باش بەت
بىلقۇت خەزىنسى
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
يېزىقچە ئەسەرلەر
باللار باغچىسى
دانىشمەن بېغى
ئۆگنىش سەھپسى
ياشلىرىمىز
قانۇن
تىبابىتمىز
تارىخمىز
مۇزىېي
ھېكايىلەر
بىــــز
چايخانا
مۇنبەر
ئەزا بولۇش
پارول
كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس
سىزنىڭ ئورنىڭىز:
ئۆگتىش سەھنىسى
-
بىئولوگىيە |
-
ھايۋانلارنىڭ تۈزۈلۈشى
ھايۋانلارنىڭ تۈزۈلۈشى
مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 18:31:18 كۆرۈلىشى: $$访问$$
تەبىئەت دۇنياسىدا تەخمىنەن1 مىليون500 مىڭ تۈردىن ئارتۇق ھايۋان بار، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئىپتىدائىي جانلىقلاردىن تارتىپ تاكى ناھايىتى زور مەخلۇق − كۆك كىتقىچە ھەممىسى ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، ھۈجەيرە ھايۋانلار تېنىنىڭ ئەڭ ئاساسىي تۈزۈلۈش بىرلىكىدۇر.
بەزى ھايۋانلاردا پەقەت بىرلا ھۈجەيرە بولسىمۇ، بارلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرى شۇ بىر ھۈجەيرە ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ، بۇ خىلدىكى ھايۋانلار بىر ھۈجەيرىلىك ھايۋانلار دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلاردۇر. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ھايۋانلار كۆپ ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ.
ھۈجەيرە توقۇلمىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ توقۇلمىلار ئەزالارنى تەشكىل قىلىدۇ؛ ئەزالار سىستېمىلارنى تەشكىل قىلغاندىلا ئاندىن ھايۋانلارنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.
ھايۋان تېنىدىكى ھۈجەيرىلەر ھامان شەكلى، تۈزۈلۈشى ئوخشاش ھەمراھلىرى بىلەن گۇرۇپپىلىشىپ، ئورتاق فۇنكسىيىنى زىممىسىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن توقۇلما شەكىللىنىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ تېنى (مەسىلەن، ئادەمنىڭ بەدىنى) ئومۇمەن تۆت چوڭ توقۇلمىدىن، يەنى ئېپىتېلىيە توقۇلمىسى، بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما، مۇسكۇل توقۇلمىسى ۋە نېرۋا توقۇلمىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئېپىتېلىيە توقۇلمىسى ئاساسلىقى قوغداش، ئاجرىتىپ چىقىرىش (سېكرىتسىيە)، سۈمۈرۈش ۋە چىقىرىش روللىرىنى ئۆتەيدۇ؛ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما تىرەپ تۇرۇش، تۇتاشتۇرۇش ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەشكە ئوخشاش كۆپ خىل رولغا ئىگە؛ مۇسكۇل توقۇلمىسى ئاساسلىقى قىسقىراش خۇسۇسىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ھەرىكەتتىن ئىبارەت؛ نېرۋا توقۇلمىسى مېڭە، يۇلۇننىڭ ئاساسىي تەركىبى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى تەسىرلەرنى قوبۇل قىلىش ھەمدە ھايۋان تېنى ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەشتىن ئىبارەت.
بىر خىل توقۇلما يەنە باشقا توقۇلمىلار بىلەن بىرلەشكەندىلا ئاندىن بەلگىلىك ھاياتلىق پائالىيەتلەرنى پەيدا قىلالايدۇ. ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى توقۇلمىلار بىرلىشىپ مۇئەييەن مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىككە ۋە مۇئەييەن فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىگە ئىگە تۈزۈلۈشنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇ، ئەزا دەپ ئاتىلىدۇ. ئەزانىڭ مۇئەييەن مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى بولىدۇ ھەمدە نىسپىي مۇستەقىل ھالدا بەزى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ.
يەككە - يېگانە ئەزا بەرىبىر ھايۋان تېنىنى قۇرالمايدۇ، شۇڭا ئۇلار رەتكە تىزىلىپ، ئوخشاش فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلەرنى ئورۇندىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىستېما شەكىللىنىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ئاغزى، قىزىلئۆڭگىچى، قېرىنى (ئاشقازىنى)، ئۈچىيى قاتارلىق ئەزالىرى ۋە ھەر خىل ھەزىم قىلىش بەزلىرى ئورگانىك ھالدا بىرلىشىپ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەندىلا، ئاندىن يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش رولىنى ئورتاق ئورۇندىيالايدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ تېنىدە، مەسىلەن، ھەرىكەت قىلىش سىستېمىسى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى، ئايلىنىش سىستېمىسى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، نېرۋا سىستېمىسى قاتارلىق نۇرغۇن سىستېمىلار بولىدۇ. بۇ سىستېمىلار ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇپ، بىر - بىرىنى چەكلەپ، ھەرقايسىسى ئوخشاش بولمىغان فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ ھەمدە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىشى، ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا پۈتۈن ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى ئورۇندايدۇ.
باھا يېزىش
بېسىپ چىقىرىش
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن تېملار
ئەڭ يېڭى رەسىملەر