كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - ماتېماتىكا | - سانلىق مىقدار ۋە شەكىلنى تەتقىق قىلىدىغان پەن سىزنىڭ ئورنىڭىز:

سانلىق مىقدار ۋە شەكىلنى تەتقىق قىلىدىغان پەن

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 12:10:14 كۆرۈلىشى: 20




بىر خىل تەبىئىي ماددا ھەققىدە «ھەممە يەردە بار، كۆرگىلى بولماس» دېگەن بىر قىزىقارلىق تېپىشماق بار بولۇپ، بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابى «ھاۋا» دىن ئىبارەت.
ماتېماتىكىمۇ خۇددى ھاۋاغا ئوخشاش ھەممىلا جايدا بار بولۇپ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىياپىتى، سايىسىنى ھېچكىم بىۋاسىتە ئېنىق كۆرەلمەيدۇ.
بىز توپ مۇسابىقىسىنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا، مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئەھۋالى نومۇر تاختىسىغا سان ئارقىلىق خاتىرىلىنىدۇ؛ بىز ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ساياھەتكە چىققىنىمىزدا، نومۇرغا قاراپ ئولتۇرۇشتىمۇ سانغا تايىنىمىز؛ ئىمتىھان قەغىزىگە نومۇر قويۇشتىمۇ ساندىن پايدىلىنىمىز؛ ئادەمنىڭ يېشى، ئېگىزلىكى، ئېغىرلىقى قاتارلىقلارنىمۇ سان ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز.
بىز كۆرۈپ تۇرغان كۈن، ئاي - يۇلتۇزلار، تاغ - دەريالار، گۈل - گىياھ، ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخلەر، بېلىق، ھاشارات، ئۇچار قۇش، ھايۋانلار، ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن، ئۇلۇغۋار سەددىچىن سېپىلىدىن كىچىككىنە قەلەمدان، قېرىنداش، ئۆچۈرگۈچلەرگە قەدەر، دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس شەكلى بولىدۇ.
ئالىملار سانلىق مىقدار بىلەن شەكىل شەيئىلەرنىڭ ئەڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى ئىكەنلىكى، شەيئىلەرنى بىلىش كۆپىنچە سانلىق مىقدار بىلەن شەكىلنى تەتقىق قىلىشتىن باشلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان. سانلىق مىقدار ۋە شەكىلنى تەتقىق قىلىدىغان پەن ماتېماتىكا دەپ ئاتىلىدۇ. دەرۋەقە، ماتېماتىكا تەتقىق قىلىدىغان سانلىق مىقدار ۋە شەكىلنىڭ مەنىسى كۈندىلىك تۇرمۇشتا تىلغا ئېلىنىدىغان مەنىسىدىن كۆپ چوڭقۇر ۋە كەڭ، ئۇ بىر پەن، شۇنداقلا ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ مۇھىم قورالى.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316