كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - مۇھىت | - قار سىزنىڭ ئورنىڭىز:

قار

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:29:40 كۆرۈلىشى: 9



قار يامغۇرغا ئوخشاشلا بۇلۇت تامچىلىرىنىڭ كوندېنساتسىيىلىنىشىدىن شەكىللىنىدۇ. بۇلۇت ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃ 0 تىن يۇقىرى بولغاندا، بۇلۇت ئىچىدە مۇز كرىستالى بولمايدۇ، پەقەت ئۇششاق سۇ تامچىلىرى بولىدۇ، بۇ چاغدا يامغۇر ياغىدۇ. ئەگەر بۇلۇتنىڭ ئىچى بىلەن بۇلۇت تېگىدىكى ھاۋانىڭ تېمپراتۇرىسى ℃ 0 تىن تۆۋەن بولسا، ئۇششاق سۇ تامچىلىرى كوندېنساتسىيىلىنىپ مۇز كرىستالى ۋە قار چېچىكىگە ئايلىنىپ يەرگە ياغىدۇ.
قار چېچىكى بىر خىل چىرايلىق كرىستال جىسىم، توپ - توپ قار چېچەكلىرى لەيلەپ چۈشۈش جەريانىدا ئۆزئارا بىرلىشىپ قار ئۇچقۇنىنى شەكىللەندۈرىدۇ. قار چېچىكىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئادەتتە05 .0 ~6 .4 مىللىمېتىر بولىدۇ. ئۇ ناھايىتى يەڭگىل بولۇپ، ئېغىرلىقى2 .0 ~5 .0 گراملا كېلىدۇ. قار چېچىكى مەيلى قانچىلىك يەڭگىل ۋە كىچىك، ئاجايىپ - غارايىپ شەكىللەردە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ كرىستالىنىڭ ھەممىسى قانۇنىيەتلىك ئالتە بۇلۇڭ شەكلىدە بولىدۇ. شۇڭا قەدىمكى كىشىلەر »گۈل - چېچەكلەرنىڭ كۆپىنچىسى بەش بۇلۇڭ، يالغۇز قار چېچىكىلا ئالتە بۇلۇڭ« دېگەن.
قار چېچىكىنىڭ شەكىل - ھالىتى ئۇ شەكىللەنگەن ۋاقىتتىكى سۇ پارى شارائىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بۇلۇتتىكى سۇ پارى مول بولماي، پەقەت مۇز كرىستالىنىڭ يۈزى زىيادە تويۇنغان ھالەتكە يەتسە، قېتىشىپ چوڭىيىپ تۈۋرۈكسىمان ياكى يىڭنىسىمان قار كرىستالىغا ئايلىنىدۇ؛ ئەگەر سۇ پارى كۆپرەك بولۇپ، مۇز كرىستالىنىڭ ئەتراپىمۇ زىيادە تويۇنغان ھالەتكە يەتسە، قېتىشىپ چوڭىيىپ ياپىلاق قار كرىستالىغا ئايلىنىدۇ؛ ئەگەر بۇلۇتتىكى سۇ پارى ناھايىتى مول بولۇپ، مۇز كرىستالىنىڭ يۈزى، يان تەرىپى، بۇرجىكى قاتارلىقلار زىيادە تويۇنغان ھالەتكە يەتسە، ئۇنىڭ ئۇچلۇق بۇرجىكى گەۋدىلىك بولىدۇ ھەمدە سۇ پارىغا ئەڭ تويۇنىدۇ، قېتىشىپ يېتىلىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ، شۇڭا كۆپىنچىسى يۇلتۇزسىمان ياكى شاخسىمان قار كرىستالىغا ئايلىنىدۇ.
بىز دائىم كۆرىدىغان قار ئاق رەڭدە بولىدۇ، ئەمما بەزىدە قىزىل، سېرىق، قارا، يېشىل، قوڭۇر رەڭلىك قارلارمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە مۇھىت ۋە شارائىت ئاستىدا شەكىللەنگەن. مەسىلەن، يىل بويى مۇز بىلەن قاپلىنىپ  تۇرىدىغان مـەڭـگۈلۈك قار - مۇز بەلۋىغىدا تەركىبىدە قىزىل پىگمېنت بولغان يۈسۈن تۈرىدىكىلەر كۆپ مىقداردا ئۆسىدۇ، ئاپئاق قار قىزىل يۈسۈنلەر تەرىپىدىن قىزىل رەڭگە كىرىدۇ؛ يېشىل قار ھەمىشە شىمالىي قۇتۇپ، سىبىرىيە ۋە ئالپ تېغى قاتارلىق جايلاردا كۆرۈلىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى يېشىل يۈسۈن تۈرىدىكى قار خلامىدوموناسى بىلەن قارغا باغلىنىپ ياشايدىغان يۈسۈنلەرنىڭ كۆپ مىقداردا كۆپىيىشىدىن شەكىللىنىدۇ؛ ئېلىمىزدىكى تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي بۆلىكى بىلەن چۆللۈكلەر ئۆزئارا تۇتاشقان رايونلاردا بەزىدە سېرىق رەڭلىك چاڭ - توزان ئاپئاق قارنى سېرىق رەڭگە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ - دە، سېرىق قار ياغىدۇ.
قار ئىنسانلارغا ئىنتايىن پايدىلىق، ئۇ ئالدى بىلەن زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق. قارنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناھايىتى ناچار بولغاچقا، تۇپراقتىكى ئىسسىقلىقنىڭ سىرتقا كۆپ مىقداردا تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ھەمدە سىرتتىكى سوغۇق ھاۋانىڭ بېسىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇڭا قارنىڭ قوغدىشىغا نائىل بولغان زىرائەتلەر قىشتىن بىخەتەر ئۆتەلەيدۇ. توپلانغان قارلار يەنە زىرائەتلەر ئۈچۈن زاپاس سۇ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قار تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ھەربىر لىتىر قار سۈيىنىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن5 .7 گرام نىترىدلار بولىدۇ. قار سۈيى تۇپراققا سىڭىپ كىرسە، بىر قېتىم ئازوت ئوغۇتى بىلەن ئوغۇتلىغانغا باراۋەر بولىدۇ. قار سۈيى بىلەن ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە زىرائەتلەرنى سۇغارسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
قار يېغىشنىڭ يەنە بىر پايدىسى ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن چاڭ - تۇزان ۋە باكتېرىيىلەر قار چېچەكلىرى بىلەن بىرگە يەر يۈزىگە چۈشىدۇ، بەزى ۋىرۇسلار توڭلاپ ئۆلىدۇ، كېسەل مەنبەسى ئازلايدۇ. قاردىن كېيىنكى ھاۋا يېڭى ۋە ساپ بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ناھايىتى پايدىلىق.
قارنىڭ ئىنسانلارغا پايدىلىق تەرىپىمۇ، زىيانلىق تەرىپىمۇ بار.3  -،4  - ئايلاردىكى باھار ئوتتۇرىسى مەزگىلىدە ئەگەر تۇيۇقسىز سوغۇق كىرىپ قاتتىق قار ياغسا، ئۈششۈك ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا دېھقانچىلىقتا: «دېكابىردىكى قارنىڭ پايدىسى كۆپ، باھاردىكى قار زىيانلىق» دېگەن گەپ بار.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316