19 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كىشىلەر ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئىراقتىن500 مىڭ پارچە لاي تاختىنى بايقىدى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىجىر - مىجىر ئاجايىپ بەلگىلەر ئويۇلغانىدى. بۇ بەلگىلەر قەدىمكى بابىلۇنلۇقلار ئىشلەتكەن يېزىق بولۇپ، ھازىر كىشىلەر ئۇنى »شىنا يېزىق« دەپ ئاتايدۇ. ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق لاي تاختىلارغا قەدىمكى بابىلۇنلۇقلار ئېرىشكەن بىلىملەر خاتىرىلەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ماتېماتىكا بىلىملىرىنىمۇ ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. قەدىمكى زاماندىكى كىشىلەر سانلارنى ئەڭ دەسلەپتە تاش پارچىسى، ئارغامچا تۈگۈنى ئارقىلىق، كېيىن بارماق ئارقىلىق خاتىرىلىگەن، يەنى بىر بارماق بىلەن1 نى، ئىككى بارماق بىلەن2 نى، … ئىپادىلىگەن، ساناپ10 غا كەلگەندە يېڭىدىن باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بابىلۇنلۇقلاردا ئونغا توشسا1 نى كۆڭۈلدە قالدۇرۇش ئۇقۇمى بارلىققا كەلگەن، ئاي بىر يىلدا12 قېتىم تولۇپ كەمتۈكلىشىدۇ، بىر قولدا5 بارماق بولۇپ،60 =5×12 بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ھەر60 تىن كېيىن بىرنى كۆڭۈلدە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت خاتىرىلەش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ▼ ئارقىلىق1 نى، < ئارقىلىق10 نى ئىپادىلىگەن،1 دىن9 غىچە بولغان سانلارنى ▼ نى مۇناسىپ قېتىم يېزىش ئارقىلىق،10 دىن50 كىچە بولغان سانلارنى < بىلەن ▼نى بىرلەشتۈرۈپ مۇناسىپ قېتىم يېزىش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. بۇ خىل سان خاتىرىلەش ئۇسۇلى كېيىنكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، بىز ھازىر قوللىنىۋاتقان ئونلۇق سىستېما ۋە ئاتمىشلىق سىستېما بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، ۋاقىت مىنۇت60 = سائەت1 سېكۇنت60 = مىنۇت1 دەپ بۆلۈنگەن. بابىلۇنلۇقلار يەنە نۇرغۇن ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىگەن ھەم ھەر خىل سانلىق جەدۋەللەرنى تۈزۈپ ھېسابلاشنى ئاسانلاشتۇرغان. كىشىلەر ئاشۇ لاي تاختىلاردىن بابىلۇنلۇقلارنىڭ كۆپەيتىش جەدۋىلى، ئەكس سانلار جەدۋىلى، كۋادرات ۋە كۇبلار جەدۋىلى، كۋادرات يىلتىز ۋە كۇب يىلتىزلار جەدۋىلى قاتارلىقلاردىن پايدىلانغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار يەنە ئالگېبرا ئۇقۇمىنىمۇ قوللانغان. بابىلۇن لاي تاختىسىدا يەنە مۇنداق بىر مەسىلە خاتىرىلەنگەن: ئاكا - ئۇكا10 بالا5/3 مىنا كۈمۈش (مىنا ۋە سېكىر قەدىمكى دەۋردىكى ئېغىرلىق بىرلىكلىرى بولۇپ، سېكىر60 = مىنا1 ) نى بۆلۈشمەكچى، ئۇلارغا بۆلۈنگەن كۈمۈش مىقدارى تەڭ ئايرىمىلىق سانلار ئارقىمۇئارقىلىقى تۈزىدىغانلىقى ھەمدە8 ىنچى بالا ئېرىشكەن كۈمۈش6 سېكىر ئىكەنلىكى مەلۇم بولسا، ھەربىرى ئېرىشكەن كۈمۈشنى تېپىڭ. ئالىملار مۇشۇنداق مىساللاردىن بابىلۇنلۇقلارنىڭ تەڭ ئايرىمىلىق سانلار ئارقىمۇئارقىلىقى ۋە تەڭ نىسبەتلىك سانلار ئارقىمۇئارقىلىقى ئۇقۇملىرىنى بىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. بابىلۇنلۇقلار گېئومېتىرىيىگە دائىر دەسلەپكى بىلىملەرنىمۇ ئىگىلىگەن، ئۇلار رەتسىز (ئۆلچەملىك بولمىغان) ئېتىزلارنى تىك تۆتبۇلۇڭ، ئۈچبۇلۇڭ ۋە تراپېتسىيە شەكلىدىكى ئېتىزلارغا بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ يۈزىنى ھېسابلىغان، شۇنىڭدەك ئاددىيراق ھەجىملەرنىمۇ ھېسابلىيالايدىغان بولغان. ئۇلار چەمبەر ئايلانمىسىنى تەڭ بۆلۈش ئۇسۇلىنىمۇ ناھايىتى پىششىق ئىگىلىگەن بولۇپ، چەمبەر ئايلانمىسىنىڭ دىئامېتىرغا نىسبىتى3 ≈π بولىدىغانلىقىنى تېپىپ چىققان، ئۇلار يەنە گوگۇ تېئورېمىسىنىمۇ ئىشلەتكەن. ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى كېيىنكىلەرنىڭ ماتېماتىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. |