى رەڭگارەڭ بولۇپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ھايۋانلارنى غىدىقلـىـشـى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن. قـۇشلارنىڭ كۆرۈش نېرۋىسى ئالاھىدە تەرەققىي قـىـلـغـان، يـىـراقـنـى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىـغـان رەڭـلـەردىـن بـەك قورقىدۇ. يـەر تـەۋرەشـتـىـن ئىلگىرى قۇشلاردا بىنورمال ئىنكاسلارنىڭ كۆرۈلۈشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال، بۇ، يەر نۇرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بـولـۇشـى مۇمكىن.
  ھايۋانلارنىڭ يەر تەۋرەشنى ئالدىن سېزەلەيدىغانلىقى ئەمەلىيەت. بـىـراق، ھايۋانلاردىكى بىنورمال ئىنكاسنىڭ ھەمـمـىـسـىلا يـەر تـەۋرەشـتـىـن پـەيـدا بولمايدۇ، بۇلار ھاۋا رايىنىـڭ ئۆزگـىـرىـشـى، پـەسىللەرنـىـڭ ئالمىشىشى، تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ئۆزگـىـرىـشـى، بـېـقـىـشـنـىـڭ مـۇۋاپـىـق بولماسلىقى، قورقۇپ كېتىش ياكـى بـاشـقـا بـەزى فـىـزىئولـوگـىـيـىـلـىـك ئۆزگىرىشلەردىنمۇ پەيدا بولۇشى مۇمكـىـن. شـۇڭـا، ھايـۋانلار بـىـلـەن يـەر تەۋرەشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى تەتقىقات ھازىرچە ئىـزدىـنـىـش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، گەرچە بۇنىڭدا بەزى سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن سىرنىڭ تولۇق ئېچىلىشى تېخـى ناھايىتىمۇ يىراقتا.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر