كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - مۇھىت | - تۇمان سۆڭگىسى ۋە يامغۇر سۆڭگىسى سىزنىڭ ئورنىڭىز:

تۇمان سۆڭگىسى ۋە يامغۇر سۆڭگىسى

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:33:01 كۆرۈلىشى: 11




تۇمان سۆڭگىسى ۋە يامغۇر سۆڭگىسى ئادەتتە قىرو دەپ ئاتىلىدۇ. سوغۇق قىش پەسلىدە يەر يۈزىگە يېقىن جايدا تۇمان بولۇپ، تۇمان ئىچىدىكى ئۇششاق سۇ تامچىلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃ 0 تىن تۆۋەن بولغان ۋاقىتتا، بەزى دەرەخ شاخلىرى، توك سىملىرى ياكى يەر يۈزىگە يېقىن جايدىكى جىسىملارنىڭ چوقچىيىپ چىققان قىسىملىرىدا قىروغا ئوخشايدىغان سۈتتەك ئاق قېتىشما ماددا بولىدۇ، مانا بۇ تۇمان سۆڭگىسى.
تۇمان سۆڭگىسى ئىككى خىل بولىدۇ: بىر خىلى، زىيادە سوغۇق تۇمان تامچىلىرى يەر يۈزىدىكى سوغۇق جىسىملارغا ئۇچرىغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە توڭلاپ دانچىسىمان كىچىك مۇز پارچىلىرىغا ئايلىنىدۇ، بۇ دانچىسىمان تۇمان سۆڭگىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى بىرقەدەر زىچ بولىدۇ. يەنە بىر خىلى، زىيادە سوغۇق تۇمان تامچىلىرىنىڭ قېتىشىشىدىن شەكىللەنگەن كرىستالسىمان تۇمان سۆڭگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى بىرقەدەر بوش بولىدۇ. سەللا تەۋرىنىشكە ئۇچرىسا ئاجرىلىپ چۈشىدۇ.
ئەگەر يەر يۈزىگە يېقىن جايدا بىر تەتۈر تېمپېراتۇرا قاتلىمى مەۋجۇت بولسا، يەنى تېمپېراتۇرا يەر يۈزىدىن يۇقىرى بوشلۇققا قاراپ ئېشىش ھالىتىدە بولسا، ئۇنداقتا بۇلۇتتىكى زىيادە سوغۇق يامغۇر تامچىلىرى تېمپېراتۇرىسى ℃0 تىن تۆۋەن بولغان يەر يۈزى ياكى دەرەخ شېخى، توك سىمى قاتارلىق جىسىملارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ۋاقىتتا، دەرھال توڭلاپ سۈزۈك ياكى يېرىم سۈزۈك مۇز قەۋىتىگە ئايلىنىدۇ، نەتىجىدە، دەرەخ شېخى ياكى توك سىمى قاتارلىقلارنى توم مۇز كالتەكلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بەزىدە يامغۇر تامچىسى بىر تەرەپتىن تامچىلاپ، بىر تەرەپتىن توڭلاپ، ئۇزۇن مۇز تۆۋرۈكلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، مانا بۇ يامغۇر سۆڭگىسى دەپ ئاتىلىدۇ. يامغۇر سۆڭگىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان يامغۇر توڭ يامغۇر دەپ ئاتىلىدۇ.
ئېلىمىزدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا يامغۇر سۆڭگىسى12  - ئايدىن كېلەركى يىلى3  - ئايغىچە بولغان مەزگىلدە كۆرۈلىدۇ. سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى ئېمېيشەن تېغى يامغۇر سۆڭگىسى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان جاي بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى2 .135 كۈن كۆرۈلىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغان يىلى167  كۈنگە يەتكەن. جىلىن ئۆلكىسىدىكى چاڭبەيشەن تېغى تۇمان سۆڭگىسى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان جاي بولۇپ، ھەريىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن9 .178 كۈن كۆرۈلىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغان يىلى187  كۈنگە يەتكەن.
يامغۇر سۆڭگىسى ئېغىر بولغاندا دەرەخ شېخى ۋە زىرائەتلەرنى سۇندۇرۇۋېتىدۇ، توك سىمىنى ئۈزۈۋېتىدۇ، قاتناشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، خېبېي ئۆلكىسىدىكى چېڭدېدا1977  - يىل10  - ئاينىڭ27  -28  - كۈنلىرى يۈز بەرگەن ئاز كۆرۈلىدىغان يامغۇر سۆڭگىسىدە600  مىڭ تۈپتىن كۆپرەك دەرەخ سۇنۇپ كەتكەن.
ئالدىنقىسى:مۆلدۈر
.كىيىنكىسى: ئۇچۇر تۈگىدى

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316