كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆگتىش سەھنىسى | - مۇھىت | - يامغۇر سىزنىڭ ئورنىڭىز:

يامغۇر

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-11 11:29:07 كۆرۈلىشى: 13



ئاسماندا بۇلۇت بولغاندىلا يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئەمما بۇلۇتلارنىڭ ھەممىسىلا يامغۇر ھاسىل قىلىۋەرمەيدۇ. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، بىر كىچىك بۇلۇت تامچىسىنىڭ ھەجمى تەخمىنەن1  مىليون ھەسسە چوڭايغاندىلا، ئاندىن ئادەتتىكى چوڭلۇقتىكى بىر تامچە يامغۇر تامچىسىغا ئايلىنىپ يەر يۈزىگە ياغالايدىكەن.
بىر تال بۇلۇت تامچىسى تۆۋەندىكى ئىككى باسقۇچنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىلا، چوڭىيىپ يەر يۈزىگە ياغالىغۇدەك دەرىجىدىكى يامغۇر تامچىسى ياكى قار ئۇچقۇنىغا ئايلىنالايدۇ: بىرىنچىسى، كوندېنساتسىيىلىنىش ۋە قېتىشىپ چوڭىيىش جەريانى، بۇ خىل تەسىر بۇلۇت تامچىسىنىڭ چوڭىيىشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ؛ ئىككىنچىسى، بۇلۇت تامچىلىرىنىڭ سوقۇلۇپ قوشۇلۇپ چوڭىيىش جەريانى، بۇ خىل تەسىر بۇلۇت تامچىسىنىڭ چوڭىيىشىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.
يامغۇر تامچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بۇلۇت تامچىسى ئاساسلىقى بۇلۇت گەۋدىسىنىڭ ئەتراپىدىكى سۇ پارىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىشقا تايىنىپ كوندېنساتسىيىلىنىدۇ ياكى قېتىشىدۇ. ئەگەر بۇلۇت گەۋدىسى ئىچىدىكى سۇ پارى ئۈزلۈكسىز تەمىنلىنىپ ۋە تولۇقلىنىپ، بۇلۇت تامچىسىنىڭ يۈزى دائىم زىيادە تويۇنغان ھالەتتە تۇرسا، ئۇنداقتا بۇ خىل كوندېنساتسىيىلىنىش جەريانى داۋاملىشىدۇ - دە، بۇلۇت تامچىسى ئۈزلۈكسىز چوڭىيىپ يامغۇر تامچىسىغا ئايلىنىدۇ. ئەمما بەزىدە بۇلۇتنىڭ ئىچىدىكى سۇ پارىنىڭ مىقدارى چەكلىك بولغاچقا، بۇلۇت ئىچىدە سۇ پارى بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇلۇت تامچىسىنىڭ ھەممىسىلا چوڭىيالمايدۇ - دە، بىرقەدەر چوڭ بولغان يامغۇر تامچىسىغا ئايلىنالمايدۇ. بەزى كىچىكرەك بۇلۇت تامچىلىرى چوڭراق بۇلۇت تامچىلىرىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.
ئەگەر بۇلۇت ئىچىدە سۇ تامچىسى بىلەن مۇز كرىستالى ئورتاق مەۋجۇت بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇنداقتا كوندېنساتسىيىلىنىش ۋە قېتىشىپ چوڭىيىش جەريانى زور دەرىجىدە تېزلىشىدۇ. بۇلۇت تامچىلىرى چوڭىيىپ مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە، چوڭ بۇلۇت تامچىلىرىنىڭ ھەجىمى ۋە ئېغىرلىقى داۋاملىق ئاشىدىغانلىقى ئۈچۈن، تۆۋەنلەش جەريانىدا سۈرئىتى نىسبەتەن ئاستا بولغان كىچىك بۇلۇت تامچىلىرىغا يېتىشىۋېلىپلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپلىگەن ئۇششاق بۇلۇت تامچىلىرىنى «يۇتۇۋېلىپ» تېخىمۇ چوڭىيىدۇ. چوڭ بۇلۇت تامچىلىرى بارغانسېرى چوڭىيىپ ھاۋادا لەيلەپ تۇرالمايدىغان ھالەتكە يەتكەندە يەر يۈزىگە ياغىدۇ ۋە بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان يامغۇرغا ئايلىنىدۇ. بۇ خىل «سوقۇلۇپ بىرىكىش» جەريانى بۇلۇت تامچىلىرى يۇقىرى ئۆرلىگەن ۋاقىتتىمۇ ئوخشاشلا يۈز بېرىدۇ.
يامغۇرنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى كۆپ خىل بولىدۇ، شەكىل - ھالىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىدە سىم - سىم يامغۇر ياغسا، بەزىدە چېلەكلەپ قۇيغاندەك گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، بەزىدە ئاق يېغىن ياغسا، يەنە بەزىدە چوڭ يامغۇر تامچىلىرى تاراسلاپ چۈشىدۇ. ... بۇلاردىن باشقا يەنە توڭ يامغۇر، كىسلاتالىق يامغۇر، كېچىلىك يامغۇر، قۇرۇق يامغۇر، بۇلۇتسىز يامغۇر قاتارلىقلار بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ خىلمۇخىل، ئاجايىپ - غارايىپ.
مېتېئورولوگىيە خادىملىرى يامغۇر مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى ئۆلچەش ئۈچۈن يەر يۈزى كۆزىتىش مەيدانىدىكى ئوچۇق يەرگە دىئامېتىرى20  سانتىمېتىر كېلىدىغان مېتال نەيچىلىك يامغۇر ئۆلچىگۈچنى ئورناتقان، ئۇنىڭغا24  سائەت ئىچىدە يىغىلغان يامغۇر مىقدارى سوتكىلىق يامغۇر مىقدارى بولىدۇ، ئۇ مېنزۇركا ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مۇنداق بەلگىلىگەن: ئومۇمەن بىر سوتكا ئىچىدە ياغقان يامغۇر مىقدارى10  مىللىمېتىردىن تۆۋەن بولسا ئاز يامغۇر،10  ~25  مىللىمېتىر بولسا ئوتتۇراھال يامغۇر،25  ~50  مىللىمېتىر بولسا قاتتىق يامغۇر،50  مىللىمېتىردىن يۇقىرى بولسا قارا يامغۇر دېيىلىدۇ. تەيۋەن ئۆلكىسى ئېلىمىزدىكى قارا يامغۇر ئەڭ كۈچلۈك، يامغۇر مىقدارى ئەڭ كۆپ جاي.1967  - يىل10  - ئاينىڭ17  - كۈنى تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى شىنلياۋ رايونىدا يامغۇر مىقدارى1672  مىللىمېتىرغا يېتىشتەك رېكورت كۆرۈلگەن بولۇپ، ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى رېۋنىئون ئارىلىدىكى سوتكىلىق يامغۇر مىقدارى1870  مىللىمېتىرغا يېتىشتەك دۇنيا رېكورتىغا يېقىنلاشقان.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316