كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - مۇھىت | - مۆلدۈر سىزنىڭ ئورنىڭىز:

مۆلدۈر

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:30:10 كۆرۈلىشى: 14




مۆلدۈر كۈچلۈك راۋاجلانغان مۆلدۈرلۈك بۇلۇتتا شەكىللىنىپ يەر يۈزىگە چۈشىدۇ، شۇڭا ئۇ دائىم گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر بىلەن بىر ۋاقىتتا ياغىدۇ. يەر يۈزىگە چۈشكەن مۇز دانچىلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، چوڭلىرى تۇخۇمدەك، ياڭاقتەك، كىچىكلىرى سېرىق پۇرچاق ۋە گۈرۈچ دېنىدەك بولىدۇ. مەلۇم بىر يىلى ئېلىمىزنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى پىڭلياڭ رايونىدا بىر قېتىم قاتتىق مۆلدۈر ياغقان بولۇپ، ئەڭ چوڭ بولغان بىر دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى50  كىلوگرامدىن ئاشىدۇ.
مۆلدۈرلۈك بۇلۇت يامغۇرلۇق توپ بۇلۇتنىڭ بىر خىلى، ئۇ ئادەتتىكى يامغۇرلۇق توپ بۇلۇتقا ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ: مۆلدۈرلۈك بۇلۇتنىڭ بۇلۇت تۈۋى بىرقەدەر پەس بولۇپ، ئادەتتە يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى نەچچە يۈز مېتىرلا كېلىدۇ. ئەمما بۇلۇت چوققىسى ناھايىتى ئېگىز بولۇپ، ئون نەچچە كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇلۇت گەۋدىسى ناھايىتى ئېگىز ۋە قېلىن، كۆپىنچىسى تۇتۇق قىزىل رەڭدە ياكى سارغۇچ كۈل رەڭدە بولىدۇ.
مۆلدۈرلۈك بۇلۇتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوخشاش بولمىغان ئۈچ قاتلام بولىدۇ: بۇلۇت گەۋدىسىنىڭ ئاستى قىسمى سۇ تامچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىللىق بۇلۇتتىن ئىبارەت (تېمپېراتۇرىسى ℃ 0 تىن يۇقىرى)؛ بۇلۇت گەۋدىسىنىڭ ئۈستى قىسمى مۇز كرىستالى، قار چېچىكى ۋە زىيادە سوۋۇغان سۇ تامچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان سوغۇق بۇلۇت (تېمپېراتۇرىسى ℃ 0 تىن تۆۋەن، لېكىن توڭلىمىغان سۇ تامچىلىرى) دىن؛ بۇلۇت گەۋدىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى مۇز ۋە سۇ ئورتاق مەۋجۇت بولىدىغان رايوندىن ئىبارەت. بۇ خىل ھەم سۇ تامچىسى، ھەم مۇز كرىستالى، قار چېچىكى بولغان ئارىلاشما بۇلۇت گەۋدىسىدە سۇ پارى ناھايىتى ئوڭايلا مۇز كرىستالى ئۈستىدە بىۋاسىتە قېتىشىدۇ - دە، مۇز كرىستالى شىددەت بىلەن چوڭىيىپ مۇز دانچىسىغا ئايلىنىدۇ. مۇز دانچىلىرى1 .0 مىللىمېتىر ئەتراپىدا چوڭايغان ۋاقىتتا، بۇلۇتتىكى ۋېرتىكال ھاۋا ئېقىمىغا ئەگىشىپ ئۆرلەيدۇ ۋە تۆۋەنلەيدۇ. بۇلۇتتىكى يۇقىرى ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمى بىرقەدەر كۈچەيگەن ۋاقىتتا، مۇز دانچىلىرى بۇلۇتنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا ئۆرلەيدۇ، بۇ جەرياندا زىيادە سوۋۇغان سۇ تامچىلىرى مۇز كرىستالى ۋە قار چېچەكلىرى بىلەن سوقۇلۇپ تەدرىجىي كوندېنساتسىيىلىنىپ، ئاق رەڭلىك تۇتۇق مۇز يادروسىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ «مۆلدۈر تۆرەلمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇلۇتتىكى يۇقىرى ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمى ئاجىزلىغان ۋاقىتتا، بۇ مۇز يادروسى بۇلۇتنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىن تۆۋەنگە چۈشىدۇ. بۇلۇت گەۋدىسىنىڭ ئاستى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇز يادروسى بۇ جايغا كەلگەندە سىرتقى قەۋىتىدىكى قار - مۇزلار ئېرىپ سۇغا ئايلىنىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزى سۇ تامچىلىرى ئۇنىڭغا يېپىشىدۇ. مۇز يادروسى يۇقىرى ئۆرلىگەن كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمىغا يەنە ئۇچرىغاندا، يۇقىرى بوشلۇققا ئېلىپ چىقىلىدۇ، ئۇنىڭ سىرتىغا يېپىشقان بىر قەۋەت سۇ تامچىلىرى توڭلاپ بىر قەۋەت مۇز پوستىغا ئايلىنىدۇ. مۆلدۈرلۈك بۇلۇتتىكى يۇقىرى ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمى بەزىدە كۈچىيىپ، بەزىدە ئاجىزلىغاچقا، مۆلدۈر تۆرەلمىسى بىردەم كۆتۈرۈلۈپ، بىردەم تۆۋەنلەپ بىرقانچە قېتىمدىن ئون نەچچە قېتىمغىچە تەكرارلىنىش ئارقىلىق تەدرىجىي چوڭىيىدۇ ۋە ئېغىرلايدۇ. بۇلۇتتىكى يۇقىرى ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمى ئۇنى كۆتۈرەلمەيدىغان دەرىجىگە يەتكەندە، يەرگە يېغىپ بىز دائىم كۆرىدىغان مۆلدۈرگە ئايلىنىدۇ. مۆلدۈرلۈك ھاۋا رايى كۆپىنچە ياز پەسلىدىكى تىنچىق ئىسسىق بولىدىغان چۈشتىن كېيىن كۆرۈلىدۇ.
مۆلدۈر بۇزغۇنچىلىقى كۈچلۈك بىر خىل ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايى. ئېغىر مۆلدۈر ئاپىتى زىرائەت، مېۋىلىك دەرەخ ۋە سەي - كۆكتاتلارنى كەڭ كۆلەمدە ۋەيران قىلىدۇ، زىرائەتلەرنىڭ دېنىنى قېقىۋېتىدۇ، بەزىدە يەنە خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالىدۇ. ھازىر گەرچە سۈنئىي ئۇسۇلدا مۆلدۈردىن ساقلىنىش ۋە مۆلدۈرنى يوقىتىش چارىلىرى بولسىمۇ، ئەمما مۆلدۈر ئاپىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن بويسۇندۇرغىلى بولمايۋاتىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316