ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:ئۆگتىش سەھنىسى - بىئولوگىيە | - ھايۋانلارنىڭ كۆزى

ھايۋانلارنىڭ كۆزى

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 18:33:26 كۆرۈلىشى: $$访问$$



    ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئاجايىپ بىر دۇنيا. ئىپتىدائىي ھايۋانلار ئىچىدە ئېۋگلېنانىڭ كۆزى ئەڭ ئاددىي، ئەڭ ئىپتىدائىي كۆزدۇر. ئۇنىڭ پۈتۈن تېنى بىرلا ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، كۆزى بىر ھالقىسىمان قىزىل رەڭلىك كۆز توچكىسىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، يورۇقلۇقنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنى سېزەلەيدۇ. كاۋاك ئىچلىك ھايۋان مېدۇزىنىڭ سېزىش ئاپپاراتى سېزىش قولى خالتىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ كۆزى سېزىش قولى خالتىسىغا جايلاشقان بىر قىزىل نۇقتا بولۇپ، پەقەت يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇنىلا پەرق ئېتەلەيدۇ.
    سىياھبېلىق (كاراكاتسىيە) نىڭ كۆزى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كۆز بولۇپ، كۆزىنىڭ ئالدى تەرىپىدە كۆز مۈڭگۈز پەردىسى، ئارقا تەرىپىدە كۆز ئېقى بولىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە رەڭلىك پەردە، كۆز قارىچۇقى، كرىستال تەنچە، كىرپىكسىمان مۇسكۇل قاتارلىق تۈزۈلۈشلەر بولىدۇ. قۇلۇلىنىڭ كۆزى باش قىسمىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى بىر جۈپ سەزگۈ مۈڭگۈزچىنىڭ چوققىسىغا جايلىشىدۇ، بۇ كۆز يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدەك كىچىك بولغاچقا، «يىڭنە تۆشۈكتەك كۆز» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا، قۇلۇلىنىڭ نىشاننى خىرە سېزىپ، ئاستا - ئاستا ئۆمىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس.
    مۇرەككەپ كۆز بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار (مەسىلەن، كىركەك قۇرت، يەنى مىڭئاياغ، ئۆمۈچۈك ۋە ھاشاراتلار) دا ئالاھىدە بولىدىغان كۆز. ئۇ نۇرغۇنلىغان كىچىك كۆزلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەربىر كىچىك كۆز ئاران كىچىك بىر قىسىم تەسۋىرنى سېزەلەيدۇ، نۇرغۇنلىغان ئالتە تەرەپ شەكىللىك كىچىك كۆزلەرنىڭ خۇددى ھەرە كۆنىكىدەك بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەن مۇرەككەپ كۆز بولسا بارلىق كىچىك كۆزلەر كۆرەلىگەن تەسۋىرلەرنى يىغىپ، بىر مۇكەممەل كۆرۈنۈشنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇ يەنە ئارىلىقى بىرقەدەر يىراق جىسىملارنى كۆزىتەلەيدۇ ھەمدە نىشاننى پەرق ئېتەلەيدۇ. ھاشاراتلارنىڭ كىچىك كۆزلىرى قانچىكى كۆپ بولسا، كۆرۈش ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، يىڭناغۇچ، چىۋىن قاتارلىق ھاشاراتلاردا مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىچىك كۆزلەر بولىدۇ.
    ھاشاراتلارنىڭ كۆزى گەرچە كۆپ بولسىمۇ، لېكىن كارغا كەلمەيدۇ، بەزىلىرى تېخى «رەڭ قارىغۇسى». رەڭگارەڭ تەبىئەت دۇنياسى ئۇلارنىڭ كۆزىدە ئاددىي كۆرۈنىدۇ. ھاشاراتلارنىڭ كۆزى ئومۇمەن ھەرىكەت قىلالمايدۇ، ئەمما يىڭناغۇچ، چىۋىنلەرنىڭ كۆزى بوينىنىڭ بۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ ئەركىن بۇرۇلالايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئالدى - ئارقىنى، ئوڭ - سول تەرىپىنى بىمالال كۆزىتەلەيدۇ. نەيزە قۇيرۇق قىسقۇچپاقىنىڭ كۆزى ناھايىتى ئالاھىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ تۆت كۆزى بار بولۇپ، ئىككى كىچىك كۆزى باش - كۆكرەك قاسىرىقىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلىشىپ، خۇددى سەزگۈر ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى قوبۇل قىلغۇچى ئاپپاراتقا ئوخشاش چوڭقۇر دېڭىزدىكى ئەڭ ئاجىز يورۇقلۇقنى قوبۇل قىلالايدۇ. باش - كۆكرەك قاسىرىقىنىڭ ئىككى يېنىدا بىر جۈپ چوڭ مۇرەككەپ كۆزى بار بولۇپ،1000  دىن ئارتۇق كىچىك كۆزلەردىن تەركىب تاپىدۇ. نەيزە قۇيرۇق قىسقۇچپاقىنىڭ مۇرەككەپ كۆزىنىڭ يورۇقلۇقنى يان تەرەپتىن تورمۇزلاش رولى بار بولۇپ، سۈرەتنىڭ كونتراستىنى (ئەكسى پەرقىنى) كۈچەيتەلەيدۇ. بۇ پرىنسىپنى تېلېۋىزور ئاپپاراتىدا قوللانسا سۈرەت تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدۇ.
    بېلىقلاردا كۆزنىڭ ئۆزگىرىشى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ دەريالىرىدا بىر خىل تۆت كۆزلۈك بېلىق بار. ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قەۋەت ئايرىغۇچى توغرا پەردە بار بولۇپ، كۆزنى ئۈستى، ئاستىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپى ئاسمانغا قارىسا، ئاستى تەرىپى سۇغا قارايدۇ. كامبالا بېلىقى دائىم دېڭىز ئاستىدا تۈز يېتىۋالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىككى كۆزى بىر يانغا جايلىشىدۇ. گەرچە بېلىقلارنىڭ كۆزىدە پەرقلەر ناھايىتى زور بولسىمۇ، لېكىن بارلىق بېلىقلارنىڭ كۆزى يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كۆز بولۇپ، ھەقىقىي كۆز قاپىقى بولمايدۇ، ياش بېزىمۇ بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەتلا ياش چىقمايدۇ.
    يېڭى زېلاندىيىدە بىر خىل ناھايىتى قەدىمكى يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان بار بولۇپ، شىنا چىشلىق كەسلەنچۈك دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئۈچ كۆز بار بولۇپ، بېشىنىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن كۆزى بولغاندىن سىرت، يەنە بىر كۆزى بېشىنىڭ چوققىسىغا جايلىشىدۇ. كۆرۈش ئىقتىدارى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاق - قارىنى پەرق ئېتەلەيدۇ. خامېلېئوننىڭ كۆزى چوڭ ھەم پۇلتىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ، ئىككى كۆزىنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالايدۇ، بىر كۆزى بىلەن ئالدىغا، يەنە بىر كۆزى بىلەن ئارقىغا قارىيالايدۇ.
    ھايۋانلار ئىچىدىكى «ئۆتكۈر كۆز» لۈكى بۈركۈت ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەر يۈزىدىن1000  مېتىر ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىدا پەرۋاز قىلىپ تۇرۇپ، كىچىك ھايۋانلارنىڭ يەر يۈزىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. ئالىملار بۈركۈتنىڭ كۆزى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۈركۈتنىڭ كۆزىنىڭ پەرق ئېتىش ئۈنۈمى تۆۋەن، كۆرۈش دائىرىسى كەڭ قىسمى بىلەن نىشاننى ئىزدەيدىغانلىقىنى، پەرق ئېتىش ئۈنۈمى يۇقىرى، كۆرۈش دائىرىسى تار قىسمىنى تېپىلغان نىشاننى ئىنچىكىلىك  بىلەن كۆزىتىشكە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر بۈركۈت كۆزىنىڭ تۈزۈلۈشىگە تەقلىد قىلىپ بىر خىل  ئېلېكترونلۇق بۈركۈت كۆزى ياساپ چىقساق، ئۇچقۇچىلارنىڭ كۆرۈش دائىرىسى زور دەرىجىدە كېڭىيىپ، كۆرۈش سېزىمىنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولاتتى.
    ھايۋانلار كۆزىنىڭ تۈزۈلۈشى، رەڭنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ. ئىت ۋە مۈشۈك ئاساسەن رەڭنى پەرق ئېتەلمەيدۇ؛ ئېتىز چاشقىنى، ئۆي چاشقىنى ۋە ئۆي توشقىنى قاتارلىقلارمۇ رەڭ قارىغۇسى. مايمۇن، ئورانگۇتانلارنىڭ رەڭنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ، سەزگۈرلۈك دەرىجىسىمۇ ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇغىنىڭ كۈل رەڭنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، شۇنىڭ ئۈچۈن كۈل رەڭ بۆرىنىڭ ھۇجۇمىدىن تېز قېچىپ قۇتۇلالايدۇ.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر