ئەزا بولۇش پارول

كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:ئۆگتىش سەھنىسى - بىئولوگىيە | - ھايۋانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى

ھايۋانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 18:32:32 كۆرۈلىشى: $$访问$$



  توخۇ ياكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنى سىلىسىڭىز ئىسسىق تۇيۇلىدۇ؛ بىراق بېلىق، پاقا قاتارلىق قوش ماكانلىقلار، يەر بېغىرلىغۇچىلارنى سىلىسىڭىز سوغۇق تۇيۇلىدۇ. توخۇ ياكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدىغان مۇكەممەل مېخانىزمى بار بولۇپ، مۇھىت تېمپېراتۇرىسى ئۆزگەرگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلىيالايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار ياكى ئىسسىق قانلىق ھايۋانلار دەپ ئاتىلىدۇ. بېلىقلار، قوش ماكانلىقلار، يەر بېغىرلىغۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار ياكى سوغۇق قانلىق ھايۋانلار دەپ ئاتىلىدۇ.
  قۇشلار ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن باشقا ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى سىرتقى ياشاش مۇھىتىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ياز كۈنلىرى يىلاننىڭ سەھەر مەزگىلىدىكى بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃25 بولىدۇ. ئەمما، كۈن تازا ئىسسىغان چۈش مەزگىلىدە شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ℃40 قا چىقىدۇ. ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدە گەرچە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدىغان مۇكەممەل مېخانىزمى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرا ياكى ھەددىدىن ئارتۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى بولىدۇ. ئۇلار ھاۋا تېمپېراتۇرىسى جىددىي ئۆزگىرىدىغان مۇھىتتا يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۆزىنى يوشۇرۇۋالىدۇ. مەسىلەن، ھاشاراتلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار كۆپىنچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىغان سەھەر ۋاقتىدا ئانچە ھەرىكەت قىلماي، كۈن نۇرى تولۇق چۈشىدىغان جايغا بېرىپ تېنىنى ئىسسىتقاندىن كېيىن ئاندىن ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بېلىقلار، قوش ماكانلىقلار قىش پەسلى كەلگەندە سوغۇق مۇھىتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن يېمەي، ئىچمەي قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىۋالىدۇ.
  دېڭىز تەرخىمىكى (ھولوتۇرىيە)، قۇلۇلە قاتارلىق ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار ھامان يازلىق ئۇيقۇ ئارقىلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
  تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلارنىڭ بەدىنى بەلگىلىك تېمپېراتۇرىنى ساقلايدۇ. قۇشلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە تەخمىنەن ℃37.0 ~ ℃6.44 دائىرىسى ئىچىدە بولىدۇ، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئادەتتە تەخمىنەن ℃25 ~ ℃73 بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇھىتقا بولغان بېقىنىشى ئازىيىدۇ. تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلارنىڭ تېنىدە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدىغان مۇكەممەل مېخانىزمى بولىدۇ. مەسىلەن، تەرەققىي قىلغان نەپەسلىنىش سىستېمىسى، ئايلىنىش سىستېمىسى، قېلىن تېرە - يۇڭلىرى، تەرەققىي قىلغان تەر بېزى قاتارلىقلار بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر تۈردىكى ھايۋاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۇراقلىقلىقىنى ساقلايدىغان ئۆزىگە خاس ئەپچىل چارىلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، ئىنتايىن سوغۇق جەنۇبىي قۇتۇپتا ياشايدىغان پىنگۋىن، تيۇلېن قاتارلىقلار قېلىن - قويۇق پەي - يۇڭلىرى ۋە قېلىن مېيى ئارقىلىق قاتتىق سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىدۇ؛ تروپىك بەلۋاغدا ياشايدىغان پىل بولسا ئەتىگەن، ئاخشاملىرى ھەرىكەت قىلىپ، چۈش مەزگىلىدە «سالقىنلايدۇ»، ئىسسىقلىقنى تېرىسى ئارقىلىق رادىئاتسىيىلىك تارقىتىدۇ، تېرىسى ئارقىلىق سۇ سىڭدۈرىدۇ ۋە تۆت چوڭ تاپىنى بىلەن تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر تۆۋەن يەرنى دەسسەش ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىل يۇيۇنۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، بەدىنىگە خارتۇمى بىلەن سۇ پۈركۈپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئەپچىللىك بىلەن چۈشۈرىدۇ. تروپىك بەلۋاغدا ياشايدىغان مايمۇن ئۇزۇن قۇيرۇقى ئارقىلىق ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىش يۈزىنى چوڭايتىپ ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ، ھاۋا سوغۇق كۈنلىرى يەنە شۇ قۇيرۇقى ئارقىلىق تېنىدىكى ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىدۇ. ھاۋا ئىسسىق ياز كۈنلىرى دائىم ئىتنىڭ ئۇزۇن تىلىنى چىقىرىۋېلىپ ھاسرايدىغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. چۈنكى، ئىتنىڭ تەر بەزلىرى تىلىدا بولغاچقا، تېنىدىكى ئىسسىقلىقنى پەقەت ئۇزۇن تىلى ئارقىلىقلا تارقىتىۋېتەلەيدۇ.
  تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار بەدىنىدىكى ئېنېرگىيە ماددىلىرىنى خورىتىش ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش مىقدارى سوغۇق قانلىق ھايۋانلارنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ. قۇشلار ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا توغرا كېلىدىغان يېمەكلىكلنى يېگەندىلا ئاندىن تۇراقلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلىيالايدۇ. ئېغىرلىقى ئوخشاش چوشقا بىلەن بوغما يىلاننى سېلىشتۇرغاندا، ئەگەر چوشقا ھەر كۈنى150  ئۈلۈش ئېنېرگىيە ماددىلىرىنى سەرپ قىلسا، يىلانغا بىر ئۈلۈش بولسىلا كۇپايە قىلىدۇ.
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر